«خەلقئارا ئۇيغۇر تەتقىقاتى ژۇرنىلى» نىڭ 10-سانى ئوقۇرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشتى
2018.01.01

تۈركىيەدە تور ئارقىلىق نەشر قىلىنىۋاتقان «خەلقئارا ئۇيغۇر تەتقىقاتى ژۇرنىلى» نىڭ 10-سانى ئوقۇرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشتى. مەزكۇر تور ژۇرنىلى يېرىم يىلدا بىر قېتىم نەشر قىلىنىدىغان بولۇپ، ئۇيغۇر تەتقىقاتىنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىگە بېغىشلانغان ئىلمىي ماقالىلەر قوبۇل قىلىنىدىكەن.
مەزكۇر تور ژۇرنىلىنىڭ 10-سانىدا ئۇيغۇر تىلى، ئەدەبىياتى، فولكلورى، تارىخى ۋە مەدەنىيىتى توغرىسىدا يېزىلغان 11 پارچە ئىلمىي ماقالە، 2 پارچە تەرجىمە ماقالە ۋە 2 پارچە كىتابلارغا باھا ماقالىسىگە ئورۇن بېرىلگەن. ژۇرنالنىڭ ساھىبى ۋە باش تەھرىرى ئىزمىر ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتى تۈرك دۇنياسى تەتقىقات مەركىزىنىڭ پروفېسسورى ئالىمجان ئىنايەت بولۇپ، ئۇ زىيارىتىمىز جەريانىدا ئالدى بىلەن ژۇرنالنىڭ 10-سانىنى چىقىرىشقا ئەمگەك سىڭدۈرگەنلەرگە رەھمەت ئېيتتى. ئاندىن بۇ ساندا ئېلان قىلىنغان ماقالىلەر توغرىسىدا مەلۇمات بەردى.
مەلۇم بولۇشىچە، بۇ ساندا پروفېسسور ئالىمجان ئىنايەتنىڭ «"ئىز" رومانىدا ئۆرپ-ئادەت بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئامىللار»، ئەنقەرەدىكى غازى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئۇيغۇر تىلى ئوقۇتقۇچىسى، دوكتور ئايسۇن دەمىرەز گۈنەرى خانىمنىڭ «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى سۆز ياسىغۇچى قوشۇمچىلار توغرىسىدا»، بۇرسادىكى ئۇلۇداغ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى مىنارا ئالىيېۋا چىنار خانىمنىڭ «ئۇيغۇر تىلشۇناس مىرسۇلتان ئوسمانوف ۋە لوپنۇر دىئالېكتى»، ئۆزبېكىستان پەنلەر ئاكادېمىيەسى شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتىنىڭ مۇتەخەسسىسى شىرئەلى قولداشېفنىڭ «خوقاند خانلىقىدا ئۇيغۇرلار»، بىلەجىكتىكى شەيخ ئەدەبالى ئۇنىۋېرسىتېتى تۈرك تىلى ۋە ئەدەبىياتى فاكۇلتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى زامىرە غۇلجالى خانىمنىڭ «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا پېئىللارنىڭ زامان رايى كاتېگورىيەسى بىلەن تۈرك تىلىدىكىنى زامان رايى كاتېگورىيەسىنىڭ سېلىشتۇرمىسى» قاتارلىق 11 پارچە ئىلمىي ماقالىگە ئورۇن بېرىلگەن.
پروفېسسور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەزكۇر ژۇرنالنىڭ يېڭى سانىنىڭ بۇرۇنقى سانلار بىلەن ئوخشىمايدىغان تەرىپى ماقالىلەرنىڭ يۇقىرى ئىلمىي قىممەتكە ئىگە بولۇشى ۋە مەزمۇن جەھەتتىن كەڭ دائىرىلىك بولۇشىدا ئىكەن.
تۈركىيەدە دوكتورلۇق ئىلمىي ئۇنۋانى ئۈچۈن ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيسى ئابدۇۋاھىت ئەپەندى، «خەلقئارا ئۇيغۇر تەتقىقاتى ژۇرنىلى» نىڭ 10-سانىنىڭ مەزمۇن جەھەتتىن كۆپ خىللىققا ئىگە ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭدا مۇھىت، سەنئەت تارىخى، باغچەۋەنلىك ۋە كومپيۇتېر كەسپىگە دائىر ماقالىلەرگىمۇ ئورۇن بېرىلگەنلىكىنى، بۇنىڭ ئۇيغۇر تەتقىقاتىنىڭ كېڭىيىشىگە تۈرتكە بولىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.
ئىگىلىنىشىچە، ھازىر تۈركىيەدە 14 ئۇنىۋېرسىتېتتا ئۇيغۇر تىلى دەرسى ئۆتۈلمەكتە. ئۇيغۇرلارنى تەتقىق قىلىدىغانلارنىڭ سانىمۇ كۆپەيمەكتە. پروفېسسور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى ژۇرنالنىڭ 5 يىلدىن بېرى ئىزچىل ھالدا توردا چىقىۋاتقانلىقى، ژۇرنالنىڭ تور نۇسخىسىنى زىيارەت قىلغۇچىلار سانىنىڭ كۈنسايىن كۆپىيىۋاتقانلىقىنى، ئۇنىڭغا تۈركىيەدىن سىرت باشقا نۇرغۇن دۆلەتلەردىن كىرىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.
ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ رەئىسى ئابدۇلھەمىد قاراخان ئەپەندىمۇ «خەلقئارا ئۇيغۇر تەتقىقاتى ژۇرنىلى» ھەققىدە پىكىر بايان قىلىپ، يېقىندا يورۇق كۆرگەن يېڭى سانىدىكى ماقالىلەرنىڭ يۇقىرى ئىلمىي قىممەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.
«خەلقئارا ئۇيغۇر تەتقىقاتى ژۇرنىلى» دا 5 يىلدىن بېرى ئېلان قىلىنىۋاتقان ئىلمىي ماقالىلەر دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇر تەتقىقاتچىلىرى بىلەن باشقا مىللەت زىيالىيلىرىنىڭ ئىلمىي ئەمگەكلىرى بولۇپ، بۇ ماقالىلەر ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى، تىلى، ئەدەبىياتى، فولكلورى، سەنئەت تارىخى، ئىجتىمائىي ئەھۋالى ۋە سىياسىي ۋەزىيىتىگە بېغىشلانغان تەتقىقات نەتىجىلىرى ئىكەن.