يىللاردىن بۇيان، بىر تەرەپتىن خىتاينى ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى سەۋەبلىك ئەيىبلىسە، يەنە بىر تەرەپتىن خىتاي بىلەن بولغان ئىقتىسادىي ھەمكارلىقلىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ 2023-يىلىنىڭ باشلىنىشى بىلەن بەزى ئەمەلىي قەدەملەرنى بېسىپ، يېڭى خىتاي ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشقا باشلىغانلىقى مەلۇم بولماقتا.
8-يانۋار كۈنى «گېرمانىيە دولقۇنلىرى» رادىيوسى «ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ مەبلەغ سالغۇچىلىرى خىتايغا سوغۇق مۇئامىلە قىلماقتا» ناملىق بىر ماقالە ئېلان قىلدى. ماقالىدە بايان قىلىشىچە، 2021-يىلى ياۋروپا ئىتتىپاقى ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى بىلەن ئالاقىدار بولغان 4 نەپەر خىتاي ئەمەلدارىغا جازا يۈرگۈزگەندىن كېيىن، خىتاي تەرەپمۇ ئۆچ ئېلىش مەقسىدىدە ياۋروپادىكى ئەڭ چوڭ ئاقىللار ئامبىرى بولغان مېركاتو خىتاي تەتقىقات ئىنىستىتۇتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىرقىسىم ئورگان ۋە شەخسلەرگە جازا ئېلان قىلغان. بۇنىڭ نەتىجىسىدە ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت زور دەرىجىدە بۇزۇلغان. ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانماقچى بولغان مەبلەغ سېلىش كېلىشىمى توڭلىتىپ قويۇلغان. ئارقىدىنلا يولغا قويۇلغان خىتاينىڭ «يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش» سىياسىتى يالغۇز خىتايغىلا ئەمەس، خىتايدىكى غەرب ئەللىرى كارخانىلىرىغىمۇ ئىقتىسادىي جەھەتتىن زىيانلار سالغان.
ماقالىدە ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدىن كېيىن، خىتاي تەۋەسىدە پەيدا بولغان «ئاق قەغەز ھەرىكىتى» نىڭ تەسىرىدە خىتاي ھاكىمىيىتى ئۆتكەن ئايدىن باشلاپ «يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش» سىياسىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرغان، ساياھەتنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن ۋە چەت ئەللىك كارخانىچىلارنىڭ خىتايغا قايتىپ كېلىپ قايتىدىن ئىش باشلىشىنى، مەبلەغ سېلىشىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئەمما غەربلىكلەر بۇ قېتىم مەبلەغلىرىنى خىتايغا ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى دۆلەتلەرگە سېلىشقا باشلىغان، ئۇلار ۋېيتنام، ھىندونېزىيە، ياپونىيە، سىنگاپور، مالايسىيا قاتارلىق دۆلەتلەردە زاۋۇتلار قۇرۇپ ئىش باشلىغان.
يالغۇز غەرب ئەللىرىنىڭ مەبلەغ سالغۇچىلىرىلا ئەمەس، بەزى چوڭ خىتاي شىركەتلىرىنىڭمۇ خىتايدىكى مۇقىمسىزلىق ۋە داۋۇلغۇشلار سەۋەبلىك مەبلەغلىرىنى شەرقىي-جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرىگە يۆتكەۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن گېرمانىيەدىكى ۋەزىيەت ئانالىزچىسى ئەنۋەر ئەھمەت ئەپەندى، غەرب شىركەتلىرىنىڭ خىتايدىن چېكىنىپ چىقىشىغا ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭمۇ مۇھىم بىر سەۋەب بولىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالدى.
ماقالىدە تەسۋىرلىشىچە، غەرب شىركەتلىرى ئەمدى خىتايغا بۇرۇنقىدەك قىزىقمايدىغان ھالەتكە كەلگەن. خىتاي ھازىر ياۋروپالىقلارنىڭ نەزەرىدە «قىزىق بازار» لىق ئورنىنى يوقىتىپ قويغان. ئۇ بارغانسېرى «مۆلچەرلىگۈسىز، ئىشەنچىسىز ۋە ئۈنۈمسىز» بىر دۆلەتكە ئايلانغان. ھەممىدىنمۇ مۇھىمى، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر ئاخىرىقى بىرقانچە يىلدا خىتايغا قارىتا سىياسەتلىرىنى تۈپتىن ئۆزگەرتكەن. سىياسەتنىڭ ئۆزگىرىشى مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ تاللىشىنىمۇ ئۆزگەرتكەن. نۇرغۇنلىغان ياۋروپالىق مەبلەغ سالغۇچىلار خىتايدىن چېكىنىپ چىقىپ، مەبلەغلىرىنى شەرقىي-جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرگە سالغان. ياۋروپالىقلارنىڭ 2021-يىلى بىر يىل ئىچىدە شەرقىي-جەنۇبىي ئاسىياغا سالغان مەبلىغى 26 مىليارد 500 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن.
خىتايدىكى نۇرغۇنلىغان چەت ئەل شىركەتلىرىنىڭ يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىلىپ قالماسلىق، خىتاينىڭ جىنايىتىگە شېرىك بولۇپ جازاغا ئۇچرىماسلىق ئۈچۈن خىتايدىن مەبلەغلىرىنى قايتۇرۇۋېلىشقا، زاۋۇتلىرىنى يۆتكەشكە باشلىغانلىقىنى تىلغا ئالغان نورۋېگىيەدىكى ۋەزىيەت ئانالىزچىسى بەختىيار ئۆمەر ئەپەندى، نورۋېگىيە نېفت فوندىنىڭمۇ يېقىندا خىتاينىڭ كۆزىتىش كامېراسى ياسايدىغان خېكۋىزيون شىركىتىگە سالغان مەبلىغىنى قايتۇرىۋالغانلىقىنى تەكىتلىدى.
خەۋەردىن مەلۇم، بولۇشىچە، ئالدىنقى ئايدا ئۆتكۈزۈلگەن ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن شەرقىي-جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ يوقۇرى دەرىجىلىكلەر ئۇچرىشىشىدا ياۋروپا كومىسىيونىنىڭ رەئىسى ئۇرسۇلا فون دېر لايىن ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن 10 مىليارد دوللار مەبلەغ ئاجرىتىپ «يەرشارى دەرۋازىسى» نى ئېچىش ئۈچۈن شەرقىي-جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرىگە سالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بۇ بولسا ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتاينىڭ «بىر بەلۋاغ بىر يول» قۇرۇلۇشىغا قارشى ئىستراتېگىيەلىك تەدبىرى ئۈچۈن بېسىلغان ئەمەلىي قەدەم بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن. ئۇزۇندىن بۇيان خىتايغا بېقىنىپ قالغان شەرقىي-جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بۇ سىياسىتىنى قىزغىن قارشى ئالغان.
ماقالىدە تەكىتلىشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن خىتايغا مەبلەغ سېلىۋاتقان چوڭ شىركەتلەر «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق» دەپ ئەيىبلىنىۋاتقان BMW، ۋولكسۋاگېن، مېرسىدېس-بېنز قاتارلىق گېرمانانىيەنىڭ چوڭ ماشىنا گورۇھلىرى بولۇپ، خىتايدا زور ساندا زاۋۇتلىرى ۋە مەبلەغلىرى بولغان بۇ شىركەتلەر خىتاي بىلەن بولغان ئىقتىسادىي ئالاقىسىنى «بىر كېچىدىلا» ئۈزىۋىتەلمەيدىكەن. ئەمما خىتايدىكى باشقا گېرمان شىركەتلىرىنىڭ 30 پىرسەنتى زاۋۇتلىرىنى خىتايدىن يۆتكەپ بولغان، يەنە 30 پىرسەنتى يۆتكىلىش ئالدىدا تۇرماقتا ئىكەن.