خىتاينىڭ «تور تېررورچىلىقى» غا زەربە بېرىش چاقىرىقىغا مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئوخشىمىغان ئىنكاس قايتۇردى

0:00 / 0:00

يېقىندا خىتايدا ئېچىلغان دۇنيا ئىنتېرنېت يىغىنىدا «تور تېررورچىلىقى» غا ئورتاق زەربە بېرىش چاقىرىقىنىڭ ئېلان قىلىنىشى بىلەن مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلىرى ئوخشىمىغان ئىنكاسلاردا بولدى. جۈملىدىن گوللاندىيەدە ياشاۋاتقان دىنىي زىيالىي ھۈسەيىن تەجەللى ئەپەندى، خىتايلارنىڭ مەزكۇر تەشۋىقاتىغا قارىتا:«بۇ ئىشتا خىتاي ھەم يەمچۈك سالدى ھەم ئېزىقتۇرۇش ھىيلىسى ئىشلەتتى» دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇنىڭ قارىشىچە، خىتاي ئاتالمىش «تور تېررورچىلىقى» غا قارشى تۇرۇشقا چاقىرىق قىلغۇچى بولۇپ كۆرۈنگەن بولسىمۇ، ئۆزىگە زىيان قىلمايدىغانلا بولسا، خەلقئارادىكى ھەرقانداق بىر دۆلەت ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىلغان شىكايەتلەرگە يول قويۇپ كەلگەن.

ئۇ، بۇ ئارقىلىق بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ زۇلۇمغا قارشى تۇرۇش نىشانىنى بۇرىۋېتىش بىلەن بىرگە، «ئۆزىگە خەۋپ ئېلىپ كېلىش ئېھتىماللىقى بولغانلار» غا يەمچۈك سېلىش مەقسىتىگە يەتمەكچى بولغان.

تەپسىلاتىنى يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىلەر.