غۇلجا شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسى بارلىق دەرسلەرنىڭ خىتاي تىلىدا ئۆتۈلۈۋاتقانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2017.09.14
qosh-til-yesli-liu-yangdong.jpg خىتاي مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ليۇ يەندوڭ(ئوتتۇرىدىكى ئايال) قوش تىل يەسلىسىنى كۆزدىن كەچۈرمەكتە. 2015-يىلى 27-سېنتەبىر، خوتەن.
XINHUA

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى 7-ئايدا چىقارغان ھۆججىتىدە بۇ يىللىق يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمىدا دۆلەت بويىچە ئورتاق ئىشلىتىلىدىغان خىتايچە دەرسلىكلەرنىڭ ئۆتىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى. بۇ قارار چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر جامائىتى ئارىسىدا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى. ئىلگىرى رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلار بىلەن ئاتا-ئانىلارمۇ ئۇيغۇر تىلىنىڭ مائارىپتىن سىقىپ چىقىرىلىشىغا بولغان ئەندىشىسىنى بىلدۈرگەن ئىدى. غۇلجا شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسىدىن تېلېفونىمىزنى ئالغان بىر نەپەر خىتاي خادىم نۆۋەتتە غۇلجادىكى بارلىق مەكتەپلەردە ئاتالمىش «دۆلەتنىڭ ئورتاق تىلى» دا دەرس ئۆتۈش باشلانغانلىقىنى دەلىللىدى.

14-سېنتەبىر يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمى باشلانغىنىغا ئىككى ھەپتە بولغاندا ئىلى دىيارىدىكى بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلارغا ۋە غۇلجا شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسىگە تېلېفون قىلىپ، بۇ يىللىق يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمىدا بىر تۇتاش تارقىتىلغان خىتاي تىلىدىكى دەرسلىكلەر ھەققىدە ئەھۋال ئىگىلىدۇق.

ئۆز كىملىكىنى ئاشكارىلىماسلىق شەرتى بىلەن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر پېشقەدەم ئوقۇتقۇچى، 10-سېنتەبىردىكى ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىنىڭ ئۆزى كۈتۈۋالغان ئەڭ كۆڭۈلسىز بىر بايرام بولغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ، ئۇيغۇر تىلىنىڭ مائارىپ سىستېمىسىدىن سىقىپ چىقىرىلىشى ئۆزىگە ئوخشاش نۇرغۇن ئوقۇتقۇچىلارنى قايغۇغا سالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «شۇنداق، بۇ يىللىق ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىدا ناھىيىلىك مائارىپ ئىدارىدىكىسىلەر ۋە يېزىلىق ھۆكۈمەتتىن بىرقانچە كىشى ‹پېشقەدەم ئوقۇتقۇچىلارنى يوقلىدۇق› دېگەن نامدا سوۋغاتلارنى كۆتۈرۈپ يوقلاپ كەلدى. ئەمما مېنىڭ كۆڭلۈم بەك يېرىم. ھازىر مەكتەپلەردە ئۇيغۇر تىلى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، ئۇنىڭ ئورنىغا خەنزۇ تىلىدىكى دەرسلىكلەر ئۆتىلىۋاتىدۇ. تەجرىبىلىك ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلار ھەر خىل باھانىلاردا ئۆيلىرىگە قايتۇرۇلدى. ئۇلارنىڭ ئورنىغا ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن ياردەم نامىدا كەلگەن تۈركۈم-تۈركۈم خەنزۇ ئوقۇتقۇچىلار ئورۇنلاشتۇرۇلدى.»

خىتاي تىلى سەۋىيە ئىمتىھانىدىن ئۆتەلمىدى دېگەن باھانىدە خىزمىتىدىن توختىتىلغان بىر نەپەر يېزا ئوقۇتقۇچىسىمۇ، نارازىلىقىنى ئىپادىلەپ ئۆزىگە ئوخشاش 40 ياشتىن ئاشقان بىر تۈركۈم ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بىرقانچە يىلدىن بۇيان تۈركۈم-تۈركۈملەپ ئۆيلىرىگە قايتۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈردى.

نۆۋەتتە ئۇيغۇر دىيارىدا ئاتالمىش «دۆلەت تىلى مائارىپىنى ئومۇملاشتۇرۇش» نامىدا يولغا قويۇلۇۋاتقان خىتايچە ئوقۇتۇش ھەققىدە مۇناسىۋەتلىك دائىرىلەرنىڭ ئىنكاسىنى ئىگىلەش ئۈچۈن غۇلجا شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسىگە تېلېفون قىلدۇق.

ئۆزىنى مائارىپ ئىدارىسىدىكى كادىرلار بۆلۈمىنىڭ خىزمەتچىسى دەپ تونۇشتۇرغان بىر نەپەر خىتاي كادىر يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمىدىن باشلاپ غۇلجادىكى مەكتەپلەردە خىتاي تىلىدىكى دەرسلىكلەرنىڭ ئۆتۈلۈۋاتقانلىقىنى ئىنكار قىلمىدى.

«بۇ غۇلجا شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسى. شۇنداق، بۇ مەۋسۇمدا ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ ئۇقتۇرۇشىغا ئاساسەن دۆلەت بىر تۇتاش تارقاتقان ‹دۆلەت ئورتاق تىلى› دا تۈزۈلگەن دەرسلىكلەر ئۆتۈلۈۋاتىدۇ. ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ بۇ ھەقتە مەخسۇس قىزىل باشلىق ھۆججىتىمۇ بار. بىزگە ئۇقتۇرۇش ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق مائارىپ ئىدارىسى تەرىپىدىن چۈشۈرۈلدى. بۇ ئوقۇش مەۋسۇمىدا ھەقىقەتەنمۇ غۇلجادىكى بارلىق مەكتەپلەردە دەرسلەر ‹دۆلەت تىلى›دا ئۆتىلىۋاتىدۇ. مەن مائارىپ ئىدارىسىنىڭ كادىرلار بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى. ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مائاشى قاتارلىق ئىشلارنى باشقۇرىمەن. سىز تېخىمۇ تەپسىلىي ئەھۋاللارنى بىلەي دېسىڭىز، مائارىپ ئىدارىسىنىڭ ئوقۇتۇش باشقارمىسى، ‹قوش تىللىق مائارىپ ئىشخانىسى›، ئوقۇتۇش تەتقىقات مەركىزى قاتارلىق بۆلۈملەرگە تېلېفون قىلسىڭىز بولىدۇ.»

ئۇنىڭدىن ئاتالمىش «دۆلەت تىلى» ئۇقۇمى ھەققىدە ئېنىقلىما بېرىشنى تەلەپ قىلغىنىمىزدا، ئۇ «دۆلەت تىلى دېگەن ئاتالغۇ ئەمەلىيەتتە ماڭىمۇ يېڭى بىلىنىدۇ. مېنىڭچە، ھازىر تەكىتلىنىۋاتقان ‹دۆلەت ئورتاق تىلى مائارىپى› دېگىنى بەلكىم دۆلىتىمىزدە ئورتاق قوللىنىلىۋاتقان ھەممە ئادەم چۈشىنىدىغان ‹پۇتۇڭخۇا›، يەنى ئورتاق تىلنى كۆرسەتسە كېرەك،» دەپ جاۋاب بەردى.

بۇ خىتاي كادىردىن «غۇلجادىكى مەكتەپلەردە ئۇيغۇر تىلىدا ئۆتۈلىدىغان دەرسلەر پۈتۈنلەي توختىدىمۇ» دەپ سورىغىنىمىزدا، ئۇ بۇنداق ئىنچىكە مەسىلىلەرگە جاۋاب بېرىش ئەپسىزلىكىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىللە غۇلجادىكى مەكتەپلەردە ئانا تىل دەرسى نامىدىكى ئۇيغۇر تىلى دەرسىنى ئۆتۈش يەنىلا داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

«سىز سورىغان بۇ نازۇك مەسىلىلەرنى ۋە نېمە سورىماقچى ئىكەنلىكىڭىزنى مەن بىلدىم، ئەمما مەن تەپسىلىي جاۋاب بېرەلمەيمەن. بۇ مەۋسۇمدىن باشلاپ بارلىق دەرسلەرنى خىتاي تىلىدا ئۆتۈش ھەققىدىكى ھۆججەت بىزگە ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق مائارىپ ئىدارىسىدىن چۈشۈرۈلدى. بۇ ھۆججەت ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى چىقارغان ھۆججەت ئىكەن. ئەمما بىلىشىمچە ھازىر مەكتەپلەردە ئانا تىلى ئوقۇتۇشى نامىدىكى ئۇيغۇر تىلى دەرسى يەنىلا ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلار تەرىپىدىن ئۆتىلىۋاتىدۇ.»

بۇ يىل 7-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرى ئاشكارىلانغان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى چىقارغان ھۆججەتتە 9-ئايدا باشلىنىدىغان يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمىدا ئۇيغۇر دىيارىدىكى بارلىق مەكتەپلەرگە خىتاي بويىچە ئورتاق ئىشلىتىلىدىغان خىتايچە دەرسلىكلەر تارقىتىلىدىغانلىقى، باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 1-يىللىقى، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ 1-يىللىقىدىكى ئوقۇغۇچىلارغا پۈتۈنلەي خىتاي تىلىدىكى دەرسلىك كىتاب تارقىتىلغانلىقى مەلۇم بولغان ئىدى. ئەينى چاغدا بۇ ھۆججەت چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر جامائىتى ئارىسىدا كۈچلۈك نارازىلىق ئىنكاسى قوزغاپ تەنقىدكە ئۇچرىغان ئىدى. ئۇيغۇر ئېلىدىن رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئوقۇتقۇچىلار ۋە ئاتا-ئانىلارمۇ ئۇيغۇر تىلىنىڭ مائارىپتىن سىقىپ چىقىرىلىشىغا بولغان نارازىلىقى ۋە ئەندىشىسىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.