توكيودا ياپون بالىلار چۆچىكى «بامبۇك مەلىكە» نىڭ تەرجىمە قىلىنىش ئەھۋالى تونۇشتۇرۇلدى

0:00 / 0:00

19-ئاپرېل توكيودا ياپون-ئۇيغۇر ئەدەبىيات تەرجىمە تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ بىر قىسىم ئەزالىرى يىغىلىپ جەمئىيەتنىڭ نۆۋەتتىكى تەرجىمە، تەتقىقات خىزمەتلىرى توغرىسىدا سۆھبەت يىغىنى ئېلىپ باردى.

ياپون-ئۇيغۇر ئەدەبىيات تەرجىمە، تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ بۇ قېتىمقى سۆھبەت يىغىنىدا، نۆۋەتتە ياپون تىلىدىن ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان ئەدەبىي ئەسەرلەر يەنى ياپون بالىلار چۆچىكى «بامبۇك مەلىكە» نىڭ تەرجىمە قىلىنىش ئەھۋالى ۋە شۇنداقلا يېقىندا ئۇيغۇر تىلىدىن ياپون تىلىغا تەرجىمە قىلىنىپ نەشر قىلىنغان بىر قىسىم ئەدەبىي ئەسەرلەرنىڭ ياپونىيە كىتاب بازارلىرىدىكى سېتىلىش ئەھۋالى ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ باردى.

ياپون-ئۇيغۇر ئەدەبىيات تەرجىمە، تەتقىقات جەمئىيىتى توكيودا قۇرۇلغىنىغا بىر يېرىم يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت بولغان ئىلمىي جەمئىيەت بولۇپ، مەزكۇر جەمئىيەت ئاساسلىقى ئىككى مىللەت ئەدەبىياتىدىكى بالىلار ئەدەبىياتىغا دائىر ئەسەرلەرنى تەرجىمە قىلىش، ياپون-ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرى ئارىسىدا دوستلۇق ئورنىتىشنى نىشان قىلغان. جەمئىيەت ئەزالىرى ئاساسەن ياپونىيەدىكى ھەرقايسى ساھە كىشىلىرىدىن تەركىب تاپقان.

نۆۋەتتە بىز، مەزكۇر جەمئىيەت ھەققىدە تولۇق مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن ياپون-ئۇيغۇر ئەدەبىيات تەرجىمە، تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ مەسئۇللىرىدىن بىرى دوكتور مۇقەددەس خانىم بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق.

يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.