ئامېرىكانىڭ «يەر شارى ماگنېتىسكىي قانۇنى» ئارقىلىق چېن چۈەنگو قاتارلىق 4 ئەمەلدارنى جازالىشى نېمە ئۈچۈن مۇھىم؟

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2020.07.10
RebellPepper-20200710.jpg ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى 4 نەپەر خىتاي ئەمەلدارىنى «يەر شارى ماگنېتىسكىي قانۇنى» ئارقىلىق جازالىغانلىقى ھەققىدىكى ھەجۋىي رەسىم.
Rebel Pepper

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 9-ئىيۇل كۈنى خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى 4 نەپەر ئەمەلدارىنى «يەر شارى ماگنېتىسكىي قانۇنى» ئارقىلىق جازالىغان ئىدى. ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋە مالىيە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئايرىم-ئايرىم چىقىرىلغان قارارلاردا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى چېن چۈەنگو، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي-قانۇن كومىتېتىنىڭ سابىق سېكرېتارى جۇ خەيلۇن، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتىنىڭ نازىرى ۋاڭ مىڭشەن، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتىنىڭ پارتكوم سېكرېتارى خو ليۇجۈن قاتارلىق 4 نەپەر ئەمەلدارنى ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنى جازالاش تىزىملىكىگە كىرگۈزگەن ئىدى.

مەزكۇر قارارنىڭ ئېلان قىلىنىشى ئۇيغۇر مەسىلىسىگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان ماركو رۇبىيو قاتارلىق ئامېرىكا دۆلەت مەجلىس ئەزالىرى، ھەرقايسى كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى قاتارلىق ئورگانلارنىڭ ھەم شۇنداقلا ئۇيغۇر جامائەتچىلىكىنىڭ كۈچلۈك ئالقىشىغا ئېرىشتى. 

«يەر شارى ماگنېتىسىي قانۇنى» ئارقىلىق يۇقىرىقى بۇ خىتاي ئەمەلدارلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنىڭ ئامېرىكاغا كىرىشى چەكلىنىدىكەن، ئۇلارنىڭ ئامېرىكادىكى مال-مۈلۈكلىرى توڭلىتىلىدىكەن ۋە ئۇلارنىڭ دۇنيانىڭ ھەرقانداق يېرىدىكى ئامېرىكا بانكىلىرى بىلەن مۇئامىلە قىلىشى چەكلىنىدىكەن.

ئامېرىكادىكى تونۇلغان خىتاي ئىشلىرى مۇتەخەسسسى گوردون چاڭ رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە يۇقىرىقى بۇ قارارنى ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە، دەپ كۆرسەتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: «مەنچە بۇ ئىنتايىن مۇھىم. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ سېكرىتارى چېن چۈەنگونىڭ خىتاي كومپارتىيەسى سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى ئىكەنلىكىدىن ئويلىغاندا، بۇ ھازىرغا قەدەر ئامېرىكا ھۆكۈمىتى جازا تەدبىرى قويغان ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك خىتاي ئەمەلدارى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ ئىنتايىن مۇھىم. چۈنكى خىتايغا ئوخشاش ئىستىبدات ھاكىمىيەتلەر ئادەتتە سىموۋوللۇق خاراكتېرىگە ئىگە نەرسىلەرنى ھەممىدىن ئۈستۈن كۆرىدۇ. شۇڭا مەن بۇنى دېموكراتىيەدە ياشاۋاتقان كىشىلەر ئويلىغاندىنمۇ بەك مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە دەپ قارايمەن.» 

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىكى بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارمۇ قارارغا باھا بېرىپ: «بۇ سەل چاغلىغىلى بولمايدىغان قارار. چۈنكى ئۇ سىمۋوللۇق جەھەتتىن ھەم ئوبراز جەھەتتىن مۇھىم بولۇپلا قالماي، يەنە كېلىپ شۇ كىشىنىڭ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا خالىغانچە ھەرىكەت قىلىشى ۋە پۇل مۇئامىلىسى قىلىش ھوقۇقىغا ھەقىقىي مەنىدە توسالغۇ پەيدا قىلىدۇ،» دېگەن. 

ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئېلشات ھەسەن ئەپەندىمۇ ھازىرقىدەك ئۇچۇرلاشقان دۇنيادا «كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلغۇچى» دېگەن نامنى كۆتۈرۈپ يۈرۈشنىڭ ئېغىر روھىي زەربە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە ئەمەلدارلىرىنىڭ بۇنىڭغا ھەرگىز سەل قارىيالمايدىغانلىقى بىلدۈردى. 

دەرۋەقە، خىتاينىڭ تاشقىي ئىشلار باياناتچىسى ئامېرىكانىڭ بۇ قارارىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى. تاشقى ئىشلار مىنىستېرلىقىنىڭ باياناتچىسى جاۋ لىجيەن 10-ئىيۇل كۈنى تارقاتقان باياناتىدا «ئامېرىكانىڭ بۇ ھەرىكىتى خىتاينىڭ ئىچكىي ئىشلىرىغا ئارىلاشقانلىق. ئۇ خەلقئارا قانۇنلارغا خىلاپ ھەم ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىگە ئىنتايىن زىيانلىق. بىز ئۇنى رەت قىلىمىز ۋە ئەيىبلەيمىز. بىزمۇ بۇنىڭغا جاۋابەن شىنجاڭ مەسىلىسىدە نامۇۋاپىق ھەرىكەت قىلىۋاتقان ئامېرىكا ئورگانلىرى ۋە شەخسلىرىگە جازا قويىمىز،» دەپ تەھدىت قىلغان. 

ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقى 9-ئىيۇل كۈنى ئېلان قىلغان يۇقىرىقى قارارىدا يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چېن چۈنگو، جۇخەيلۇن، ۋاڭ مىڭشەن، خو ليۇجۈن قاتارلىق 4 ئەمەلدارىدىن سىرت يەنە ئىسمى ئاشكارىلانمىغان ۋە بۇ زۇلۇمدا رولى بار دەپ قارالغان باشقا ئەمەلدارلارغىمۇ ۋىزا چەكلىمىسى قويۇلغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. 

خىتاي ئىشلىرى تەتقىقاتچىسى گوردون چاڭ سۆزىدە ئامېرىكانىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى بۇ زۇلۇمغا قارشى تەبىرلىرىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇ: «مەنچە، ئامېرىكا يەنىمۇ كۆپ تەدبىرلەرنى ئېلىشى كېرەك. يۇقىرىق بۇ ئەمەلدارلارغا ئىنتىرپول تەرىپىدىن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلىشى كېرەك. ئەڭ مۇھىمى ئامېرىكا ئۇيغۇر ئېلىدىكى بۇ ئېرقىي قىرغىنچىلىق تۈسىنى ئالغان سىياسەتلەرنىڭ باش لايىھەىگۈچىسى بولغان خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنى جازالىشى كېرەك،» دېدى. 

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدىكى 4 نەپەر خىتاي كومپارتىيە ئەمەلدارىنى جازالايدىغان «يەر شارى ماگنېتىسكىي قانۇنى» نى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، ياۋرۇپا ئىتتىپاقى، ئەنگىلىيە، كانادا ۋە ئاۋسترالىيە قاتارلىق باشقا دېموكراتىك ئەللەرنىمۇ ئوخشاش قەدەم تاشلاشقا دەۋەت قىلىدىغان چاقىرىقلار كۈچەيدى.

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ تەتقىقاتچىسى مايا ۋاڭ مەزكۇر ئورگاننىڭ تور بېتىدە ئېلان قىلغان ماقالىسىدە ئامېرىكانىڭ بۇ جەھەتتە ئىنتايىن ھەل قىلغۇچ قەدەم ئالغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن ۋە ئەگەر باشقا ھۆكۈمەتلەرمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش تەدبىرلەرنى ئالسا، ئۇ ھالدا ئامېرىكانىڭ «يەر شارى ماگنىتسكىي جازاسىنىڭ ئۈنۈمى تېخىمۇ زور بولىدۇ،» دەپ كۆرسەتكەن. ئۇ ماقالىسىدە «بۇنداق جازالارنى كوللېكتىپ ھالدا قويۇش يەر شارىدا قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىنىشىنى بارغانسېرى كۆزگە ئىلمايۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتىگە كۈچلۈك سېگنال بېرىدۇ. ئۇنى جازالانماسلىق تۇيغۇسى ئۈستىدىن تەكرار ئويلىنىشقا مەجبۇرلايدۇ،» دەپ تەكىتلىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.