ياپونىيىدىكى ئۇيغۇر ئاتا - ئانا ۋە ئوماق پەرزەنتلەرنىڭ ئانا تىل كۈنىدىكى سادالىرى

0:00 / 0:00


نامايىش جەريانىدا داكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ نۇرغۇنلىغان ئوقۇغۇچىلىرى ھەربىي، ساقچى قىسىملىرى تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن. ئاخىرىدا نامايىش غەلىبىگە ئېرىشىپ دۆلەتنىڭ بېنگال تىلى بىلەن ئوردۇ تىلىنى تەڭ ھۆكۈمەت تىلى قىلىپ قوللىنىشىنى قولغا كەلتۈرگەن. بېنگاللىقلار شۇ قېتىمقى نامايىشتا ھاياتىدىن ئايرىلغان داكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىغا ئانا تىل قەھرىمانلىرى دەپ نام بەرگەن ۋە داكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىچىگە شۇ قەھرىمانلارنى ئەسلەش ئۈچۈن مۇنار تىكلىگەن. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن بۇ خاتىرە كۈن خەلقئاراغا كېڭىيىپ،1999 - يىلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى پەن مائارىپ كومىتېتى تەرىپىدىن يەر شارىدا يوقىلىشقا يۈزلىنىۋاتقان تىللارنى قوغداش،ئىنسانىيەت مەدەنىيەت خەزىنىسىنى ساقلاپ قىلىش رەسمىي خاتىرە كۈنى قىلىپ بېكىتىلگەن.

2006 - يىلى خىتاي دۆلىتى تۇنجى قېتىم «ئانا تىل مائارىپىنى كېڭەيتىپ كۆپ قاتلاملىق مەدەنىيەتنى راۋاجلاندۇرۇش»نى باش تىما قىلغان ئانا تىلنى خاتىرىلەش پائالىيىتىنى ئېلىپ بارغان. شۇندىن بېرى ھەر يىلى بۇ خاتىرە كۈن ئۇيغۇر ئېلىدىمۇ ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن خاتىرىلىنىپ كەلمەكتە.

بىز خەلقئارا ئانا تىل بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن ھازىر ياپونىيىدە يەرلىشىپ قالغان، ئوخشىمىغان مەدەنىيەت،جەمئىيەت قاتلىمىدا ياشاۋاتقان بىر قىسىم ئۇيغۇر ئائىللەردىكى ئاتا - ئانىلارنىڭ ئۆز پەرزەنتلىرىگە ئانا تىلىنى قانداق يوسۇندا ئۈگىتىۋاتقانلىقىنى،سەبىي بالىلارنىڭ ئۇيغۇر تىلىنى قانچىلىك بىلگەنلىكىنى ئىگىلەش ئۈچۈن ئۇلار بىلەن تېلېفون زىيارىتى ئېلىپ باردۇق.

ياپونىيىدە ياشاۋاتقانلىقىغا ئۇزۇن يىللار بولغان ئۇيغۇر زىيالىيسى دوكتور تۇرمۇھەممەت ھاشىم زىيارىتمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئىككى پەرزەنتىگە ئۇيغۇر تىلىنى قانداق ئۈگەتكەنلىكى توغرىسىدا قىسقىچە توختىلىپ ئۆتتى.

قىزى تېخى ئەمدىلا باشلانغۇچ مەكتەپكە ئوقۇشقا كىرگەن ئۇيغۇر سىياسىي ئاكتىپلىرىدىن بىرى گۈلىستان خانىم ئۆزىنىڭ قىزىغا ھازىرغىچە ئۇيغۇر تىلىنى قانداق يوسۇندا ئۈگىتىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.

ياپونىيىدە تۇغۇلغان، بۇ يىل بەش ياشنىڭ قارىسىنى ئالغان، ھازىر بالىلار باغچىسىدا ياپون باللىرى بىلەن بىرلىكتە تەربىيىلىنىۋاتقان ئۇيغۇر قىزى ئاسېنا ئۆزىنىڭ چۈچۈك ئوماق سۆزلىرى بىلەن بىزنىڭ سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بەردى.