ئاتا، ئانا ۋە ئوقۇتقۇچىلار يېزا ياتاقلىق مەكتەپلەر ھەققىدە شىكايەت قىلماقتا

0:00 / 0:00

2010-يىلدىن باشلاپ، ئۇيغۇر ئېلىدا يېزىلاردىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە بەزى رايونلاردا تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ سىنىپلىرى بىكار قىلىنىپ، يېزىلىق ئوقۇغۇچىلار شەھەر، ناھىيىلەردىكى مەكتەپلەردە ياتاقلىق ئوقۇشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغان. 5 يىلدىن كېيىنكى بۈگۈنكى كۈندە ئاتا، ئانىلار ۋە مائارىپ سېپىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيلارنىڭ بۇ ئەھۋالغا قارىتا ئىنكاسلىرى قانداق؟

ئىگىلىگەن ئەھۋاللار ۋە ئىنكاسلاردىن ئۇيغۇر يېزىلىرىدىكى ئوتتۇرا مەكتەپ سىنىپلىرى قىسقارتىلىپ، ئوقۇغۇچىلار شەھەر، ناھىيىلەردىكى ياتاقلىق مەكتەپلەردە ئوقۇشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغاندىن بۇيانقى 5 يىل جەريانىدا ئۇيغۇر يېزا مائارىپىدا، دېھقان بالىلىرىنىڭ ئىلگىرىكىدىن ئېشىپ كەتكەن ئىقتىسادىي چىقىمى، قوش تىللىق مائارىپنىڭ ئەسلىدىكى مىللىي مائارىپنى سىقىپ چىقىرىشى، مىللىي ئوقۇتقۇچىلارنىڭ قىسقارتىلىشى سەۋەبىدىن ئوقۇتۇش سۈپىتىنىڭ ناچارلىشىشى، ناھىيە، شەھەرلەردىكى ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ يۈكىنىڭ ئىلگىرىكى يىللاردىكىدىن ھەسسىلەپ ئېغىرلاشقانلىقى قاتارلىق بىر قاتار مەسىلىلەر بارلىققا كەلگەن.

ئۆتكەن ھەپتە، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى مەلۇم ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى ياتاقلىق ئوقۇتۇش تۈزۈمى يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، ئۆزىگە ئوخشاش سىنىپ تەربىيىچىلىرىنىڭ يۈكى ھەسسىلەپ ئېغىرلاشقانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكى ۋە شەھەردىكى مەكتەپنىڭ چىقىمى ئېغىر بولغىنى ئۈچۈن ئوغلىنى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇتۇشتىن ۋاز كەچكەن بىر ئاتىنىڭ بۇ ھەقتىكى بايانلىرىنى ئاڭلىغان ئىدىڭلار.

بۈگۈن غۇلجىنىڭ مەلۇم يېزىسىدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بىرقانچە نەپەر پېشقەدەم ئوقۇتقۇچى ۋە ئاتا، ئانىلار ئۆز يېزىلىرىدىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ سىنىپلىرى تاقالغاندىن كېيىن ئۆزلىرى ھېس قىلغان ئەھۋاللار ھەققىدىكى قاراشلىرىنى بايان قىلدى.

مائارىپ سېپىدە ئۇزۇن يىل ئىشلىگەن، نۆۋەتتە دەم ئېلىشقا چىققان بىر پېشقەدەم ئوقۇتقۇچى، بۇ يېزىدىكى مىللىي تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ بىكار قىلىنىپ، بىر قىسىم تەجرىبىلىك پېشقەدەم ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇتۇش سېپىدىن چىقىرىۋېتىلگەندىن كېيىنكى ئەھۋالنى بايان قىلىپ، ئاتالمىش «قوش تىللىق ئوقۇتۇش» نامىدا، خىتاي تىلى ئوقۇتۇشى كۈچەيتىلىپ، مىللىي مائارىپنىڭ چەتلەشتۈرۈلۈشى، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ زىيادە ياشلاشتۇرۇلۇشى قاتارلىق سەۋەبلەرنىڭ ئۇيغۇر مىللىي مائارىپىدا «ساۋاتسىزلىشىش» ئەھۋالىنى ئېغىرلاشتۇرغانلىقىنى بىلدۈردى.

يېزىدىكى ئوتتۇرا مەكتەپ تاقالغىنى ئۈچۈن، يېزىدىكى بالىلارنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھالدا ناھىيىدىكى ياتاقلىق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن بىر دېھقان، ناھىيىدىكى ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇش سۈپىتى ياخشى بولغىنى ئۈچۈن، دېھقانلار ئۆز ئىقتىسادىدىن ئېشىپ كەتكەن ئىقتىسادىي چىقىمنى كۆتۈرۈپ، بالىلىرىنى ناھىيىگە ئەۋەتىپ ئوقۇتۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ دېھقان يەنە، يېزا بالىلىرىنىڭ ئىلگىرىكىدىن ھەسسىلەپ ئېشىپ كەتكەن ئوقۇش چىقىمى مەسىلىسى ھەققىدىمۇ توختىلىپ، نۆۋەتتە روناق تاپقان بىر قىسىم تىجارەتچىلەر ئارىسىدا ئۆزلۈكىدىن نامرات دېھقان بالىلىرىنىڭ ئوقۇشىغا ياردەم قىلىش ئەھۋالى كۈچەيگەنلىكىنى، ئوقۇشى ياخشى بولغان نامرات ئائىلىلەردىكى بالىلارنىڭ شەھەر، ناھىيىلەردىكى ياتاقلىق ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقۇش ھەتتا جەمئىيەتتىن توپلانغان ياردەم پۇلغا ئېرىشىپ ئالىي مەكتەپلەردىمۇ ئوقۇش پۇرسىتىگە ئېرىشكەنلىكىنى، ئەمما زور ئىقتىسادىي چىقىم بىلەن پەرزەنتلىرىنى ئوقۇتۇشنىڭ يېزىدىكى دېھقانلار ئۈچۈن يەنىلا ئېغىر ئىقتىسادىي چىقىم ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئىگىلىگەن ئەھۋاللاردىن جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىدىكى بەزى ناھىيىلەردىكى خىتاي تىلى مائارىپى زىيادە تەشەببۇس قىلىنىۋاتقان ئەھۋاللاردىن پەرقلىق ھالدا، غۇلجا ناھىيىسىدە ئوقۇتقۇچىلار ۋە ئاتا، ئانىلارنىڭ كۆپلەپ پىكىر بېرىشى، جەمئىيەتتىكى ئىجتىمائىي كەيپىياتتا ئانا تىل ۋە مىللىي مائارىپقا ئەھمىيەت بېرىش ساداسى بىرقەدەر كۈچلۈك بولغىنى ئۈچۈن، نۆۋەتتە غۇلجا ناھىيىسىدىكى مەكتەپلەردە ئۇيغۇر تىلى دەرسى كۆپەيتىلگەن. 2010-يىلى خىتاي تىلىدا ئۆتۈش تەشەببۇس قىلىنغان بەزى دەرسلەر 2012-يىلدىن كېيىن بۇيان قايتىدىن ئۇيغۇر تىلىدا ئۆتۈلۈشكە باشلىغان.

بۇ ئەھۋال ھەققىدە ئۆز قارىشىنى بايان قىلغان بىر ئوقۇتقۇچى، نۆۋەتتىكى ئەھۋالنىڭ 2010-يىلدىكىدىن خېلى ياخشىلانغان بولسىمۇ، ئەمما بۇنىڭ يەنىلا يېتەرلىك ئەمەسلىكىنى بىلدۈرۈپ، ئۇيغۇر مىللىي مائارىپىنى ساقلاپ قېلىشتا ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ ئۆزىنىڭ مۇقەددەس بۇرچىنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىنى، ئوتتۇرىغا قويۇش كېرەك بولغان مەسىلىلەرنى دادىللىق بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.