زۇبەيرە شەمشىدىن : «خىتاينىڭ ئۇيغۇر بالىلىرىغا قاراتقان مېڭە يۇيۇش سىياسىتى ئىنسان ھەقلىرىگە خىلاپ جىنايەت»

0:00 / 0:00


خىتاي ھۆكۈمىتى مەخسۇس مەبلەغ ئاجرىتىپ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدا بارلىق تولۇق ئوتتۇرا ئوقۇتۇشىنى ھەقسىزلەشتۈرۈشنى، ئۇيغۇر ئېلىدا مۇقىملىقنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم تەدبىرنىڭ بىرى سۈپىتىدە يولغا قويماقتا ۋە بۇنىڭ بىلەن ئوقۇشسىز قالغان بالىلارنىڭ جەمئىيەتتە مىللىي بۆلگۈنچىلىك ۋە دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيىسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ زوراۋان، تېررورچىلارغا ئايلىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى مەقسەت قىلىۋاتقانلىقىنى ئاشكارا ئوتتۇرىغا قويماقتا.

ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنسان ھەقلىرى ۋەزىيىتىنى يېقىندىن كۆزىتىپ بۇ ھەقتە مەخسۇس دوكلات تەييارلاپ دۇنيانى خەۋەرلەندۈرۈپ كېلىۋاتقان ۋاشىنگتوندىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پروگراممىسىنىڭ خادىمى زۇبەيرە شەمشىدىن خانىم، بۇ سىياسەتنىڭ، ئەمەلىيەتتە خىتاينىڭ ئۇيغۇر ياشلىرىغا قاراتقان مېڭە يۇيۇش ھەرىكىتى ئىكەنلىكىنى شەرھىلەپ «ئۇنىڭ مەجبۇرىي يولغا قويۇلۇشى، خىتاينىڭ ئۆزى چىقارغان قانۇنلارغا خىلاپ بولۇپلا قالماي، ئىنسان ھەقلىرىگە، ئاتا - ئانىلارنىڭ بالىلىرى ئۈستىدىكى ھەق - ھوقۇقلىرى شۇنداقلا بالىلارنىڭ قوغدىلىشقا تېگىشلىك ھەقلىرىگە ئاشكارا تاجاۋۇز قىلغانلىق» دەپ تەنقىد قىلدى. بۇ مەسىلىگە قارىتا زۇبەيرە خانىمنىڭ ئىنسان ھەقلىرى نۇقتىسىدىن قىلغان تەھلىللىرىنىڭ تەپسىلىي مەزمۇنىنى مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە تەييارلىغان سۆھبەت پروگراممىسىدىن ئاڭلاڭ.