يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمىدا مەكتەپلەردىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئازىيىپ كەتكەن

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2018.09.13
ottura-mektep-tizimlitish-jedwel.jpg تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇچۇرىنى ئىگىلەش جەدۋىلى.
RFA/Gulchehre

ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى مائارىپ سىستېمىسىدىن چەتئەلگە چىققان بىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن بىر ئاڭلىغۇچىمىزنىڭ رادىيومىزغا ئەۋەتكەن ئۇچۇرىغا قارىغاندا، يېقىنقى كۈنلەردە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ تارماقلىرى ئوقۇتقۇچى ۋە كادىرلارنى جەنۇبتىكى يېزا-كەنتلەرگە مەخسۇس مەجبۇرىيەت مائارىپنىڭ ئوقۇتۇش خىزمىتىنى راۋاجلاندۇرۇشقا ئەۋەتكەن ئىكەن. بۇنىڭغا يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمى باشلانغىلى ھەپتىدىن ئاشقان بولسىمۇ، لېكىن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى ئاساس قىلغان نۇرغۇن باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ كەملەپ كېتىشى ھەمدە مەكتەپ يېشىدىكى بالىلارنىڭ تولۇق تىزىملانماسلىقى ئاساسلىق سەۋەب بولغان ئىكەن.

مەزكۇر ئۇچۇر بەرگۈچى دائىرىلەرنىڭ مەكتەپكە تىزىملاشتا يېڭىدىن چىقارغان تىزىملاش جەدۋىلىنىڭ سۈرەتلىك كوپىيەسىنىمۇ تەمىنلىگەن بولۇپ، يېڭى تىزىملاش جەدۋىلىگە ئاتا-ئانىسىدىن باشقا ھامىيسى ۋە ئۇلارنىڭ سىياسىي سالاھىيىتى، ھازىر نەدىلىكى قاتارلىق ئۇچۇرلارنى تولدۇرۇش تەلەپ قىلىنغان ئىكەن.

«خىتاي مائارىپ گېزىتى» تورىنىڭ 12-سېنتەبىردىكى خەۋىرىدە ئۇيغۇر ئېلىدىكى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ يېقىنقى كۈنلەردە يەنە 10 مىڭ كادىرنى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىغا مائارىپ خىزمىتىگە ياردەم بېرىشكە جىددىي ئەۋەتىلگەنلىكى كۆرسىتىلگەن. خەۋەردە دېيىلىشىچە، بۇ يىلنىڭ ئۆزىدىلا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى يەنە 15 ئوقۇتقۇچىنى ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ كۇچا ناھىيەسىگە ياردەمگە ئەۋەتكەن. «قوش تىل مائارىپى» نىڭ يۈرۈشۈشى ئۈچۈن دائىرىلەر بىڭتۇەندىن ئون مىڭ ئادەمنى جەنۇبتىكى ۋىلايەت ۋە بىر ئوبلاستقا ئەۋەتكەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە يەسلىلەردىن تارتىپ تولۇق ئوتتۇر مەكتەپلەرگىچە بولغان مەجبۇرىيەت مائارىپىدىكى مەكتەپلەرگە 1300 مەكتەپ مۇدىرلىرىنى ئاساسىي قاتلامدىكى مەكتەپلەرگە ياردەم بېرىش خىزمىتىگە چۈشۈرگەن. ئەمما مائارىپ سىستېمىسىدا يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمى باشلىنىشى بىلەن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بۇ جىددىي ۋە كەڭ كۆلەملىك كادىرلارنى ئاساسىي قاتلامدىكى مەكتەپلەرگە سەپلەش خىزمىتىنىڭ سەۋەبى ئېنىق كۆرسىتىلمىگەن.

بىز بۇ ئۇچۇرنى دەلىللەش ۋە يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمىدا مەكتەپكە تىزىملاتقان ئوقۇغۇچىلار سانىنىڭ تۇيۇقسىز ئازلاپ كېتىشىنىڭ سەۋەبى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىپ ئۈچۈن ئۇيغۇر ئېلىدىكى باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەر بىلەن ئالاقىلىشىشكە تىرىشتۇق. كۇچادىكى مەلۇم مەكتەپنىڭ كۆزەتچىسى گەرچە يوقاپ كەتكەن ياكى ھازىر بار بولغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانىنى ئېنىق بىلمىسىمۇ، ئىلگىرىكى ئوقۇش مەۋسۇمىدا بۇ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ نۇرغۇنلىرىنىڭ بۇ يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمىدا قايتىپ كەلمىگەنلىكىنى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى ئاز بولغانلىقتىن بەزى ئوقۇتقۇچىلار بىلەن ئۆزىنىڭمۇ ئوقۇغۇچى يىغىش ئۈچۈن مەھەللە كومىتېت خادىملىرى بىلەن بىرلىكتە ئۆيمۇ-ئۆي كىرىپ ئوقۇغۇچىلارنى تىزىملاۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئاقسۇ شەھەر ئىچىدىكى بىر «قوش تىللىق» باشلانغۇچ مەكتەپتە نۆۋەتچىلىكى قىلىۋاتقان بىر ئۇيغۇر ئايال ئۇيغۇر بالىلار ئازلاپ بۇ مەكتەپتە ساپلا خىتاي ئوقۇتقۇچىلارنىڭ قالغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ ئوقۇتقۇچىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمىدا مەكتەپكە قايتىپ كېلىپ ئوقۇشىنى داۋاملاشتۇرالمىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ نەگە كەتكەنلىكى ئېنىق ئەمەس ئىكەن. مەكتەپكە يېڭىدىن كىرىدىغان ئوقۇغۇچىلار سانىنىڭ توشماسلىقىغا ئاساسلىقى بالىلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرىنىڭ لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەنلىكى ياكى بۇ بالىلارغا مەسئۇل بولىدىغان ئادەمنىڭ بولماسلىقىدىن بولغان ئىكەن. شۇڭا نۆۋەتتە ئوقۇتقۇچىلار ئۆز سىنىپىدىكى قايتىپ كەلمىگەن ئوقۇغۇچىلارنى مەھەللە كومىتېتلىرىغا ۋە ساقچىخانىلارغا مەلۇم قىلماقتا ئىكەن.

ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپلەپ لاگېرلارغا ئېلىپ كېتىلىشىدىن كېلىپ چىققان ئائىلىلەرنىڭ پارچىلىنىشى ۋە بالىلارنىڭ قارانچۇقسىز قېلىشى مەزكۇر مەسىلىنىڭ ئەڭ پاجىئەلىك ۋە ئۇيغۇرلارنى ئەندىشىگە سېلىۋاتقان تەرىپىدۇر. بۇ ھەقتە كۆز قاراشلىرىنى بايان قىلغان شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىياتى فاكۇلتېتىنىڭ سابىق لېكتورى، ھازىر ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان قۇتلۇق ئالماس ئەپەندى مەكتەپلەردە بالىلارنىڭ ئازلاپ كېتىشىنىڭ ئۆزىلا رايوندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئېغىر ۋەزىيىتىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان جانلىق بىر مىسال ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدا لاگېرلارنى قۇرۇپ، ئۇيغۇرلارنى نۇقتىلىق «قايتا تەربىيەلەش مەركىزى» دەپ ئاتالغان بۇ ئورۇنلارغا قاماشنى تېزلەتكەن يېقىنقى بىر يىلدىن بۇيان، ئاتا-ئانىلىرى، ھەتتا ھالىدىن خەۋەر ئالغۇدەك كىشىلەرنىڭ بولماسلىقى سەۋەبلىك ئىگە-چاقىسىز قالغان بالىلارنىڭ سانى بارغانچە كۆپەيگەن. گەرچە مەكتەپلەردە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئازلاپ كەتكەنلىكى ئىنكاس قىلىنىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما بۇ ھەقتە ئېنىق سانلىق مەلۇماتلار يوق. شۇنداق ھالەتتىمۇ خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ «قوش تىل مائارىپى» غا جەمئىيەتتىن ئوقۇتقۇچى قوبۇل قىلىش باھانىسىدە خىتايلارنى كۆپلەپ سەپلىمەكتە ئىكەن.

ئۇيغۇر ئېلىدىن تارقىتىلىدىغان «ئىمتىھان ئۇچۇر مەركىزى» نىڭ تورىدا 2018-يىلىنىڭ ئۆزىدىلا كۇچا ناھىيەسىنىڭ يۈز ئوقۇتقۇچىنى قوبۇل قىلىش ئېلانى چىقىرىلغان بولۇپ، ئاساسەن دېگۈدەك گەنسۇ، خېنەن، سىچۈەن، خېيلوڭجاڭ قاتارلىق خىتاي ئۆلكە ۋە شەھەرلىرىدىن قوبۇل قىلىشنى نىشان قىلىدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن.

قۇتلۇق ئالماس ئەپەندى مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇرلارنىڭ شۇنداقلا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ خەتەرلىك ۋە پاجىئەلىك بىر ۋەزىيەتتە ئىكەنلىكىنى بالىلارنىڭ ئىگە-چاقىسىز قېلىشى ۋە يوقاپ كېتىشىدىن ئېنىق كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. دۇنياغا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى قانداق يوسۇندا يوقىتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈشتە بۇنىڭدىن باشقا يەنە قانداق پاكىت بولۇشى كېرەك؟!»

ئۇ ئاخىرىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇشى داۋامىدا مائارىپ ساھەسىنىڭ ۋە زىيالىيلارنىڭ ئەڭ ئېغىر تالاپەتكە ئۇچراۋاتقانلىقىنى، خىتاينىڭ ئەڭ سەرخىل ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلارنى لاگېرلارغا قاماش بىلەن تەڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مائارىپ ساھەسىدىكى بۇ بوشلۇقنى خىتايلارنى يۆتكەپ كېلىش ئارقىلىق تولدۇرۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.