«يەتتىسۇ ئۇيغۇر مۇزىكا مەكتىپى» ئۇيغۇر ئەۋلادلىرىنىڭ ئۆز مۇزىكا مەدەنىيىتى بىلەن تەربىيىلىنىشىگە ئاساس سالماقتا

0:00 / 0:00

قازاقىستاننىڭ ئۇيغۇرلار ئەڭ زىچ ئولتۇراقلاشقان ئالمۇتا ۋىلايىتىنىڭ بايسېيىت يېزىسىدا قۇرۇلۇپ، ئىككىنچى ئوقۇش يىلىنى بۇ يىل سېنتەبىر مۇۋەپپەقىيەتلىك باشلىغان «يەتتىسۇ ئۇيغۇر مۇزىكا مەكتىپى» نىڭ 50 كە يېقىن ئۇستاز ۋە ئوقۇغۇچىلىرى نۆۋەتتە، 21-نويابىر ئۆتكۈزۈلىدىغان يىللىق كونسېرتىغا جىددىي تەييارلىق كۆرمەكتە ئىكەن.

ئاگاخان فوندىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن «يەتتىسۇ مۇزىكا مەكتىپى» نىڭ خىزمەتلىرىنى كۆزدىن كەچۈرۈش ئۈچۈن لوندوندىن كەلگەن مۇستەقىل تەتقىقاتچى ئەزىز ئەيسا ئەپەندى ۋە ئۇنىڭ خانىمى ئۇيغۇر مۇزىكا تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان دوكتور رېچال خانىم مەزكۇر مۇزىكا مەكتىپىنىڭ قۇرۇلۇشىدا ئاساسلىق خىزمەتلەرنى قىلغۇچىلار بولۇپ، ئەزىز ئەپەندى مەخسۇس بۇ مەكتەپتە ئىككى كۈنلۈك زىيارەتتە بولىدىكەن.

ئۇنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، غەيرەت يېزىسى بىر قەدەر چەت يېزا بولۇپ، ئاساسلىق نوپۇسىنى ئۇيغۇرلار تەشكىل قىلىدۇ. ئاگاخان فوندىنىڭ بايسېيت يېزىسىدا قۇرغان مۇزىكا مەكتىپىنىڭ ئىككىنچى ئوقۇش يىلىنى غەيرەت يېزىسىدا داۋاملاشتۇرىدىغان بولۇپ، مەزكۇر مەكتەپنىڭ ئىككىنچى ئوقۇش يىلىنى مەزكۇر غەيرەت يېزىسىدا داۋام ئەتكۈزۈشنى قارار قىلىشتىمۇ، بۇ يېزىنىڭ رېئال قىيىنچىلىقلىرى كۆزدە تۇتۇلغان ئىكەن.

ئەزىز ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، ئاگاخان فوندىنىڭ ياردىمى بىلەن «غەيرەت ئوتتۇرا مەكتىپى» دە بۇ يىل سېنتەبىردىن باشلاپ داۋام قىلىۋاتقان بۇ مۇزىكىلىق ئوقۇتۇش پروگراممىسىنىڭ ئىككىنچى يىللىق ئوقۇتۇشى، ئىنتايىن جانلىق ۋە تەرتىپلىك، قىزغىن داۋام قىلىۋاتقان بولۇپ، پېشقەدەم تەجرىبىلىك كەسپىي سەنئەت ئوقۇتقۇچىلىرى پروگرامما بويىچە، مەھەللىدىكى ئۇيغۇر ياش ئۆسمۈرلىرىگە ئۇيغۇر چالغۇ ئەسۋابلىرى، مۇقام ۋە ناخشا، ئۇسۇللىرى تەربىيىسى ئېلىپ بارماقتا.

غەيرەت ئۇيغۇر ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ مۇدىرى مەرىف ئەزىمجان غەيرەت ئوتتۇرا مەكتىپىنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ، يۈز يىللىق تارىخقا ئىگە بۇ مەكتەپنىڭ، ھازىرنىڭ ئۆزىدە 320 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر ۋە قازاق ئوقۇغۇچىنى ئانا تىلدا تەربىيىلەۋاتقانلىقىنى، مەكتەپنىڭ مۇزىكا ئوقۇتۇش پروگراممىسىنىڭ بۇ مەكتەپتە داۋاملىشىشىنى قوللاپ ئۇيغۇر ناخشا، مۇزىكا سەنئىتىگە ئىشتىياق باغلىغان تالانتلىق بالىلارنى تەربىيىلەشتە مۇنتىزىم بىر سەنئەت كۇرژۇكىنى قۇرۇش بىلەن، بالىلارنىڭ ئۇيغۇر مۇزىكا سەنئىتىگە بولغان مېھرى-مۇھەببىتىنىڭ ئېشىپ بېرىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭدىن ئوقۇتقۇچى ۋە ئاتا-ئانىلارنىڭمۇ ئىنتايىن خۇشال ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

غەيرەت ئوتتۇرا مەكتىپىدە تەسىس قىلىنغان «يەتتىسۇ مۇزىكا مەكتىپى» نامىدىكى سەنئەت تەربىيە پروگراممىسى ئۈچۈن تاللانغان 30 ئوقۇغۇچىنىڭ بىرى ئىنتىزار، 6-سىنىپ ئوقۇغۇچىسى بولۇپ، قىزىقىشى بويىچە دۇتار ئۆگىنىۋاتقان ئىكەن، ئىككى ئاي ئىچىدە مۇشاۋىرەك مۇقاملىرىغا بىمالال چالالايدىغان بولغان.

ساتتار چېلىشنى ئۆگىنىۋاتقان، ئېلۋىرا ئۇيغۇر مۇقاملىرىغا قولى خېلى كېلىپ قالغان بولۇپ، كېلەچەكتە، مۇزىكانت بولۇش ئارزۇسى بار ئىكەن.

پېشقەدەم مۇزىكا ئۇستازى، مەكتەپنىڭ ئاساسلىق مۇزىكا ئوقۇتقۇچىسى، ئەزىز تۇردىيېف ئەپەندى ئاگاخان فوندىنىڭ بايسېيتتا قۇرغان بۇ مۇزىكا ئوقۇتۇش پروگراممىسى تۇنجى باشلانغاندىن بۇيان، مۇزىكا ئوقۇتۇشىغا باش يېتەكچى بولۇپ كەلمەكتە. ئۇ يەتتە سۇ مۇزىكا مەكتىپىنىڭ غەيرەت مەكتىپىدىكى مۇزىكا سىنىپىغا بىر قىسىم بالىلارنىڭ تاللانغانلىقى، ئاگاخان فوندىنىڭ ئۇيغۇر ئەۋلادلىرىنىڭ ئۆزىنىڭ مۇزىكا مەدەنىيىتى بىلەن تەربىيىلىنىشىگە ئاساس سالغانلىقى ۋە زور پۇرسەت يارىتىپ بەرگەنلىكىگە سەمىمىي تەشەككۈرىنى بىلدۈردى.