ئۇزۇن تالاش-تارتىشلاردىن كېيىن، ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى «ماگنىتىسكىي قانۇنى» نى يولغا قويۇشنى قارار قىلدى.
«گېرمانىيە دولقۇنلىرى» رادىيوسىنىڭ 7-دېكابىردىكى «ياۋروپا ئىتتىپاقى دۇنيا مىقياسىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى جازالايدۇ» ناملىق خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، 7-دېكابىر كۈنى ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئىچكى يىغىن چاقىرىپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ يېڭى كىشىلىك ھوقۇق تۈزۈمى سۈپىتىدە «ماگنىتىسكىي قانۇنى» نى يولغا قويۇش توغرىلىق قارار قوبۇل قىلغان. مەزكۇر قارارنىڭ روھىغا بىنائەن كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى بىلەن ئالاقىدار بولغان شەخسلەر، شىركەتلەر، تەشكىلاتلار دۇنيانىڭ نەرىدە بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر مال-مۈلكىنى توڭلىتىش، ياۋروپاغا ساياھەت قىلىشىنى چەكلەش قاتارلىق جازالارغا ئۇچرايدىكەن.
مەلۇم بولغىنىدەك، رۇسىيە قىرىم يېرىم ئارىلىنى بېسىۋالغاندا، بېلارۇسىيە كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرىنى خالىغانچە قولغا ئالغاندا، خىتاي جازا لاگېرلىرىنى تەسىس قىلىپ، مىليونلىغان ئۇيغۇرنى قاماپ قىينىغاندا، خوڭكوڭغا «دۆلەت خەۋپسىزلىكى قانۇنى» نى مەجبۇرىي تېڭىپ ئەركىنلىك جەڭچىلىرىنى تۇتۇپ سولىغاندا، تۈركىيە مۇخبىرلارنى تۈرمىلەرگە تاشلىغاندا ياۋروپا ئىتتىپاقىدا بۇنىڭغا قارشى تەدبىر قوللىنىش چۇقانلىرى باش كۆتۈرگەن بولسىمۇ، قايسى قانۇنغا بىنائەن قانداق جازا يۈرگۈزۈش بىر مەسىلە بولۇپ ئوتتۇرىغا چىققان.
خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، ياۋروپا ئىتتىپاقىدا «ماگنىتىسكىي قانۇنى» نى يولغا قويۇش پىلانى ئاز دېگەندە ئىككى يىللىق تالاش-تارتىشنى باشتىن كۆچۈرگەن. مەزكۇر قانۇننىڭ ئاساسىي نىشانى نۆۋەتتە خىتاي، رۇسىيە، بېلارۇسىيە، تۈركىيە بولۇپ قالىدىغانلىقى ئۈچۈن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدا پىكىر بىرلىكى شەكىللەندۈرۈش قېيىنغا توختىغان. تۈركىيەدەك شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتكە ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن زور مىقداردىكى ئىقتىسادىي ھەمكارلىقى بولغان خىتايغا بۇ جازا تەدبىرىنى قوللىنىش ئاسانغا توختىمايدىكەن. بىراق، نېمىلا بولمىسۇن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بۇندىن كېيىن كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە قارشى تەدبىر ئېلىشى بۇ قانۇن بىلەن زور دەرىجىدە قۇلايلىققا ئېرىشكەن بولىدىكەن.
ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ «ماگنىتىسكىي قانۇنى» توغرىسىدا رەسمىي قارار قوبۇل قىلغانلىقىنى «زور بىر ئىجابىي قەدەم» دەپ ئاتىغان د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ ھەقتە توختالغاندا، ئالدى بىلەن بۇ قانۇننىڭ روياپقا چىقىشى ئۈچۈن د ئۇ ق نىڭ يىللاردىن بۇيان كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقلىرىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى. ئۇ سۆزىدە، مەزكۇر قانۇننىڭ خىتايغا بەلگىلىك دەرىجىدە بېسىم پەيدا قىلىدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى.
ھازىر ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ مىنىستىرلار كېڭىشىگە رەھبەرلىك قىلىۋاتقان گېرمانىيە فېدېراتىپ جۇمھۇرىيىتىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خايكو مائاس بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېگەن: «قىيىن-قىستاق، ئادەم ئەتكەسچىلىكى ۋە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىدە مەسئۇلىيىتى بولۇپ جازاغا ئۇچرىماي كەلگەنلەر ئەمدى ياۋروپا بازارلىرىغا خالىغانچە كىرىپ چىقالمايدۇ».
ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى، ياۋروپا-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى كومىتېتىنىڭ رەئىسى رايىنخارد بۈتىكوفېر «بۇ جازا تەدبىرىنى ئالدى بىلەن خىتاينىڭ شىنجاڭ ئۆلكىسىدىكى كومپارتىيە رەھبىرى چېن چۇەنگوغا قوللىنىش لازىم. ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئازسانلىقلىرىنى رەھىمسىزلەرچە باستۇرۇشتا مەسئۇلىيىتى بار» دېگەن.
رايىنخارد بۈتىكوفېر دۈشەنبە كۈنى پارلامېنتتا قىلغان سۆزىدە يەنە «بىر قورال پەقەت ئىشلىتىلگەندىلا ئاندىن ئۇنىڭ قىممىتى نامايان بولىدۇ. بىزنىڭ بۇ يېڭى كىشىلىك ھوقۇق قورالىمىز قاچان ئىشلىتىلىدۇ؟ بۇنىڭ چوقۇم ئېنىق بىر جاۋابى بولۇشى لازىم. ئەڭ ياخشىسى دەرھال ئىشلىتىش كېرەك» دېگەنلەرنى تىلغا ئالغان.
د ئۇ ق نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندى بۇ ھەقتە توختالغاندا، ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشتا مەسئۇلىيىتى بولغان خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ مەزكۇر قانۇن بويىچە تېزدىن جازاغا ئۇچرىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
بىراق، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ يېڭى كىشىلىك ھوقۇق قورالى بولغان «ماگنىتىسكىي قانۇنى» رەسمىي يولغا قويۇلۇشى ئۈچۈن 2021-يىلىنىڭ دەسلەپكى پەسلىدە پارلامېنتنىڭ تەستىقىدىن ئۆتۈشى لازىم ئىكەن. ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا 27 دۆلەتنىڭ ھەممىسى قوشۇلغاندىلا ئاندىن كۈچكە ئىگە بولىدىكەن. بۇ قانۇننىڭ دەسلەپكى مۇددىتى 3 يىل قىلىپ بېرىلگەن بولۇپ، پارلامېنتنىڭ تەستىقى بىلەن ئۇنىڭ مۇددىتى ئۇزارتىلىدىكەن.