خىتاي دەرسلىكلىرىگە «جۇڭگولۇقلار ئالاھىدە» تەربىيەسىنى كىرگۈزگەن

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2017.09.12
qosh-til-aliy-mektep-imtihani.jpg قوش تىل مائارىپىدا تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى بەرمەكتە. 2012-يىلى 7-ئىيۇن، قۇمۇل.
AFP

خىتاي مائارىپ مىنىستىرلىقى ئىگىلىك ھوقۇق تەربىيىسىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، مەجبۇرى مائارىپ دەرسلىكىگە خىتاي مىللەتچىلىكىنى تەرغىب قىلىدىغان مەزمۇنلارنى ئاشكارا كىرگۈزگەن.

گېرمانىيەدە نەشرىدىن چىقىدىغان «دۇنيا» گېزىتىنىڭ 10-سېنتەبىردىكى سانىدا ئېلان قىلىنغان بىر ماقالىدا خىتاي مەتبۇئاتلىرىدىن نەقىللەر ئېلىنىپ، خىتاي مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ تولۇقسىز ئوتتۇرىدىن ئىبارەت مەجبۇرى مائارىپ دەرسلىكلىرىگە خىتاي مىللەتچىلىكىنى، دۆلەتچىلىكىنى تەرغىب قىلىدىغان مەزمۇنلارنى كىرگۈزگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

گېرمانىيە دولقۇنلىرى رادىئوسىنىڭ بۇ ھەقتە ھازىرلىغان «سەن جۇڭگولۇق، سەن دېگەن بەك قالتىس» ناملىق قىسقا بايانىدا، خىتاينىڭ تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ دەرسلىكلىرىدىن ئەخلاق ۋە قانۇن -تۈزۈم، تىل- ئەدەبىيات ۋە تارىخ دەرسلىكلىرىگە خىتاي دۆلىتىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى كۈچەپ تەرغىب قىلىدىغان مەزمۇنلارنى يېڭىدىن قوشقانلىقى ئەسكەرتىلىدۇ.

مەزكۇر باياندا ئىزاھلىنىشىچە، يېڭىدىن تۈزۈلگەن تولۇقسىز ئوتتۇرا تارىخ دەرسلىكلىرىدە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىگىلىك ھوقۇق ۋە دېڭىز-ئوكيان ئېڭىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش تەشەببۇس قىلىنىپ، تىبەت، ئۇيغۇر دىيارى، تەيۋەن ۋە سېنكاكۇ ئارىلى ھەمدە جەنۇبىي دېڭىز ئاراللىرىنىڭ خىتاي تۇپرىقىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى ئىكەنلىكى كۈچەپ تەكىتلەنگەن.

خىتاي مائارىپ مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن يېڭىدىن تۈزۈلگەن دەرسلىكلەرنىڭ مۇقاۋىسىغا «مەن جۇڭگولۇق» دېگەن خىتايچە بەش ھەرپ ئالاھىدە يوغان يېزىلغان. بۇ سۆز خىتاي مەكتەپلىرىگە «سەن دېگەن جۇڭگولۇق، سەن باشقا خەققە ئوخشىمايسەن، سەن دېگەن بەك قالتىس ياكى پەۋقۇلئاددە ئادەم» دېگەن مەنىدە تارقالغان.

ماقالىدا يېزىلىشىچە، مۇتلەق كۆپ قىسىم خىتاي ياشلىرى ھازىر كومپيۇتېرنىڭ ئالدىدىن كېتەلمەيدىغان، بولۇپمۇ غەربنىڭ فىلىملىرىنى كۆپ كۆرىدىغان بولۇپ كەتكەن. بۇ ھال بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنى «بۇ ياشلار غەربنىڭ قوينىغا ئۆزىنى ئاتىدىغان بولۇپ قالارمۇ؟» دەيدىغان ئەندىشىگە سالغان.

بۇنىڭ ئۈچۈن خىتاي دائىرىلىرى بۇرۇن ئالىي مەكتەپ ۋە ئىنستىتۇتلاردا بۇ خىل ئېقىمغا چەك قويغانغا ئوخشاش، ئەمدى باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىمۇ تىزگىنى ئاستىغا ئېلىشنىڭ كويىغا كىرگەن.

ماقالىدا مۇنداق دېيىلىدۇ: «يۈكسەك ھوقۇققا ئىگە خىتاي رەھبىرى شى جىنپىڭ خىتاينى دۇنيادىكى كۈچلۈك دۆلەتكە ئايلاندۇرۇشنى ئويلىماقتا. خىتاينىڭ يالغۇز ئىقتىسادىي ساھەدىلا ئەمەس، بەلكى ئەسكىرىي ساھەدە، سىياسىي ۋە مەدەنىيەت ساھەسىدە ئالدىنقى قاتارغا ئۆتۈشىنى ئارزۇ قىلماقتا. شى جىنپىڭ خىتاينى ئامېرىكا رەھبەرلىكىدىكى غەرب دۇنياسىنىڭ شەرقتىكى رەقىبىگە ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن، خىتاي مەدەنىيىتىنى كېڭەيتىشكە ئىنتىلمەكتە. ئۇنىڭچە، جۇڭگولۇقلار ئامېرىكا مەدەنىيىتىنى مەنسىتمەسلىكى، خىتاي مەدەنىيىتىنى ئويلىشى كېرەك.»

خىتاي مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ مەجبۇرى مائارىپنى ئومۇملاشتۇرۇش دەرسلىكلىرىگە كىرگۈزگەن بۇ خىل ئاشكارا مىللەتچىلىك خاھىشىدىكى مەزمۇنلار چەتئەلدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇر ۋە تىبەت زىيالىيلىرىنىڭ ئىنكاسىنى قوزغىدى.

ئەنقەرە ھاجىتەپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، ئىستراتېگىيىلىك چۈشەنچىلەر ئىنستىتۇتىنىڭ ئىستراتېگىيە مەسىلىلىرى بويىچە مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى، خىتاينىڭ بۇ خىل مائارىپ تەربىيىسىنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى ھەققىدە توختىلىپ، بۇنىڭ خىتاينىڭ جاھانغا خوجا بولۇش ئۈچۈن بېسىۋاتقان قەدەملىرىنىڭ بىر باسقۇچى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى رەئىسى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى بولسا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مېڭە يۇيۇش مەزمۇنىدىكى بۇنداق تەشۋىقاتلىرىنىڭ مائارىپ ۋە ئاخبارات ساھەسىدە يىللاردىن بۇيان بازارغا سېلىنىپ كەلگەنلىكىنى تەكىتلىدى.

تىبەت پارلامېنت ئەزاسى ئاتسوكلۇكار جام ئەپەندى بۇ مەسىلە ھەققىدە قاراشلىرىنى بىلدۈرگەندە، خىتاينىڭ ئۇيغۇر، تىبەت، جەنۇبىي موڭغۇلىيە دۆلەتلىرىنىڭ ئۆز زېمىنى ئىكەنلىكىنى قانۇنلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئازكەم 70 يىلدىن بۇيان تېرىشچانلىق كۆرسىتىپمۇ مەقسىتىگە يىتەلمىگەنلىكىنى تىلغا ئالدى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «شەرقىي تۈركىستان دۆلىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، جەنۇبىي موڭغۇلىيە دۆلىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە تىبەت دۆلىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش كۈرەشلىرى ھەمدە تەيۋەننىڭ مۇستەقىللىقى مەسىلىلىرىنى خىتاي ھاكىمىيىتى ئۆز خەلقىگە بىلدۈرمەسلىككە، يامان كۆرسىتىشكە ئۇرۇنۇۋاتىدۇ. بۇ قېتىم مائارىپ ساھەسىگە بۇ مەزمۇنلارنى ئاشكارا كىرگۈزگەنلىكى، كىشىلەرنى بالا چاغلىرىدىن باشلاپلا ئەكسىيەتچى ئىدىيە بىلەن، خىتاي مىللەتچىلىكى بىلەن تەربىيىلەشنى مەقسەت قىلغان، دەپ قارايمەن. بىراق، ئۇلار 70 يىل تېرىشىپمۇ بۇ مەقسىتىگە يىتەلمىدى. ئۇيغۇر، تىبەت، جەنۇبىي موڭغۇلىيە خەلقلىرىنىڭ بېسىۋېلىنغان دۆلىتىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى قايتۇرۇۋېلىش كۈرەشلىرى بارغانسېرى كۈچىيىۋاتىدۇ. تەيۋەن ھەم خوڭكوڭمۇ جىم ياتمايۋاتىدۇ. بۇنىڭ نەتىجىسى ھامان بىر كۈنى خىتاي مۇستەملىكىسىگە خاتىمە بېرىش بولىدۇ، دەپ قارايمەن.»

دوكتور. ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى خىتاينىڭ بۇ خىل مەجبۇرى مائارىپ دەرسلىرى ئارقىلىق «جۇڭخۇا مىللىتى» ئىدېئولوگىيىسىنى كۈچلەندۈرۈشكە ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنى «جۇڭخۇا مىللىتى» سىڭدۈرمەكچى بولۇۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭسىز خىتاينىڭ دۆلەت بىرلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلالمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئىلشات ھەسەن ئەپەندى خىتايدا دېموكراتىيە، ئادالەت دۇنياغا كەلمىگۈچە، خىتاينىڭ مائارىپ ساھەسىدىكى بۇ خىلدىكى تەشۋىقاتىنىڭ نەتىجە قازىنالمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.