ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە «يەر شارى ماگنېتىسكىي قانۇنى» نىڭ مۇددىتىنى ئۇزارتىش ئۈچۈن ھەرىكەت باشلانغان

0:00 / 0:00

27-ئۆكتەبىر كۈنى «خەلقئارا دىنى ئەركىنلىك كۈنى» دۇر. ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى بۇ مۇناسىۋەت بىلەن «نىشانلىق جازا تەدبىرلىرىنىڭ خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىككە كۆرسىتىدىغان تەسىرلىرى» ھەققىدە تور گۇۋاھلىق ئاڭلاش يىغىنى ئۆتكۈزگەن. يىغىن چۈشەندۈرۈلىشىدە مەزكۇر يىغىندا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ نىشانلىق جازا تەدبىرلىرى ئارقىلىق خەلقئارا دىنىي-ئىتىقاد ئەركىنلىكنى قانداق ئىلگىرى سۈرۈشنى مۇزاكىرە قىلىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن.

مەزكۇر يىغىنغا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرىدىن جېيمىس مەكگوۋرېن، سىناتور بەن كاردىن قاتارلىق مۇھىم دۆلەت ئەربابلىرى ۋە ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ كومىسسارلىرى قاتناشقان. «دۆلەت مەجلىسى تەتقىقات مەركىزى»، «كىشىلىك ھوقۇق بىرىنچى» تەشكىلاتى ۋە «ئەركىنلىك سارىيى» نىڭ ۋەكىللىرى «يەر شارى ماگنېتىسكىي قانۇنى» يولغا قويۇلغاندىن بۇيان دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا بۇ قانۇننىڭ دىنىي-ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى قوغداش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تەسىرلىرى ھەققىدە گۇۋاھلىق بەرگەن.

جېيمىس مەكگوۋرېن يىغىننىڭ ئېچىلىشىدا سۆز قىلىپ مۇنداق دېگەن: «2020-يىلى ‹يەر شارى ماگنېتىسكىي قانۇنى› غا ئاساسەن جازا تەدبىرى قوللىنىلغانلار ئىچىدە شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈلگەن ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنىڭ جاۋابكارى بولغان ئالتە خىتاي ئەمەلدارى بار. بۇ كىشىلىك ھوقۇق ۋە دىنىي-ئېتىقاد دەپسەندىچىلىكىنىڭ بىر ئۆرنىكى. بىز مۇشۇنداق دەپسەندىچىلىكلەرنىڭ مەسئۇللىرىنى جاۋابكارلىققا تارتىش ئۈچۈن 2016-يىلدىن باشلاپ يولغا قويغان ‹يەر شارى ماگنېتىسكىي قانۇنى› نىڭ مۇددىتى 2022-يىلىنىڭ ئاخىرى توشىدۇ. بىز دۆلەت مەجلىسىدە بۇ قانۇنغا يەنە يىڭى ماددىلارنى قوشۇش ۋە قايتىدىن يولغا قويۇش ھەققىدە ھەرىكەت باشلىدۇق. بۇ قانۇننى كىشىلىك ھوقۇق ۋە دىنىي-ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى قوغداش كېرەك بولغان ھەر قانداق ۋاقىتتا ئىشلىتەلىشىمىز ئۈچۈن ئۇنىڭ ئاخىرلىشىش مۇددىتى بولماسلىق، يەنى ‹مەڭگۈلۈك› بولۇشىنى ئوتتۇرىغا قويدۇق. ‹يەر شارى ماگنېتىسكىي قانۇنى› ھەممىگە تونۇشلۇق بولغان كۈچلۈك تاشقىي سىياسەت قورالىغا ئايلاندى. ئەگەر دىنىي-ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى قوغدىماقچى بولساق، مەزكۇر قانۇن قوراللار ئىچىدىكى ئەڭ ئۈنۈملۈك قورالدۇر. بىرىنچىدىن، بۇ قانۇن كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنىڭ سەۋەبىنى ئايدىڭلاشتۇرىدۇ. ئىككىنچىدىن، دەپسەندىچىلىك يۈرگۈزگەن جىنايەتچىلەرنى تېگىشلىك جازاغا تارتىدۇ.»

22-مارت كۈنى ئامېرىكا، كانادا، ئەنگلىيە ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى بىرلىكتە ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە چېتىشلىق بولغان شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى پارتكومىنىڭ سېكرېتارى ۋاڭ جۈنجېڭ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتىنىڭ نازىرى چېن مىڭگۇ ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي-قانۇن كومىتېتىنىڭ سابىق سېكرېتارى جۇ خەيلۇن قاتارلىق 6 نەپەر خىتاي ئەمەلدارلىرىغا «يەر شارى ماگنېتىسكىي قانۇنى» بويىچە جازا تەدبىرى ئىلان قىلغان ئىدى.

مەزكۇر يىغىنغا قاتناشقان سېناتورلار «يەر شارى ماگنېتىسكىي قانۇنى» نىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋە دىنى-ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى قوغداشتىكى ئەھمىيىتى ھەققىدە توختالدى. ئۇلار سۆزلىرىدە بۇ قانۇننىڭ كېلەر يىلى يەنە يېڭىلىنىشىنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەشتى.

سېناتور روجىر ۋىكىر دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى دىنىي-ئېتىقاد ئەركىنلىكى ۋە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنىڭ جاۋابكارلىرىنىڭ جازاغا تارتىلىشى كېرەكلىكىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ ئۆتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: «خىتايدىكى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلارغا قارىتىلغان ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىقى› دا مەسئۇلىيىتى بار بولغان ئەمەلدارلارغا جازا تەدبىرى يۈرگۈزۈلۈشى كېرەك. بىز بۇ مەسىلىدە ‹يەر شارى ماگنېتىسكىي قانۇنى› نىڭ كۈچىنى كۆرۈپ يەتتۇق.»

ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى نادىنە مائىنزا خانىم مۇنداق دېدى: «شىنجاڭدا كومپارتىيە سېكرېتارى چېن چۇەنگو دېستوپيە شەكلىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك نازارەت سىستېمىسىنى قۇرۇپ، ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان مىليونلىغان مۇسۇلمانلارنى لاگېرلارغا سولىدى. بۇ يىل يانۋاردا ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان ئېغىر زۇلۇملىرىنى ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق› ۋە ‹ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت› دەپ جاكارلىدى. چېن چۇەنگو ئۇيغۇرلارغا قارىتا ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق› ۋە ‹ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت› يۈرگۈزۈشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتىدۇ. ئۇنىڭ شىنجاڭدىكى بارلىق جىنايەتلەردە مەسئۇلىيىتى بار. چېن چۇەنگوغا 2016-يىلى ‹يەر شارى ماگنېتىسكىي قانۇنى› ۋە سىلەر باياتىن ئاڭلىغان 13818-نومۇرلۇق قانۇن ماددىسى بويىچە جازا تەدبىرى قوللىنىلغان.»

ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى نۇرى تۈركەل ئەپەندى ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى يۈرگۈزۈۋاتقان ۋە دىنىي-ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە دەخلى-تەرۇز قىلىۋاتقان شەخس ۋە ئورگانلارغا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن بىرلىكتە داۋاملىق جازا تەدبىرى يۈرگۈزۈشىنى تەۋسىيە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ يەنە يىغىن قاتناشقۇچىلىرىغا مۇنداق دەپ سۇئال قويدى: «ئامېرىكا ھۆكۈمىتى، يەنى تىرامپ ھۆكۈمىتى ۋە بايدېن ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىقى› غا چېتىشلىق بولغان ئورگان ۋە شەخسسلەرگە 94 تۈرلۈك جازا تەدبىرى ئېلان قىلدى. بۇنىڭغا ئاساسەن مېنىڭ مۇنداق ئىككى سۇئالىم بار: بىرىنچىسى، بۇ جازا تەدبىرىنى ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈلىۋاتقان زۇلۇملارنىڭ پىلانلىغۇچىلىرىغا يۈرگۈزۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇ جازا تەدبىرىنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتىپ بۇ پىلاننى ئىجرا قىلغانلارغىمۇ يۈرگۈزۈشكە بولامدۇ؟ يەنە بىر سۇئالىم، بەزىلەر بۇ جازا تەدبىرلىرى نورمال پۇقرالارغىمۇ تەسىر كۆرسىتىدۇ، دەپ قاراشماقتا. لېكىن بۇ قاراش خىتايغا ئۇيغۇن كەلمەيدۇ. بۇ جازا تەدبىرلىرىنىڭ تەسىرى ۋە ئۈنۈمى قانچىلىك بولىدۇ، تەسىرىنى قانداق قىلغاندا يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ؟»

بۇ سۇئالغا يىغىنغا گۇۋاھلىق بېرىشكە قاتناشقان «ئەركىنلىك سارىيى» تەشكىلاتىنىڭ ۋەكىلى ئەننىي بوياجىن مۇنداق جاۋاپ بەردى: «بىز ئەلۋەتتە بۇ جازا تەدبىرلىرى ھەر خىل قاتلامدىكى مۇناسىۋەتلىك باشقا ئەمەلدارلارغىچە كېڭەيتىلىشى كېرەك، دەپ قارايمىز. چۈنكى پىلان تۈزگۈچىلەردىن پىلاننى ئىجرا قىلغۇچىلارنىڭ رولى ناھايىتى چوڭ. ئاڭلىشىمىزچە، فالۇنگوڭ مۇرتلىرىنى باستۇرغان خىتاي ئەمەلدارلىرىغا قارىتا ئامېرىكا جازا تەدبىرى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، بەزى يەرلىك ئەمەلدارلار پىلاننى ئىجرا قىلىشتىن ۋاز كەچكەن ۋە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان فالۇنگوڭ تۇتقۇنلىرىنى قويۇۋەتكەن، شۇڭا سىز ئوتتۇرىغا قويغان نۇقتىغا ئاساسەن بۇ جازا تەدبىرى ھەقىقەتەن ئۈنۈملۈك.»

ب د ت نىڭ بېرمادىكى كىشىلىك ھوقۇق ھەققىدە ئالاھىدە دوكلات بەرگۈچى توم ئانجىرۈۋ نۇرى تۈركەل ئەپندىنىڭ ئىككىنچى سوئالىغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: «جازا تەدبىرلىرى نورمال ئىنسانلارغا تەسىر قىلمايدۇ ۋە ئۇلارغا زىيان يەتكۈزمەيدۇ. شۇڭلاشقا نىشانلىق جازا تەدبىرى قوللىنىلىدۇ.»

باشقا يىغىن قاتناشقۇچىلىرىمۇ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان دىنىي-ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە قىلىنغان ھۇجۇم ۋە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنىڭ جاۋابكارلىرى بولغان خىتاي ئەمەلدارلىرىغا يۈرگۈزۈلگەن جازا تەدبىرلىرىنى داۋاملاشتۇرۇش ۋە كېڭەيتىشىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن. يىغىندا يەنە «يەر بشارى ماگنېتىسكىي قانۇنى» نىڭ كېلەر يىلى قايتا يېڭىلىنىشىنىڭ زۆرۈرلۈكى تەكىتلەنگەن.

«يەر شارى ماگنېتىسكىي قانۇنى» ئەسلىدە 2012-يىلى 12-ئايدا ئەينى ۋاقىتتىكى ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما تەرىپىدىن رۇسىيەدىكى باج ئادۋوكاتىنىڭ ئۆلۈمىگە مەسئۇل رۇس ئەمەلدارلىرىنى جازالاشنى مەقسەت قىلىپ ئىمزالانغان ئىكەن. 2016-يىلدىن باشلاپ دۇنيا مىقياسىدا قوللىنىلىشقا باشلىغان بۇ قانۇننىڭ دائىرىسى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىگە چېتىشلىق بولغان ئورگان ۋە ئەمەلدارلارنى جازالاش، ئۇلارنىڭ مال-مۈلۈكلىرىنى توڭلىتىش ۋە ئۇلارنىڭ ئامېرىكاغا كىرىشىنى چەكلەش قاتارلىق ماددىلارغىچە كېڭەيتىلگەن.

مەزكۇر قانۇن ئەڭ ئاخىرقى قېتىم 2019-يىلى ئەينى ۋاقىتتىكى ئامېرىكا پرېزىدېنتى ترامپنىڭ ئىمزاسى بىلەن يېڭىلانغان ئىكەن.