1960-يىللاردىكى يېزىق ئۆزگەرتىش ھەرىكىتىدە ئۇيغۇر خەلقى تۆلىگەن ئېغىر بەدەللەر

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز قۇتلان
2013.06.06
kona-yeziq-yengi-yeziq-siyasiy-teshwiqat.jpg 1960-يىلى ئەرەب ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر كونا يېزىقىنى خىتايچە پىنيىن ئاساسىدىكى يېڭى يېزىققا ئۆزگەرتىش ئۈچۈن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان سىياسىي تەشۋىقات قوللانمىسى.
RFA/Qutlan

1960-يىللارنىڭ باشلىرىدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا مەجبۇرىي يوسۇندا ئېلىپ بېرىلغان يېزىق ئۆزگەرتىش دولقۇنى جەريانىدا ئۇيغۇر خەلقى تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز ئېغىر بەدەل تۆلىگەن.

تىل قانۇنىيىتى ۋە مىللەت ئەزالىرىنىڭ ئىختىيارىي تاللىشى بويىچە ئەمەس، بەلكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىي چوتى ۋە مىللىي ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتى بويىچە ئېلىپ بېرىلغان بۇ ھەرىكەت داۋامىدا ئۇيغۇر تىل-يېزىقى تارىختا ئاز كۆرۈلىدىغان يوقىتىشلارغا دۇچ كەلگەن.

ئۆكتەبىر ئىنقىلابىدىن كېيىن رۇس بولشېۋىكلىرىنىڭ مىللىي ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتى نەتىجىسىدە ئورتا ئاسىيادىكى قېرىنداش خەلقلەرنىڭ يېزىقلىرى ئەسلىدىكى ئەرەب ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى تۈركى-چاغاتاي ئورتاق يېزىقىدىن لاتىن يېزىقىغا، 1930-يىللارنىڭ ئاخىرىغا بارغاندا رۇس ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى سلاۋيان يېزىقىغا مەجبۇرىي يوسۇندا كۆچۈرۈلگەن ئىدى. 1960-يىللارغا سىياسىي مەقسەتكە يانداشتۇرۇلغان بۇ خىل سۈنئىي ئىسلاھات ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئىجتىمائىي تەرەققىيات ۋە مىللىي مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىغىمۇ ئېغىر قالايمىقانچىلىقلارنى ئېلىپ كەلدى.

1950-يىللارنىڭ ئاخىرىدا چىڭداۋدا چاقىرىلغان خىتايدىكى مىللەتلەر مەسىلىلىرى بويىچە مەخسۇس يىغىندا خىتاي باش مىنىستىرى جۇئېنلەي ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ يېزىقىنى خىتاي تىلىنىڭ پىنيىن سىستېمىسى ئاساسىدا لاتىن يېزىقىغا كۆچۈرۈشنىڭ تۇنجى سىگنالىنى چالىدۇ. بۇنىڭ بىلەن بۇنىڭ شامىلى ناھايىتى تېزلا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا يېتىپ كېلىدۇ. بۇ خىل مەجبۇرىي ئۆزگەرتىشكە قارشى تۇرغان زىيالىيلار ۋە بىلىم ئىگىلىرى 1958-يىلىدىن باشلاپ «يەرلىك مىللەتچى»، «بۇرژۇئا زىيالىيسى» دېگەندەك قالپاقلار بىلەن تەقىب قىلىنىدۇ. 1960-يىلىغا كەلگەندە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى سەيپىدىن ئەزىزى، مۇئاۋىن رەئىسى ئابدۇللا زاكىر ھەمدە زىيالىيلار ئىچىدىكى سىياسىي ئاكتىپلاردىن ئەلقەم ئەختەم قاتارلىقلارنىڭ خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇشى ھەمدە كۈچەپ تەشەببۇس قىلىشى بىلەن خىتايچە پىنيىن ئاساسىدىكى ئۇيغۇر يېڭى يېزىقىنىڭ دەسلەپكى لايىھىسى ئوتتۇرىغا چىقىدۇ.

1960-يىلى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ تاپشۇرۇقى بىلەن «سوتسىيالىستىك ئىنقىلابنىڭ تىل-يېزىق ساھەسىدىكى ئۇلۇغ غەلىبىسى ئۈچۈن، مىللەتلەرنىڭ تېخىمۇ ئىناق ۋە ئىتتىپاقلىقى ئۈچۈن كۈرىشەيلى» ناملىق كىتابنى نەشر قىلىدۇ. بۇ كىتابقا سەيپىدىن ئەزىزىنىڭ خىتايچە پىنيىن ئاساسىدىكى يېڭى يېزىققا كۆچۈشنىڭ زۆرۈرلۈكى ۋە مۇھىملىقى ھەققىدىكى باش ماقالىسى، ئابدۇللا زاكىرنىڭ «يېزىق ئۆزگەرتىش ھەققىدە دوكلات» ناملىق ماقالىسى ھەمدە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يېزىق ئۆزگەرتىش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ئەلقەم ئەختەمنىڭ «يېڭى ئاتالغۇلارنى قېلىپلاشتۇرۇش مەسىلىسى» ناملىق ماقالىسى ھەمدە 1959-يىلى 12-ئاينىڭ 17-كۈنى «شىنجاڭ گېزىتى» گە بېسىلغان «ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ يېزىقىنى تۈپتىن ئۆزگەرتىشنىڭ ياخشى باشلىنىشى» ناملىق باش ماقالە كىرگۈزۈلىدۇ.

مەزكۇر كىتابتىكى ماقالىلەردە بىردەك ئۇيغۇر، قازاق قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ يېزىقىنى پەقەتلا خىتايچە پىنيىن ئاساسىدىكى يېڭى يېزىققا كۆچۈرۈشنىڭ «بىردىن-بىر ئىلغار يول» ئىكەنلىكىنى ھەمدە بۇنىڭ «مىللەتلەرنىڭ ئاخىرقى ھېسابتا قوشۇلۇپ كېتىشى» گە تاشلانغان ياخشى قەدەم ئىكەنلىكى ئالاھىدە تەكىتلەنگەن. خىتاي تىل-يېزىقى ۋە مەدەنىيىتىنىڭ ئىلغارلىقى ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرگە ئۈلگە بولالايدىغانلىقى تۈرلۈك مەدھىيە سۆزلىرى بىلەن كۆككە كۆتۈرۈلگەن. سەيپىدىن ئەزىزى بۇ كىتابتىكى باش ماقالىسىدە: «جۇڭگودىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر خەنزۇ خەلقىگە بىرلىشىدۇ. خەنزۇ خەلقىنىڭ مەدەنىيىتى، تىل-يېزىقى ھەممە مىللەت ئۈچۈن ئورتاق خۇسۇسىيەت بولۇپ قالىدۇ. بۇ بولسا جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ مۇقەررەر يۈزلىنىشىدۇر» دەپ يازىدۇ. ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ئاپتونوم رايونلۇق يېزىق ئۆزگەرتىش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ئابدۇللا زاكىر بولسا ئۆز ماقالىسىدە «يېڭى يېزىق لايىھىسىنى سىناق قىلىش ۋە ئومۇملاشتۇرۇش مۇددىتىنى 3 يىلدىن 5 يىلغىچە قىلىپ بەلگىلەشنى تەكلىپ قىلدۇق» دەپ يازىدۇ. ئەلقەم ئەختەم ئۆز ماقالىسىدە يېزىق ئۆزگەرتىشكە قارشى تۇرغان زىيالىيلارغا ئوچۇق-ئاشكارا ھۇجۇم قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «بەزى كىشىلەر ‹مىللىي ئاسسىمىلياتسىيىگە قارشى تۇرۇش› نى باھانە قىلىپ، خەنزۇ تىلىنىڭ فونېتىكىلىق ئېلىپبەسىنى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ يېزىقلىرىنى ئۆزگەرتىشتە ئاساس قىلىشقا قارشى چىقتى. بۇ ‹بۇرژۇئا مىللەتچىلىكى› دۇر».

مىللىي مەدەنىيەت ئىنكارچىلىقى ھەمدە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ مىللىي ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىگە يانتاياق بولغان بۇ كىتابتىكى ماقالىلەردە ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئۆزىگە خاس فونېتىكىلىق قائىدىلىرى بىر چەتكە قايرىلىپ قويۇلۇپ، پەقەت خىتاي تىلىغىلا خاس بىر قىسىم ئېغىر تاۋۇشلار ۋە ئۇنى ئىپادىلەيدىغان قوشما ھەرپلەرنى قوبۇل قىلىش تەشەببۇس قىلىنغان. بۇ ھال ئۇيغۇر تىل-يېزىقىنىڭ 1960-يىللاردىن بۇيانقى 20 يىللىق ئازابلىق كەچۈرمىلىرىگە سەۋەب بولغان.

بۇ ھەقتە رادىئو ئاڭلىغۇچىلارنى تەپسىلىي ئۇچۇرغا ئىگە قىلىش ئۈچۈن 1960-يىلى نەشر قىلىنغان يېزىق ئۆزگەرتىش ھەققىدىكى مەزكۇر كىتاب ھەققىدە «لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلى» نىڭ تور بېتىدە ماقالە ئېلان قىلغان مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن ئەزىز ئەيسا ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

تەپسىلاتىنى ئاۋاز ئۇلىنىشتىن ئاڭلىغايسىز.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.