دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى دىرېكتورى ئۆمەر قانات ئەپەندى باشچىلىقىدىكى 4 كىشىدىن تەركىب تاپقان ئۆمەكنىڭ مالايسىياغا ئېلىپ بارغان بىر ھەپتىلىك زىيارەت پائالىيەتلىرى 25-ئاپرېلدا باشلانغانىدى. ئۆمەر قانات ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە بۇ قېتىمقى زىيارەت جەريانىدا، ئۇلار مالايسىيا ھۆكۈمىتىنىڭ بەزى خادىملىرى، مالايسىيادىكى ئەڭ چوڭ ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن ئۇچرىشىپ ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلارنى قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈشكە تىرىشقان.
مەزكۇر ئۆمەك، مالايسىيادىكى مۇستەقىل ئادۋوكاتلار بىرلىكى رەئىسى جامالەددىن ئەپەندى مافىم، 80 دىن كۆپ ئاممىۋى تەشكىلاتتىن تەركىب تاپقان ئىسلامىي تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ئازمى ۋە «ئۇيغۇرلارنى قوللايدىغان مالايسىيالىقلار» تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى زۇھرى يۇھيى ئەپەندى قاتارلىقلار بىلەن مۇھىم ئۇچرىشىشلارنى ئېلىپ بارغان. بۇ ئۇچرىشىشلاردا د ئۇ ق بىلەن بۇرۇن تۈزگەن بەزى كېلىشىملەر، ئىش پىلانلىرى ۋە بەزى شېرىكلىكلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالى توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغان.

29-ئاپرېل كۈنى مالايسىيانىڭ كۇئالالۇمپۇر شەھىرىدە تۇرۇپ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئۆمەر قانات ئەپەندى بۇ يىل 4-ئاينىڭ 25-كۈنىدىن 5-ئاينىڭ 1-كۈنىگىچە مالايسىيادىكى ئاممىۋى تەشكىلاتلار بىلەن 2022-يىلى ئۈزگەن كېلىشىملەرنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالى توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىش، بۇ كېلىشىملەرنىڭ روھىغا ئاساسەن ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش ئۈچۈن بۇ زىيارەتنى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. لېكىن ئۆزلىرىنىڭ خىتاينىڭ زور توسقۇنلۇقىغا ئۇچراۋاتقان بولسىمۇ، خىتاينىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ، مۇنداق دېدى: «خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ يەردە بۇ قېتىمقى سەپىرىمىزنى توسۇش، زىيارىتىمىزگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش ئۈچۈن نۇرغۇن ھەرىكەتلەرنى قىلىۋاتىدۇ. مەسىلەن بىزنىڭ مالايسىياغا كېلىشىمىزدىن بىر قانچە كۈن بۇرۇنلا ‹مالايسىيا پوچتىسى› گېزىتىدە ‹دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى› ئىسرائىلىيەپەرەس ئۇلارنى قارشى ئالمايمىز‹دېگەن تېمىدا ماقالە ئېلان قىلدۇرۇپ، مالايسىيا خەلقىنىڭ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىغا بولغان كۆز قارىشىنى ئۆزگەرتىشكە تىرىشتى، لېكىن بۇ ماقالىنىڭ چىقىشىغىمۇ قارىماي بۇ يەردىكى ئىسلامىي تەشكىلاتلار بىزنى ناھايىتى ياخشى قارشى ئالدى.»
ئۆمەر قانات ئەپەندى، ئۇچرىشىشلاردا ئوتتۇرىغا قويۇلغان تەلەپلەرگە ئۇلارنىڭ ئىجابىي جاۋاب بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ، مۇنداق دېدى: «بۇ يەردە بىز ھۆكۈمەت خادىملىرى بىلەنمۇ كۆرۈشىمىز. تۈنۈگۈن بىر ھۆكۈمەت خادىمى بىلەن كۆرۈشتۇق. ئۇلارغا ئۆزىمىزنىڭ مەيدانىنى ۋە مالايسىيا ھۆكۈمىتىگە بولغان تەلەپلىرىمىزنى ئوتتۇرىغا قويدۇق. بۇ تەلەپلىرىمىزگە ئىجابىي جاۋاب قايتۇردى. تەلەپلىرىمىزدە ئۇلار قىلالايدىغان ئىشلارنى دېگەن ئىدۇق. بۇ يەردە بۇلارنى ئاشكارىلىيالمايمەن.»

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى، قۇرۇلتاي ئاياللار كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ۋە قۇرۇلتاي خەلقئارا ئالاقە بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى زۇمرەتئاي ئەركىن مالايسىياغا ئېلىپ بېرىۋاتقان زىيارەتنىڭ ئەھمىيىتىنىڭ زور ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ، مۇنداق دېدى: «بۇ قېتىملىق مالايسىياغا ئېلىپ بېرىۋاتقان زىيارىتىمىزنىڭ ئەھمىيىتى ناھايىتى زور. چۈنكى بۇ، 2024-يىلى كىرگەندىن كېيىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بىلەن ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ مالايسىياغا ئېلىپ بېرىۋاتقان تۇنجى قېتىملىق زىيارىتىدۇر. مالايسىيا دۆلىتىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ئىنتايىن يېقىن ئىكەن. ھەم خىتاي بىلەن بولغان ئارىلىقىمۇ يېقىن. مالايسىيادا خىتاي دۆلىتى ۋە خىتايلارنىڭ تەسىرى ناھايىتى كۈچلۈك. مۇشۇنداق خىتاينىڭ قولى ئۇزۇن بىر دۆلەتتە شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى ئاڭلىتالىشىمىز ئەھمىيەتلىك بىر ئىش دەپ ئويلايمەن.»
مەلۇم بولغىنىدەك ئامېرىكا ھۆكۈمىتى، كانادا، گوللاندىيە، ئەنگلىيە قاتارلىق 10 دۆلەتنىڭ پارلامېنتى «ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى» نى ئېتىراپ قىلغان بولسىمۇ، لېكىن بىرمۇ ئىسلام دۆلىتى بۇنى تېخىچە قوبۇل قىلمىغان. ئەكسىچە ئۇلار خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان سىياسىتىنى قوللايدىغانلىقىنى ئىپادىلەشكەنىدى. زۇمرەتئاي ئەركىن خەلقئارا سورۇنلاردا مالايسىيانىڭ ئۇيغۇرلارنى قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن بۇ زىيارەت جەريانىدا نۇقتىلىق ھالدا بۇنى تەكىتلەۋاتقانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «بۇ قېتىمقى زىيارىتىمىزدە كۆپ ساندا ھۆكۈمەت خادىملىرى، پارلامېنت ئەزالىرى، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى مەسئۇللىرى ۋە مۇھىم تەسىرى بار كىشىلەر بىلەن كۆرۈشۈۋاتىمىز. بىز بارلىق كۆرۈشۈشلىرىمىزدە ئۇيغۇرلار بىلەن دىنداش بولغان مالايسىيانىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن مالايسىيادا ۋە خەلقئارا سورۇنلاردا نېمە قىلىپ بېرەلەيدۇ؟ دېگەن سوئالنى سوراۋاتىمىز. شۇنداقلا بەزى تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدۇق. بۇلارنىڭ ئىچىدە بىرىنچىسى مالايسىيا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا ئۇيغۇرلارنى قانداق قوللىيالايدۇ؟ 2022-يىلى 10-ئاينىڭ 6-كۈنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى يىغىنىدا ئاۋازغا قويۇلغان ئۇيغۇرلار توغرىسىدىكى قارار لايىھەسىگە مالايسىيا قول قويماي بىتەرەپ تۇرۇۋالغانىدى. بۇمۇ ئەسلىدە بىز ئۈچۈن بىر ئىلگىرىلەش ئىدى. چۈنكى بۇنىڭدا ھىندونېزىيە خىتاينى قوللىغانىدى. شۇڭا بىز بۇ قېتىمقى زىيارىتىمىزدە نۇقتىلىق ھالدا مالايسىيا ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارادا بىزنى قوللىشىنى تەلەپ قىلىۋاتىمىز.»
د ئۇ ق خىتاي ئىشلىرى كومىتېتى مۇدىرى ئادىل ئابدۇكېرىم ئەپەندى بۇ قېتىمقى زىيارەت جەريانىدا مالايسىيانىڭ ئەڭ چوڭ ئاخبارات ۋاسىتىسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغانلىقىنى، ئىككى سائەت داۋاملاشقان زىيارەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتى توغرىسىدا تەپسىلىي مەلۇمات بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى مۇدىرى ئۆمەر قانات ئەپەندى، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى مۇتەخەسسىسى لۇيىسا گرېۋەن (Louisa Greve) خانىم، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى خادىملىرىدىن زۇمرەتئاي ئەركىن خانىم ۋە ئادىل ئابدۇكېرىمدىن ئەپەندىلەردىن تەركىب تاپقان ھەيئەتنىڭ مالايشىياغا ئېلىپ بېرىۋاتقان زىيارىتى 5-ئاينىڭ 1-كۈنى ئاخىرلىشىدىكەن. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ھەيئىتى بۇرۇنمۇ، 2019-يىلىدىن باشلاپ كۆپ قېتىم مالايسىيا بىلەن ھىندونېزىيەنى زىيارەت قىلىپ، بىر قاتار پائالىيەت ۋە ئۇچرىشىشلارنى ئېلىپ بارغانىدى. ئۇلارنىڭ مەزكۇر مۇسۇلمان ئەللىرىنى زىيارەت قىلىشى بۇ دۆلەتلەردە ئۇيغۇرلارنى قوللاشنى قولغا كەلتۈرۈشنى مەقسەت قىلغانىكەن.