مال دوختۇرى قۇربان راخماننىڭ لاگېردا قىيىن-قىستاقتىن ئۆلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە
2019.08.27
كۇچالىق مۇھاجىرلاردىن بىرى ئۆتكەن ھەپتە رادىيومىزغا ئۇچۇر يوللاپ، كۇچا ئىشخىلا يېزىلىق مال دوختۇرخانىسىنىڭ خادىمى قۇربان راخماننىڭ مۇشۇ ئاينىڭ بېشىدا لاگېردا ئۆلگەنلىكىنى مەلۇم قىلدى. ئىگىلىنىشىچە، دائىرىلەر قۇربان راخماننىڭ جەسىتىنى ئائىلىسىگە قايتۇرغاندا ئۇنىڭ خىروئېندىن زەھەرلەنگەنلىكىنى ئېيتقان. ئائىلە ئەزالىرى بۇ ئىزاھاتقا ھەيران بولۇپ، ئۆلۈم سەۋەبىنى ئېنىقراق بىلمەكچى بولغىنىدا ساقچىلار تەھدىت سېلىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئېغىزىنى تۇۋاقلىغان. مۇخبىرىمىزنىڭ تېلېفونىنى قوبۇل قىلغان ساقچى خادىمى ئىشخالا مال دوختۇرخانىسىدىن ئىككى كىشىنىڭ لاگېرغا ئەكېتىلگەنلىكى، بۇنىڭ بىرىنىڭ قۇربان راخمان ئىكەنلىكىنى دەلىللىدى. ئەمما ئۇ قۇربان راخماننىڭ ئۆلۈم ئۇچۇرى ھەققىدە مەلۇمات بېرەلمىدى.
كۇچالىق مۇھاجىرنىڭ ئىنكاس قىلىشىچە، بۇ يىل 35 ياش چامىسىدىكى مال دوختۇرى قۇربان راخمان ئۆتكەن يىلى مۇشۇ مەزگىلدە خىزمەت ئورنى بولغان ئىشخىلا يېزىلىق مال دوختۇرخانىسىدىن بېشىغا قارا خالتا كىيدۈرۈلۈپ ئېلىپ كېتىلگەن ۋە ئارىدىن بىر يىل ئۆتكەندە ئائىلىسىگە جەسىتى قايتۇرۇلغان. تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان كۇچادىكى بىر ساقچى خادىمى ئىشخىالا مال دوختۇرخانىسىدىن ئىككى كىشىنىڭ لاگېرغا ئەكېتىلگەنلىكى، بۇلاردىن بىرىنىڭ ئابدۇرۇسۇل تۇرسۇن، يەنە بىرىنىڭ بولسا قۇربان راخمان ئىكەنلىكىنى دەلىللىدى. ئىنكاستا دېيىلىشىچە، قۇربان راخمان ئىش ئورنىدىن ئەكېتىلگەندىن كېيىن ئاۋۋال كۇچا ناھىيەلىك قاماقخانىدا 3 ھەپتە تۇتۇپ تۇرۇلغان، ئاندىن ياڭاقلىق باغ دېگەن جايدىكى «تەربىيەلەش مەركىزى» گە يۆتكەلگەن. مەزكۇر ساقچى خادىمى قۇربان راخماننىڭ قاماقخانىدىن ج خ ئىدارىسىنىڭ يېنىدىكى «3-تەربىيەلەش مەركىزى» گە يۆتكەلگەنلىكىنى دەلىللىدى.
ئىنكاستا دېيىلىشىچە، قۇربان راخماننىڭ ئائىلە ئەزالىرى ساقچىلاردىن ئۇنىڭ ئۆلۈم سەۋەبىنى سورىغىنىدا ساقچىلار ئۇنىڭ خىروئېندىن زەھەرلەنگەنلىكىنى ئېيتقان ۋە خىروئېننى قاچان ۋە قەيەردە چەككەنلىكى ھەققىدە چۈشەندۈرۈش بەرمىگەن. ئائىلە ئەزالىرى بۇ سەۋەبكە ھەيران قالغانلىقىنى بىلدۈرگىنىدە ساقچىلار بۇ سەۋەب ھەققىدە تەكرار سوئال سورىماسلىق، سوراشقا توغرا كەلسە ئۆزلىرىمۇ «تەربىيەلەش» كە بېرىشقا تەييارلىق قىلىپ قويۇش ھەققىدە ئاگاھلاندۇرغان.
ئىنكاسچى مۇھاجىر قۇربان راخماننىڭ 1-ئاۋغۇست يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ چارۋىچىلىق كەسپىنى پۈتتۈرگەنلىكى، ئۇنىڭ ئاق تاماكا چېكىشتەك بىر ئادىتىنىڭ بولمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئەمما مەزكۇر ساقچى خادىمى قۇربان راخماننىڭ ئۆلۈم سەۋەبىنى سورىغىنىمىزدا ئۇنىڭ 10 يىل بۇرۇن ئاق تاماكا چەككەنلىكى ھەققىدە جىنايەت خاتىرىسى بارلىقىنى ئېيتتى. بىز ئۇنىڭدىن قۇربان راخماننىڭ ئاق تاماكىنى ئەڭ يېقىندا قاچان ۋە قەيەردە چەككەنلىكىنى سورىغىنىمىزدا بۇ سوئالغا ئالاقىدار رەھبەرلەردىن جاۋاب ئېلىشىمىزنى تەۋسىيە قىلدى. قۇربان راخماننىڭ ئۆزىنىڭ ئالىي مەكتەپتىكى ساۋاقدىشى ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان مەزكۇر ئىنكاسچى يۇرتتىكى تونۇش-بىلىشلىرىدىن ئاڭلىغانلىرىغا ئاساسەن، قۇربان راخماننىڭ توردىن ئاتالمىش «بۆلگۈنچىلىك» مەزمۇنىدىكى لېكسىيە ئاڭلىغانلىقى ئۈچۈن لاگېرغا ئەكېتىلگەنلىكىنى ئەسكەرتتى. مەزكۇر ساقچى خادىمى قۇربان راخماننىڭ تۇتۇلۇشىدىكى بۇ سەۋەبنىمۇ ئىنكار قىلمىدى. ئىنكاستا قۇربان راخماننىڭ خىزمەتداشلىرىنىڭ «دىنىي ئەسەبىيلىك» ئالامەتلىرىنى پاش قىلىشقا قىستالغانلىقى ۋە ئۇ بۇنى رەت قىلغانلىقى ئۈچۈن قېيىن-قىستاققا ئېلىنغانلىقى، قۇربان راخماننىڭ قېيىن-قىستاقتىن ئۆلگەنلىك ئېھتىماللىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. مەزكۇر ساقچى خادىمى قۇربان راخماننىڭ قىيىن-قىستاقتا ئۆلگەنلىك ئېھتىماللىقى ھەققىدە ئېغىز ئېچىشنى كەسكىن تۈردە رەت قىلدى ۋە بۇ ھەقتە ئالاقىدار رەھبەرلەر بىلەن سۆزلىشىشىمىز كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.
ئىشخىالا يېزىسىدىكى بىر ئاھالىنىڭ بايانلىرىدىن قۇربان راخماننىڭ ئىككى پەرزەنتى بارلىقى، ئايالىنىڭمۇ ئۆزى تۇتۇلۇپ 3 ئايدىن كېيىن لاگېرغا ئەكېتىلگەنلىكى مەلۇم. ئەمما ئۇنىڭ ئۆلۈمىدىن ئايالىنىڭ خەۋىرى بار-يوقلۇقى ۋە ئېرىنىڭ يۈزىنى كۆرەلىگەن ياكى كۆرەلمىگەنلىكى ھازىرچە مەلۇم ئەمەس.