خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنى «تەربىيەلەش لاگېرلىرى» غا قامىۋالغانلىقى خەلقئارا تاراتقۇلاردا جىددىي سۆز تېمىسى بولۇۋاتقان بىر مەزگىلدە دائىرىلەرنىڭ يەنە ئۇيغۇر دىيارىنىڭ مائارىپ-مەدەنىيەت ساھەسىدىمۇ خىتايلاشتۇرۇش ۋە سىياسىيلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىۋاتقانلىقى دىققەت قوزغىماقتا.
يېقىندىن بۇيان خىتاي تاراتقۇلىرىدىكى ئۇيغۇر رايونىغا ئائىت مائارىپ خەۋەرلىرىدە يەسلى بالىلىرىدىن تارتىپ ئۇنىۋېرسىتېتلارغىچە بولغان مائارىپ سىستېمىسىدا ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ پۈتۈنلەي خىتايچە ئۇسۇلۇپتا كىيىندۈرۈلۈپ، خىتايچە شېئىر دېكلاماتسىيە قىلىشى، خىتايچە سازلارنى چېلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە خىتاي كومپارتىيەسىنى مەدھىلەيدىغان قىزىل ناخشىلارنى ئېيتىۋاتقان كۆرۈنۈشلىرى خەۋەر قىلىنماقتا.
شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تورىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 5-ئاينىڭ 18-كۈنى مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتتا ئۆتكۈزۈلگەن 46-قېتىملىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى خىتاينىڭ دۆلەت شېئىرىنى ئورۇنلاش ۋە خىتاي كومپارتىيەسىگە ساداقەت بىلدۈرۈپ قەسەم بېرىش پائالىيىتى بىلەن باشلانغان. تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ پاراتتىن ئۆتۈش مۇراسىمى ئىلگىرىكى يىللاردا ئۆتكۈزۈلۈپ كېلىۋاتقان تەنھەرىكەت پائالىيەتلىرىدىكى ھەرقايسى فاكولتېتلاردا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ مىللىي كىملىكى ئىپادىلىنىدىغان رەڭدار كىيىنىش ۋە مىللىي سەنئەت نومۇرلىرىنى ئورۇنلاشتىن پۈتۈنلەي ئۆزگىرىپ، خىتاي مەدەنىيەت ئەنئەنىسىنى نامايان قىلىش ۋە خىتاي كومپارتىيەسىنى مەدھىيەلەشنى ئاساسىي مەزمۇن قىلىشقا يۈزلەنگەن.
خەۋەردىكى قىستۇرما سۈرەتلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئوقۇغۇچىلارنىڭ بەزىلىرى خىتاي تارىخىدىكى ھەرقايسى سۇلالىلەر دەۋرىدىكى خىتاي كلاسسىك كىيىملىرىنى كىيىپ، شۇ دەۋرلەردىكى خىتاي كلاسسىك شېئىرلىرىنى دېكلاماتسىيە قىلغان، يەنە بەزى تەنھەرىكەتچىلەر خىتاي كومپارتىيەسى تارىخىنىڭ ھەرقايسى دەۋرلىرىدىكى خىتاي ئەسكەرلىرىنىڭ، يەنى ئۇزۇن سەپەر مەزگىلىدىكى قىزىل ئارمىيەنىڭ كۆك ماتا كىيىملىرى، خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ كىيىملىرى ۋە خىتاي ساقچىلىرىنىڭ كىيىملىرىنى كىيگەن ھالەتتە خىتاي كومپارتىيەسىنى مەدھىلەيدىغان قىزىل ناخشىلارنى ئېيتىشقان ھالدا پاراتتىن ئۆتكەن.
2015-يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر دىيارىدا يولغا قويۇلۇپ، داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان «يىپەك يولى تالانت سەھنىسى» نىڭ 2018-يىللىق سانلىرىدىمۇ خىتايچىلاشتۇرۇلغان، سىياسىيلاشتۇرۇلغان ۋە قىزىللاشتۇرۇلغان تۈستىكى سەھنە كۆرۈنۈشلىرى گەۋدىلىك ئىپادىلەنگەن.
ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا مەزكۇر سەنئەت فىلىمى ھەققىدىكى خىتايچە ئىنكاسلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، «يىپەك يولى تالانت سەھنىسى» نىڭ 2018-يىللىق 29-سانىدىكى رىياسەتچىلەرنىڭ بىرى مەمەتجان روزى بولۇپ، ئۇ 2015-يىلى مەزكۇر پروگرامما دەسلەپ باشلانغان چاغدىكى ئۇيغۇرلارغا خاس يۇمۇرىستىك ئۆتكۈر تىللىرى، ھازىر-جاۋاپلىقى ۋە چاققان ھەرىكەتلىرىگە ئوخشىمىغان ھالدا باشقا 4 نەپەر رىياسەتچى بىلەن ئوخشاش ھالدا كىيىنىشىدىن تارتىپ، سۆز-ھەركەتلىرىگىچە خىتاي ئۇسلۇبىنى دوراپ چىققان. باھالىغۇچىلاريەنىلا ئىلگىرىكى باھالىغۇچىلار بولسىمۇ، ئەمما كۈلدۈرگە ئارتىسى ئابدۇكېرىم ئابلىز، خەيرىگۈل، سېركچى ئەنۋەر، ئۆمەرجان قاتارلىقلارنىڭ ماھارەتچىلەرگە بەرگەن باھالىرىدا ئىلگىرىكى چاغلاردىكى كەسىپ ئەھلىگە خاس باھالاردىن پەرقلىق ھالدا پۈتۈنلەي سىياسىيلاشقان تەشۋىقات سۆلىرى بىلەن سېنىنى تولدۇرغان.
چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىدىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت ئەپەندى بۇ ھەقتە ئۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئۇنىڭ قارىشىچە، دائىرىلەر يىللاردىن بۇيان مائارىپ ۋە مەدەنىيەت سەنئەت ساھەسىنى خىتاينىڭ سىياسىي تەشۋىقات سەھنىسىگە ئايلاندۇرۇپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما يېقىندىن بۇيان بۇ خىل تەشۋىقاتلىرىدا ئىلگىرىكى يىللاردىكىدىن پەرقلىق ھالدا «خىتاي مەدەنىيەت ئېڭى ۋە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ تەشۋىقاتىنى تېخىمۇ ئاشكارا ئېلىپ بارىدىغان بولغان. دائىرىلەر ئۇيغۇر دىيارىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان خىتايلاشتۇرۇلغان ۋە قىزىللاشتۇرۇلغان مەدەنىيەت پائالىيەتلىرى ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش قەدىمىنى يەنىمۇ تېزلىتىشنى مەقسەت قىلماقتا ئىكەن.»
چەتئەللەردىكى ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرىدىن ئامېرىكىدىكى نيۇ-يورك شەھەر ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ سىياسىي پەنلەر پروفېسسورى شيا مىڭ ئەپەندىمۇ يېقىندىن بۇيان ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئېغىر ۋەزىيىتىگە، بولۇپمۇ ئۇيغۇر مائارىپى ۋە مىللىي سەنئەت پروگراممىلىرىدىكى خىتايلاشتۇرۇلۇش ۋە سىياسىيلاشتۇرۇلۇش ھادىسىسىگە جىددىي دىققەت قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
شيا مىڭ ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى مەدەنىيەت شەكلى ۋە مەدەنىيەت پسىخىكىسى پۈتۈنلەي ئوخشىمايدىغان ئۇيغۇرلارغا خىتاي مەدەنىيەت ئەنئەنىسىنى مەجبۇرىي تېڭىش ئارقىلىق پۈتكۈل ئۇيغۇر خەلقىگە قارىتا «مېڭە يۇيۇش» ۋە ئېرىتىپ تۈگىتىش تاكتىكىسىنى قوللانماقتىكەن. خىتاينىڭ ئاخىرقى مەقسىتىمۇ ئۇيغۇر ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرنى ئۆزلىرى ئارزۇ قىلغاندەك «پۈتۈنلەي ئاسسىمىلياتسىيە قىلىپ يوقىتىش» ئىكەن. ئەمما بۇ خىل ئاشقۇن ئۇرۇنۇشنىڭ نەتىجىسى ئاخىرقى ھېسىپتا ئەكسىچە ئۈنۈم بېرىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىك تۇيغۇسىنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋېتىشى، ھەتتا خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى قارشىلىقلارنىڭ تېخىمۇ كۆپىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن ئىكەن.
0:00 / 0:00