ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى ھەر ساھە كىشىلىرىنى تېلېفوندا زىيارەت قىلىش جەريانىدا ئۇيغۇر ياش - ئۆسمۈرلىرىنىڭ ھازىرقى مەۋجۇت رېئاللىق سەۋەبىدىن خىتايچە مەكتەپلەردە ئوقۇشى ئارقىسىدا ئۇيغۇرلار جەمئىيىتىدە بىر قاتار ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنىڭ بارغانسېرى روشەن شەكىلدە گەۋدىلىنىۋاتقانلىقى، بۇنىڭ بىلەن بىر قىسىم ئۇيغۇر ئاتا - ئانىلارنىڭ ئۆز پەرزەنتلىرىنى ئۇيغۇرچە مەكتەپلەردە ئوقۇتۇشقا مايىل بولۇۋاتقانلىقى مەلۇم بولدى. ئىگىلىشىمىزچە، ئۇيغۇرچە ئوقۇۋاتقان ئۆسمۈرلەرنىڭ ئوقۇش نەتىجىسىنىڭمۇ ئاتا - ئانىلار رازى بولغۇدەك بولۇۋاتقانلىقى ئۇلارنى سۆيۈندۈرىۋېتىپتۇ.
پەرزەنتلىرىنىڭ ھەم ئۇيغۇرچە، ھەم خىتايچە ساۋادىنى چىقىرىشنى ئويلاشقان بىر قىسىم ئاتا - ئانىلار بولسا، ئۆز پەرزەنتلىرىنى نوقۇل خىتايچە ئوقۇتۇش تۈزۈمىدىكى مەكتەپلەرگە بېرىشنىڭ ئورنىغا ئۇيغۇرچە ۋە خىتايچە تىللار تەڭ قوللىنىلىدىغان «قوش تىل» نامىدىكى مەكتەپلەرگە ئەۋەتكەن.
ئۇيغۇرلار دىيارىدا بەلگىلىك سالماقنى ئىگىلىۋاتقان بۇ خىلدىكى مەكتەپ تاللاش مەسىلىسى ھەققىدە ئۇيغۇر ئانا تىل مائارىپچىسى ئابدۇۋەلى ئايۇب بۇنىڭدىكى ئىجابىي تەرەپلەرنى تىلغا ئېلىپ، مائارىپ ۋە ئائىلە، جەمئىيەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ مۇھىملىقىنى شەرھلەپ ئۆتتى.
ھالبۇكى، ئالاقىدار ئۇچۇرلاردىن ئۇيغۇرلار جەمئىيىتىدە خىتايچە ئوقۇغان ئوقۇغۇچىلار توپىنىڭ بارغانسېرى زورىيىۋاتقان يېڭى بىر ئىجتىمائىي گەۋدىنى شەكىللەندۈرۈۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا. ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىسى ئېلشات ھەسەن بۇ ھەقتە توختىلىپ، بۇنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەۋجۇت سىياسىي رېئاللىقنىڭ مائارىپ ساھەسىدىكى بىۋاستە ئىنكاسى، جۈملىدىن ئۇيغۇرلار نۆۋەتتە دۇچ كېلىۋاتقان مەدەنىيەت سىياسىتىنىڭ مەھسۇلى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇر جامائىتى ئارىسىدىكى «14 - مىللەت» دېگەندەك مەسخىرىلىك ئاتالغۇلار ئارقىلىق بۇ بىر توپ ئۇيغۇرلار بىلەن باشقا ئۇيغۇرلار ئوتتۇرىسىدا سۈنئىي ھاڭ پەيدا قىلىشتىن كۆرە، ئۇلارنى تەربىيىلەش ۋە ئۆز قوينىغا ئېلىش بەكرەك ئاقىلانىلىق بولىدىكەن.
ئالاقىدار مەنبەلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى قوش تىل يەسلىلىرى ۋە قوش تىل مەكتەپلىرى ئەمەلىيەتتە بارغانسېرى خىتاي تىلىدىكى يەك تىللىق ئوقۇتۇش مېخانىزىمىغا قاراپ مېڭىۋاتقان بولۇپ، ئۇيغۇر تىلىنىڭ مەكتەپ دەرسلىكىدىكى سالمىقىدا ئىزچىل تۆۋەنلەش مەۋجۇت ئىكەن.
0:00 / 0:00