يازلىق تەتىل كېلىش ئالدىدا تۇرىدۇ. مەلۇم بولغاندەك پەقەت ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار يىللاردىن بۇيان تەتىللەردە ھەقىقىي ئارامغا چىقالمايدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە ھاسىل قىلغان نۆۋەتتىكىدەك جىددىي سىياسىي ۋەزىيەتتە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ بۇ يازلىق تەتىلىنى يەنە قانداق پەرقلىق ئورۇنلاشتۇرىدۇ؟ بۇ تېخىچە ئېنىق ئەمەس، چۈنكى دائىرىلەر بۇ يىللىق تەتىللىك ئورۇنلاشتۇرۇشى ھەققىدە ھازىرغىچە ئۇقتۇرۇش چىقارمىغان.ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ يىل يازلىق تەتىلنىڭ ئۇيغۇر ئېلى مىقياسىدا تېررورلۇققا قارشى مەخسۇس ھەرىكىتى باشلانغان، 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ 5 يىللىق خاتىرە كۈنلىرى ۋە رامزان ئېيى بىلەن بىر ۋاقىتتا ۋە يەنە خىتاينىڭ تولۇق ئوتتۇرىغا ئۆرلەش نىسبىتىنى 85% كە يەتكۈزۈش پىلانى، قوش تىل مائارىپىنى تېخىمۇ كۈچەيتىش پىلانى ئوتتۇرىغا چىققان بىر مەزگىلگە توغرا كەلگەچكە، بۇنىڭ بىلەن ئوتتۇرىغا چىققان «بۇ يىل ئوتتۇرا ۋە باشلانغۇچ مەكتەپلەر تەتىلگە قويۇپ بېرىلمەيدىكەن» دېگەن مىشمىش پاراڭلار، تەقەززالىق بىلەن تەتىللىك ئارامغا چىقىشنى كۈتۈۋاتقان ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلاردا غۇلغۇلا قوزغىغان.
يازلىق تەتىل بىر يىللىق ئېغىر خىزمەت بېسىمىدىن چارچىغان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ دەم ئېلىپ زېھنى قۇۋۋىتىنى توپلايدىغان قانۇنلۇق ئارام ئېلىش مەزگىلى، كېچىنى كۈندۈزگە ئۇلاپ ئۆگىنىۋاتقان بالىلار ئۈچۈن بولسا ئېغىر بوغچا، تۈگىمەس تاپشۇرۇقلارنى چۆرۈپ تاشلاپ، ئوقۇش بېسىمىدىن ئازاد بولىدىغان ئەڭ خۇشاللىق، ئەڭ تەقەززالىق ئارام كۈنلىرى، ھالبۇكى ئاشكارىلانغان مەلۇماتلاردىكىدەك، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلار بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلار تەتىلدە ھەقىقىي ئارام ئېلىپ باقمىغىلى خېلى يىللار بولدى، چۈنكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ«ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى ساقلاش»، «ئۆچ خىل كۈچلەرگە زەربە بېرىش»، «دىنىي كەيپىياتنى سۇسلاشتۇرۇش» دېگەندەك سىياسىي ھەرىكەتلىرى بارغانچە كۈچەيتىلىپ داۋاملىشىۋاتقان يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاران يېتىپ كەلگەن قىممەتلىك تەتىل كۈنلىرىدە ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلار يەنىلا ھەرخىل سىياسىي كۇرسلارغا، تەربىيىلەش ئورۇنلىرىغا، ئامانلىق ساقلاش، كۆزەتچىلىك، نۆۋەتچىلىكلەرگە مەجبۇرىي قاتناشتۇرۇلىدۇ.
نام شەرىپىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان قەشقەردىكى مەلۇم ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ بىر ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچى رادىئومىزغا ئۇچۇر يوللاپ، گەرچە يازلىق تەتىل قويۇپ بېرىلىشكە ئاز قالغان بولسىمۇ، تەتىللىك دەم ئېلىش ئورۇنلاشتۇرۇشى ھەققىدە يۇقىرى دەرىجىلىك مائارىپ تارماقلىرى ئۇقتۇرۇش چۈشۈرگەنلىكى، بۇنىڭ بىلەن مەكتەپ رەھبەرلىكىنىڭ جىددىي ۋەزىيەتتە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تەتىل بولغان تەقدىردىمۇ 3 كۈندىن ئارتۇق سەپەرگە چىقماسلىقى، ھەپتىدە بىر قېتىم مەكتەپكە كېلىپ يوقلىمىدىن ئۆتىشى شەرت ئىكەنلىكى، مەكتەپنىڭ رامزان مەزگىلدىكى مۇقىملىق خىزمەتلىرىنى ئورۇنلاشتۇرىدىغانلىقى قاتارلىقلارنى ئاغزاكى ئۇقتۇرغان.
ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئاتۇش، ئاقسۇ، ئۈرۈمچى ۋە باشقا شەھەرلىرىدىكى بىر قىسىم ئوتتۇرا ۋە باشلانغۇچ مەكتەپلەردىن ئىگىلىگەن ئۇچۇرلىرىمىزدىنمۇ ئوخشاشلا تەتىل ھەققىدە ئېنىق بىر ئۇقتۇرۇش ھازىرغىچە مەلۇم ئەمەسلىكى، بۇنىڭ بىلەن ئوقۇتقۇچىلاردا ھەر خىل گۇمان ۋە غۇلغۇلا بولۇۋاتقانلىقى مەلۇم بولدى.
ئۈرۈمچى مائارىپ ئىدارىسىنىڭ بىر خادىمىمۇ يازلىق تەتىل ئورۇنلاشتۇرۇشى ھەققىدە ئېنىق جاۋاب بېرەلمىدى، ئەمما، چوقۇم تەتىل قويۇپ بېرىلىدۇ دېدى:
ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىنكاسلىرىغا قارىغاندا، بىر قانچە يىلدىن بۇيان ئوقۇتقۇچىلار گەرچە نامدا تەتىلگە قويۇپ بېرىلسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ھەر خىل سىياسىي خىزمەت ۋە ۋەزىپىلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇلغاچقا، زېھنى جەھەتتىن تېخىمۇ چارچاش ھېس قىلىدىكەن. بۇ نۆۋەتلىك يازلىق تەتىلنىڭ، بولۇپمۇ رامزان ئېيىغا توغرا كەلگەنلىكى ئۈچۈن، ئوقۇتقۇچىلارنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئائىلىسىگە بېرىپ ئائىلىلەرنىڭ دىنىي كەيپىياتى، روزا تۇتۇش ئەھۋالىنى نۆۋەتلىشىپ تەكشۈرۈشكە ئورۇنلاشتۇرۇشى مۇمكىن ئىكەن.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئوقۇتقۇچىلار، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەتىلدە ئارامسىز قېلىشى ۋە بۇنىڭ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەر جەھەتتىن ساغلام ئۈسۈپ يېتىلىشىگە بولغان ئەكس تەسىرىدىن بەكرەك ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى ئىپادىلىمەكتە.
ئىلگىرى ئۇيغۇر ئېلىدا كۆپ يىل ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان، نۆۋەتتە نورۋېگىيەدىكى بىر ئوتتۇرا مەكتەپتە ئۆز كەسپىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان، ئاكتىپ ئۇيغۇر پائالىيەتچىسى سەمەت ئابلا ئەپەندى بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ «مائارىپ قانۇنىغا خىلاپ بۇ خىل مائارىپ تۈزۈمىگە پەقەت ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلارلا چىداپ كەلمەكتە. تەتىل مەزگىلى ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچى بالىلار ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم، بالىلارنىڭ رايىغا باقماي، ھېسسىياتىغا ھۆرمەتمۇ قىلماي ئېلىپ بېرىلىۋاتقان، ئوقۇتقۇچىلارغا زور روھىي بېسىم، بالىلارنىڭ ئەقلىي ۋە ھەر جەھەتتىكى تەرەققىياتىغا ئېغىر بۇزغۇنچىلىق ئېلىپ كېلىدىغان بۇ خىل تەتىلىنى مەجبۇرىي تارتىۋېلىش ئۇلارنىڭ ئەقەللىي ھوقۇقىغا قىلىنغان زوراۋانلىق» دەپ ئەيىبلىدى.
سەمەت ئابلا ئەپەندى يەنە، گەرچە خىتاينىڭ زور بېسىمىغا ئۇچراۋاتقان بولسىمۇ، ۋەتەننىڭ، مىللەتنىڭ كەلگۈسى بولغان بالىلارنى قوغداشقا ئوقۇتقۇچى ۋە ئاتا، ئانىلارنىڭ ئالاھىدە كۈچ چىقىرىشىنى، تەتىل قىلىشتىن ئىبارەت قانۇنلۇق ئەقەللىي ھەق-ھوقۇقىنى قوغداش ئۈچۈن قانۇنىي يوللار بىلەن نارازىلىقىنى بىلدۈرۈشكە جۈرئەت قىلىشىنى تەۋسىيە قىلدى.