ئۇيغۇر مەكتەپلىرىدىكى تەن جازاسى ۋە ئاتا-ئانىلارنىڭ ئەندىشىسى (2)

0:00 / 0:00

فېيسبوك ۋە ئۈندىدار قاتارلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇلار ئارقىلىق مەلۇم بولغان ئۇچۇرلارغا قارىغاندا ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى بىر قىسىم باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇغۇچىلارغا تەن جازاسى قوللىنىش ھادىسىسى مەۋجۇت بولماقتا. بىز زىيارەت جەريانىدا سۆزلەشكەن بىر قىسىم ئۇيغۇر ئاتا-ئانىلارمۇ بۇ ئەھۋاللارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ھەمدە ئۆزلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى ئەندىشىلىرىنى ئىپادىلىدى.

ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى مەلۇم ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئىلمىي مۇدىرى ئۆز مەكتىپىدە لېنتىغا ئېلىنىپ قالغان ئوقۇتقۇچىنىڭ ئوقۇغۇچىلارنى ئۇرغان سىن كۆرۈنۈشىنىڭ راستلىقىنى ئېتىراپ قىلغاندىن كېيىن، ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوخشىمىغان دەرىجىدە مەۋجۇت بولۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارغا تەن جازاسى بېرىش ۋە ئۇنىڭغا ئالاقىدار مەسىلىلەر ھەققىدە بىز مەكتەپ سىرتىدىكى بىر قىسىم كىشىلەرنى زىيارەت قىلدۇق. بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر قىسىم ئاتا-ئانىلار ۋە مائارىپچىلار ئۆزلىرىنىڭ شەخسى پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى، شۇنداقلا تەلىم-تەربىيىدىكى ئۇسۇلنىڭ مۇھىملىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.

بۇ ھەقتە ئۇيغۇر مائارىپچىسى ئابدۇۋەلى ئايۇب پىكىر بايان قىلىپ ئۆتتى. ئۇ ئۆزىنىڭ ئۆتكەنكى تەجرىبىلىرىگە ئاساسەن تەربىيە ئۇسۇلىدىكى تاياق ئارقىلىق تەلىم بېرىشنىڭ ئۇسۇل جەھەتتىكى خاتالىقىنى كۆرسىتىش بىلەن بىرگە، بۇنىڭ، ھازىرقى خىتاي جەمئىيىتىدىكى مەسىلىلەرنى زورلۇق كۈچى ئارقىلىق ھەل قىلىش خاھىشىنىڭ ئېغىرلاپ كېتىۋاتقانلىقىنىڭ مائارىپ ساھەسىدىكى بىر تۈرلۈك ئىپادىسى، دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

زىيارەت جەريانىدا قەشقەردىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ھاجىگۈل خانىم ئۆز پەرزەنتىنىڭ مەكتەپتىكى ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ، ئۆزىنىڭ ئائىلە مۇھىتىدا مەۋجۇت بولمىغان بالىلارنى ئۇرۇش قىلمىشىنىڭ مەكتەپلەردە مەۋجۇت بولۇشىغا سۈكۈت قىلالمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ قارىشىچە، تەربىيە ئۇسۇلى ئارقىلىق مەسىلىنى چۈشەندۈرۈش تامامەن مۇمكىن ئىكەن.

غۇلجا شەھىرىدىكى ئېلياس ئەپەندى گەرچە مائارىپ ساھەسىدە خىزمەت قىلمىغان بولسىمۇ، ئۆزىنىڭ ھاجىگۈل خانىمغا ئوخشاش پىكىردە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ قارىشىچە، مەكتەپلەردىكى تەن جازاسىنى چەكلەش نىزاملىرى بۇ مەسىلىنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلالمىغان.

ئاخىرىدا ئابدۇۋەلى ئايۇب ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى ئائىلىلەردىمۇ مەۋجۇت بولۇۋاتقان ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلارغا قول تەگكۈزۈش ھادىسىسىنى مەكتەپلەردىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇغۇچىلارنى ئۇرۇشى بىلەن سېلىشتۇرۇشقا بولمايدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇنىڭ قارىشىچە، «ئانىسى تەپكەن موزاينىڭ جېنى ئاغرىماس» دېگەندەك ئوقۇغۇچىلار ئاتا-ئانىسىنىڭ تايىقىنى ئۇنتۇپ كېتەلىگەن بىلەن، ئوقۇتقۇچىسىنىڭ ئۇرغىنىنى ئاسانلىقچە يادىدىن چىقىرالمايدىكەن. شۇڭا بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلارنىڭ «مەن ياخشى نىيەتتە ئوقۇغۇچىلارنى ئۇردۇم» دەپ ئۆزلىرىنى ئاقلىشىنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدىكەن.

زىيارەت جەريانىدا ئۇيغۇر مەكتەپلىرىدە بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بۇ خىلدىكى ئوقۇغۇچىلارغا جىسمانىي جەھەتتىن قول تەگكۈزۈش قىلمىشىدىن باشقا يەنە ئاتالمىش «قوش تىل» سىنىپلىرىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ غۇرۇرىنى دەپسەندە قىلىش خاھىشىنىڭمۇ بەلگىلىك سالماقنى ئىگىلەيدىغانلىقى مەلۇم بولماقتا.