ئۇيغۇر ئېلى مائارىپىغا دائىر خەۋەرلەردىن مەلۇمكى، خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدا قوش تىل مائارىپىنى كۈچەيتىش ھەققىدە يەنىمۇ جىددىي تەدبىرلەرنى ئالماقتا.
خىتاي ھۆكۈمەت ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدىن شىنخۇا تورى ۋە خەلق تورى قاتارلىقلارنىڭ 20-ماي ئېچىلغان 2016-يىلى جەمئىيەتتىن ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ (ئالاھىدە مائارىپ مەكتىپىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ۋە بالىلار باغچىسى ئوقۇتقۇچىلىرىنى ئاشكارا تەكلىپ قىلىش ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلەپ خەۋەر تارقىتىشىچە، بۇ يىل ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى 11 مىڭ 853 ئوقۇتقۇچى تەكلىپ قىلىدىغان بولۇپ، ئىمتىھانغا تىزىملىتىش ۋاقتى 5-ئاينىڭ 20-كۈنى باشلانغان ئىمتىھان ۋە تاللاش ئومۇمىي خىزمەتلىرى 8-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە ئاساسىي جەھەتتىن ئاخىرلىشىدىكەن.
بۇ يىل تەكلىپ قىلىنىدىغان ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار قوش تىل ئالاھىدە ئىش ئورنى ئوقۇتقۇچىلىرى 3551، باشلانغۇچ مەكتەپ قوش تىل ئالاھىدە ئىش ئورنى ئوقۇتقۇچىلىرى 3647، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ قوش تىل ئالاھىدە ئىش ئورنى ئوقۇتقۇچىلىرى 942، ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى 3635، ئالاھىدە مائارىپ ئوقۇتقۇچىلىرى 78 ئىكەن.
ئىمتىھان بەرگۈچىلەر تىزىملىتىش نىزامى، ئىش ئورنى جەدۋىلى ۋە ئىمتىھان ئىزاھاتى قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارنى ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى تورى بىلەن ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى تورلىرىدا ئېلان قىلىنغان بولۇپ. «ئاشكارا بولۇش، ئادىل بولۇش، رىقابەتلىشىش، ئەلالىرىنى تاللاش» پرىنسىپىدا چىڭ تۇرىدۇ دەپ ئەسكەرتىلگەن.
بۇنىڭ ئالدىدا ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ «ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار ۋە ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ قوش تىل ئوقۇتۇشى خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر» «‹ئاپتونوم رايوننىڭ يېزا قوش تىل يەسلى ئوقۇتقۇچىلىرىنى تەكلىپ قىلىپ باشقۇرۇش چارىسى›نى بېسىپ تارقاتقانلىق توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش» (ش م ك [2009] 51-نومۇرلۇق) تىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى بىرلىكتە 2009-يىلى-1 ئايدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت «شىنجاڭنىڭ قوش تىل ئوقۇتۇشىغا ئوقۇتقۇچى تولۇقلاش پىلانى» نى ئېلان قىلىپ 6 يىل جەريانىدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەر قايسى ناھىيە، يېزا ۋە قىشلاقلىرىدا قوش تىل مائارىپىنى راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن 16 مىڭ ئوقۇتقۇچى تولۇقلايدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى.
2013-يىللىق شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ يېزا قوش تىل يەسلى ئوقۇتقۇچىلىرىنى جەمئىيەتكە يۈزلىنىپ ئاشكارا تەكلىپ قىلىش خىزمىتىنى تەشكىللەپ يولغا قويدى.
ئىگىلىشىمىزگە قارىغاندا، ئىچكىرى خىتايدىن يۆتكەپ كېلىنىۋاتقان قوش تىل ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ ئەسلىدىكى تەجرىبىلىك، قابىلىيەتلىك ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلار خىزمىتىدىن ئايرىلىۋاتقان بولۇپ، يېقىندا يەنە مەملىكەت بويىچە ئۇيغۇر ئاساسىي قاتلام مەكتەپلىرىگە ئوقۇتقۇچى قوبۇل قىلىدىغانلىق خەۋىرى تورلاردا تارقالغاندىن كېيىن ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلىرى ئارىسىدا«قايتا ئىمتىھان ئېلىپ خىتايچە دەرس ئۆتۈش ھۆددىسىدىن چىقالمايدىغانلارنى شاللايدىكەن» دېگەندەك ئەندىشە پەيدا بولغان. بۇ ھەقتە ئاقسۇدىكى 52 ياشلىق بىر يېزا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى ئۆزىنىڭمۇ ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
چۈنكى، بۇنىڭ ئالدىدا مائارىپ تورىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ قوش تىل مائارىپىغا مەسئۇل قىلىپ بېكىتكەن كادىرى ئەركىن تۇراخۇننىڭ «بىر قىسىم ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇتقۇچىلىرى يېشى چوڭ، خەنزۇ تىلى ئاساسى تۆۋەن قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلى قوش تىلدا ئوقۇتۇش خىزمىتىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمايۋاتىدۇ. ياش ۋە شەخسىي سەۋەبتىن ئوقۇتۇش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالالمايدىغان ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇتقۇچىلىرى داۋاملىق تۈردە مەكتەپتە قېلىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئىقتىدارى يېتىدىغان ئوقۇتۇش ۋە ئوقۇتۇش قوشۇمچە خىزمەتلىرى بىلەن شۇغۇللانسا بولىدۇ» دېگەندەك بايانلىرى بېرىلگەن ئىدى.
ئىنكاسلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ھازىرغىچە قوش تىل ئوقۇتقۇچىلىرىنى تولۇقلاش تەدبىرلىرى ئاساسەن دېگۈدەك ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن ئوقۇتقۇچىلارنى قوبۇل قىلىپ يۆتكەش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈۋاتقان بولۇپ خوتەندىكى مەلۇم بىر باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، مەكتەپلەر يېقىنقى يىللاردا قوش تىل نامىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان مائارىپتا ئەمەلىيەتتە خىتاي تىلىدا دەرس ئۆتىلىدىغان بىر تىللىق مائارىپ ئومۇملاشقاندىن كېيىن مائارىپ سۈپىتىنىڭ زور دەرىجىدە چېكىنىۋاتقانلىقىغا بولغان ئەندىشىسىنى ئىپادىلىگەن ئىدى.
خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان ئاتالمىش قوش تىل مائارىپىنى خەلقئارادا ئۆلچەملەشكەن قوش تىل مائارىپىغا سېلىشتۇرۇپ تەتقىق قىلىۋاتقان ئۇيغۇر مۇتەخەسسىس ۋە زىيالىيلاردىن ئامېرىكىدىكى دوكتور ئەركىن سىدىق ئەپەندى ۋە قازاقىستاندىكى فىلولوگىيە پەنلىرى دوكتورى ئالىمجان ھەمرايېفلارنىڭ كۆز قارىشىچە، ئۇيغۇر رايونىدا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان خىتاي تىلىنى ئاساس قىلغان يەككە تىللىق مائارىپ شەكلىنى قوش تىللىق مائارىپ دېيىشكە بولمايدۇ، ئاسسىمىلياتسىيەنى مەقسەت قىلغان بۇ خىل مائارىپ سىياسىتى كېيىنكى ئەۋلادلارنىڭ نورمال ئۆسۈپ يېتىلىشى ۋە ئۇيغۇر تىلى ۋە مەدەنىيىتىگە مۆلچەرلىگۈسىز زور زىيان ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن.
خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە،خىتاي ھۆكۈمىتى ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن ئۇيغۇر ئېلىغا ئوقۇتقۇچى يۆتكەشنى 2010-يىلىدىكى «شىنجاڭ سۆھبەت يىغىنى» دىن كېيىن كېڭەيتىپ ئەمەلىيلەشتۈرمەكتە.
ئىلگىرى خىتايچە سۇمۇرغ تورىنىڭ-2011 يىلى-23 فېۋرال خەۋىرىدىن، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ 2006-يىلىدىن باشلاپ، جەمئىيەتتىن قوش تىل ئوقۇتقۇچىلىرىنى قوبۇل قىلىش چاقىرىقىنىڭ تۈرتكىسىدە، 2010-يىلىغا قەدەر ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى مەكتەپلەرگە بەش يىل جەريانىدا يۆتكەلگەن قوش تىل ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ سانى 22 مىڭ 323 نەپەرگە يەتكەنلىكى ئاشكارىلانغان ئىدى. بۇلارنىڭ ئارىسىدا خىتاي ئوقۇتقۇچىلارنىڭ نىسبىتى ئېيتىلمىغان ئىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەرگە قارىغاندا يەنە 2010-يىلىدىن 2015-يىلغىچە، ئاپتونوم رايونىدا ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ۋە بالىلار باغچىسى ئوقۇتقۇچىلىرىدىن 72 مىڭ 600ئى تەكلىپ قىلىنغان.