مالايسىيادىكى نوپۇزلۇق ئاقىللار ئامبارلىرىدىن بىرى بولغان «بەيت ئۆل ئامانا» (Bait Al Aamanah) ناملىق تەتقىقات ئورنى، ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە تۇتقان سىياسىتىگە ئائىت تەتقىقات دوكلات ئېلان قىلىپ، دۇنيادىكى 57 مۇسۇلمان دۆلىتىنىڭ مەزكۇر ھەمكارلىق گەۋدىسىنى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە ئۆزىنىڭ نىزامنامە ۋە پرىنسىپلىرىغا ئەمەل قىلىشقا چاقىرغان. دوكلاتتا تەكىتلىنىشىچە، ئۇيغۇرلارنىڭ دىنى ئېتىقادى، سىياسىي سائادىتى ۋە ئىنسان ھەقلىرىگە دەخلى-تەرۇز قىلىۋاتقان قوش ئۆلچەملەرگە قارشى تۇرۇشتا، ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ نىزامنامە ۋە پرىنسىپلىرىغا ئەمەل قىلىش ۋاقتى كەلگەن. بۇ تەشكىلاتنىڭ نىزامنامىسىدىكى «مۇسۇلمانلارنىڭ ھەق-ھوقۇقى، ئىززەت-ھۆرمىتى، مەدەنىيەت ۋە دىنىي كىملىكىگە كاپالەتلىك قىلىش پرىنسىپى ئۇيغۇرغا دۇچ كەلگەن يامان ۋەزىيەتتە ئۆزىنى نامايان قىلىشى كېرەك» ئىكەن.
بۇ دوكلات بىر مۇسۇلمان دۆلىتىدىكى ھۆكۈمەت بىلەن زىچ باغلىنىشلىق بولغان بىر ئاقىللار ئامبىرىنىڭ تۇنجى قېتىم بۇنداق بىر سىياسىي ئانالىز دوكلاتى ئېلان قىلىپ، ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىدىكى پوزىتسىيەسىنى تەنقىد قىلىشىدۇر. «شىنجاڭدا ئۇيغۇرلارغا بولغان مۇئامىلە: ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ نىزامى ۋە مۇسۇلمان دۇنياسىنىڭ ئىنكاسى» ماۋزۇلۇق 20 بەتلىك دوكلاتتا، «مۇسۇلمان دۇنياسىنىڭ نۆۋەتتىكى ئىنكاسى چوقۇم ئۇيغۇرلارغا بولغان دۈشمەنلىكنىڭ سىجىل توختىتىلىشى ئۈچۈن داۋاملىق ھەل قىلىش چارىسى تېپىشنى مەقسەت قىلىپ تۈزۈلۈشى ۋە قايتا ئانالىز قىلىنىشى كېرەك» دېيىلگەن.
دوكلاتتا قەيت قىلىنىشىچە، «ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ جىددىيلىكى سەۋەبلىك پەۋقۇلئاددە باشلىقلار يىغىنى چاقىرىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرىنى مۇزاكىرە قىلىشى، ئەزا دۆلەتلەرنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، ئۇيغۇرلارغا ھەمكارلىقنى يەتكۈزۈشتە تەشكىلات رەئىسى ھىسسەيىن ئىبراھىم تاھانىڭ( H. E. Hissein Brahim Taha )ئاكتىپ رول ئوينىشى، ئۇيغۇرلارنى قوغداشتا ئالاھىدە باشلىقلار يىغىنى چاقىرىش ئارقىلىق يۈرەكلىك ھەم كەسكىن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى، ئۇيغۇرلارغا قارىتا كونكرېت پىلانلارنى بېكىتىشى كېرەك» ئىكەن. دوكلاتتا يەنە ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئىسلام ۋەھىمىسى( Islamiphobia) ئىشلىرىغا مەسئۇل ئالاھىدە ۋەكىل تەيىنلەپ، ئۇيغۇرلار ۋە پۈتكۈل ئۈممەتكە قارىتىلغان خاتا بايانلارغا قارشى تۇرۇشى، مۇۋاپىق ۋە ئىشەنچلىك بىر ۋەكىلنىڭ تەيىنلىنىشى، بۇلارنىڭ «ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان قىيىنچىلىقنى ھەل قىلىشتا ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنى كەڭ بىر كۆزنەك بىلەن تەمىنلىشى» تەكىتلەنگەن.
مالايسىيا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئانالىزچىسى نابېيلا ئىسمائىل (Nabiela Ismail) خانىم بۇ دوكلاتنى تەييارلىغان مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بىرى. ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، نۇرغۇن چەتئەل ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە ئائىت نۇرغۇن دەلىللەر بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭغا كۆز يۇمۇۋېلىشى تولىمۇ ئۈمىدسىزلەندۈرگەن.
نابېيلا ئىسمائىل 2-ئاۋغۇست بۇ ھەقتىكى مەخسۇس زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: «بىزنىڭچە شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە ئائىت يېتەرلىك دەلىللەر بولسىمۇ، لېكىن نۇرغۇن چەتئەل ھۆكۈمەتلىرىنىڭ بۇنىڭغا كۆز يۇمۇۋېلىشى كىشىنى تولىمۇ ئۈمىدسىزلەندۈرىدۇ. ھەتتا بۇ ھۆكۈمەتلەر ب د ت غا يوللىغان بايانلىرىدىمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تېررورلۇق ۋە ئاشقۇنلۇققا قارشى تۇرۇش ئىستراتېگىيەسىگە دائىر بايانلىرىنى يوللاپ، ئۇنىڭ سىياسىتى، تەربىيەلەش لاگېرلىرى ياكى ئاتالمىش كەسپىي ماھارەت لاگېرلىرىنى ناھايىتى ئاددىيلا يوللۇق قىلىپ چىقارغان.»
نابېيلا ئىسمائىلنىڭ ئېيتىشىچە، بۇنىڭ سەۋەبىنى خىتاينىڭ ئىقتىسادىي كۈچى ۋە مۇسۇلمان دۆلەتلىرىدىكى تەسىرىگە باغلاش مۇمكىن ئىكەن. ئۇ: «ئۇيغۇرلار ھەققىدە پىكىر بىلدۈرۈشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ كېلىۋاتقان بۇ ھۆكۈمەتلەر ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئەزالىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇلارنىڭ بۇنداق قىلىشىنى خىتاينىڭ ئىقتىسادى كۈچى ۋە ئۇنىڭ كۈچلۈك تەسىرىگە باغلاپ چۈشەندۈرۈىشكە بولىدۇ» دەپ كۆرسەتتى.
«بەيت ئۆل ئامانا» 2015-يىلى قۇرۇلغان مۇستەقىل ھەم تەرەپسىز بىر تەتقىقات ئورنى بولۇپ، بۇ ئورگاننىڭ قۇرغۇچىسى ۋە دىرېكتورى دوكتور ئابدۇلرازاق ئاخمەد( Abdul Razak Ahmmed)، مالايسىيا تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ تىنچلىق ۋە ئىسلام ۋەھىمىسىگە قارشى تۇرۇش ئىشلىرىدىكى ئالاھىدە ۋەكىلى. ئۇ 2019-يىلى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن ئۇيغۇر رايونىدا زىيارەتتە بولغان مالايسىيا ئەربابلىرىنىڭ بىرىدۇر. «بەيت ئۆل ئامانا» نىڭ دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، «ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ باشلىقلار يىغىنى ۋە پەۋقۇلئاددە يىغىنىدا ئۇيغۇرلارنىڭ كۈن تەرتىپتىن ئورۇن ئالماسلىقى شىنجاڭدىكى مۇسۇلمان ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تەقدىرىنىڭ ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ ئاساسلىق تەشكىلاتى تەرىپىدىن نەزەرگە ئېلىنمىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە» ئىكەن.
دوكلاتتا، ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 1972-يىلدىن بېرى ئۇنىڭ نىزامنامىسىدىكى پرىنسىپلارنى كۆرمەسكە سېلىپ كېلىۋاتقانلىقى، ئۇيغۇرلارنىڭ كۈنتەرتىپكە قويۇلۇشى، ئۇنىڭ نىزامنامىسىدىكى ئىنسانلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى ۋە ئۈممەتنى قوغداش چاقىرىقلىرىغا جاۋاب بېرىشنىڭ تۇنجى قەدىمى ھېسابلىنىدىغانلىقىى بىلدۈرۈلگەن. دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، «بۇ تەشكىلاتنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە ھەمكارلىشىشى ھەم بىرلىشىشى، ئۇنىڭ نىزامنامىسىنى نامايان قىلىپلا قالماي، قۇرئاندىكى ئىسلام پرىنسىپلىرىنىمۇ نامايان قىلىدىكەن».
فاراخ ئانۇئار( Farah Anuar ) «شىنجاڭدا ئۇيغۇرلارغا بولغان مۇئامىلە: ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ نىزامى ۋە مۇسۇلمان دۇنياسىنىڭ ئىنكاسى» ماۋزۇلۇق بۇ دوكلاتنى تەييارلىغان ئىككى تەتقىقاتچىنىڭ بىرى. ئۇ 2-ئاۋغۇست نابېيلا ئىسمائىل بىلەن بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا ئېيتىشىچە، ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ نىزامنامىسى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى مۇسۇلمانلار بىلەن ھەمكارلىق ئېلىپ بېرىشنى، ئۇلارنىڭ ھەقلىرىنى قوغداشنى بۇيرۇسىمۇ، لېكىن ئەزا دۆلەتلەر ئۇيغۇر مەسىلىسىدە بۇنىڭغا خىلاپلىق قىلماقتىكەن.
فاراخ ئانۇئار مۇنداق دېدى: «بىز بەزى ئەزا دۆلەتلەرنىڭ (خىتاينى) ۋاسىتىلىك قوللىغانلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز. بەزى ئەزا دۆلەتلەر بۇنىڭغا كۆز يۇمۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇنى ۋاسىتىلىك قوللاۋاتىدۇ. ھالبۇكى، ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ نىزامنامىسىدە ئەزا دۆلەتلەر ئارىسىدىكى ھەمكارلىقنى ئالغا سۈرۈشكە، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى مۇسۇلمان توپلىرىنىڭ ھەق ھوقۇقلىرىغا كاپالەتلىك قىلىشنى بۇيرۇيدۇ. ئەگەر ئەزا دۆلەتلەر ئۇيغۇر كرىزىسىگە قارىتا يېتەرلىك تەدبىر قوللانمىسا، بۇ ئەزا دۆلەتلەر نىزامنامىنىڭ پرىنسىپلىرىغا ئەمەل قىلىۋاتامدۇ-يوق، دېگەن سوئالنى پەيدا قىلىدۇ. ھالبۇكى، تەنقىدچىلەر ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنى ئۇيغۇر مەسىلىسىگە بولغان ئىنكاسى يىتەرسىز، ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە قارشى ئورتاق ئىنكاستا بولمىدى، دەپ تەنقىدلىمەكتە».
فاراخ ئانۇئارنىڭ ئېيتىشىچە، نۆۋەتتە ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى دەرھال ئالاھىدە باشلىقلار يىغىنى چاقىرىپ، ئۇيغۇر مەسىلىسىگە قارىتا كونكرېت ھەل قىلىشى چارىلىرىنى مۇزاكىرە قىلىشى كېرەك ئىكەن.
فاراخ ئانۇئار Farah Anuar: «بۇ ئالاھىدە باشلىقلار يىغىنى چوقۇم ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرىنى مۇزاكىرە قىلىشى كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن بۇ تەشكىلاتنىڭ رەئىسى ئەزا دۆلەتلەرنى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە ھەمكارلىشىشقا قايىل قىلىشى كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ خىتاي بىلەن بىلەن بولغان ئىقتىسادى مۇناسىۋىتى بۇ تەشكىلاتنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىشىغا كاشىلا بولماسلىقى كېرەك. چۈنكى، بىزگە مەلۇم ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى بۇرۇن ئافغانىستان، بوسنىيە، پەلەستىن-ئىسرائىلىيە توقۇنۇشىغا ئوخشاش مەسىلىلەردە ئالاھىدە باشلىقلار يىغىنى چاقىرغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇيغۇرلار ھەققىدە بۇنداق يىغىن چاقىرىپ باقمىدى. بىز يەنە بۇ ئالاھىدە باشلىقلار يىغىنى ئوتراق ئاخبارات ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان باستۇرۇشنى تەنقىد قىلىشى كېرەك، دەپ دەپ قارايمىز» دېدى.
نۆۋەتتە، مۇسۇلمان ئەللىرىنىڭ غەرب دۆلەتلىرىدىكى ئىسلام ۋەھىمىسىگە قارشى تۇرۇش تەشەببۇسى، ئۇلارنىڭ مۇھىم سىياسىي چاقىرىقلىرىنىڭ بىرى. ھالبۇكى، مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنىڭ بىر تەرەپتىن ئىسلام ۋەھىمىسىگە قارشى تۇرۇشنى تەكىتلەپ، يەنە بىر تەرەپتىن خىتاينىڭ مۇسۇلمان ئۇيغۇرلارنى «تېررورلۇق»، «دىنىي رادىكاللىق» بىلەن ئوخشاش ئورۇنغا قويۇشىنى قوللىشى سوئال پەيدا قىلىپ كەلدى. خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى «تېررورلۇق»، «دىنىي رادىكاللىق» بىلەن بىر ئورۇنغا قويۇشى خىتايدا ئىسلام ۋەھىمىسىنىڭ كۈچىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، دەپ قارالماقتا. نابېيلا ئىسمائىل، ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ بۇ خىل مەنتىقىسىگە دائىر سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىپ، بۇنىڭ بىر زىددىيەتلىك خاھىش ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ ئۇلارنىڭ ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە ئالاھىدە ۋەكىل تەيىنلەشكە چاقىرىشىدىكى سەۋەبلەرنىڭ بىرى ئىكەن.
نابېيلا ئىسمائىل مۇنداق دەيدۇ: «بۇ ئۆز ئارا زىددىيەتلىك بىر خاھىش. بۇ يەنە بىزنىڭ نېمە ئۈچۈن ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئىسلام ۋەھىمىسى مەسىلىلىرى بويىچە ئالاھىدە ۋەكىل تەيىنلىشى كېرەك، دەپ ئويلىشىمىزنىڭ سەۋەبىنى چۈشەندۈرىدۇ. بۇ نۇقتىدىن ئالغاندا ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى تېخىمۇ ئۇيغۇر ۋە مۇسۇلمان ئۈممىتى ھەققىدىكى خاتا بايانلارغا قارشى مۇۋاپىق بىر خىزمەت گۇرۇپپىسى تەشكىل قىلىپ باقمىدى. شۇنىمۇ ئېيتىش كېرەككى، مۇۋاپىق ۋە ئىشەنچلىك بىر ۋەكىلنىڭ تەيىنلىنىشى، ئۇيغۇر ئاممىسىنى ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ پرىنسىپى ئاستىدا قوغداش ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم».
بىز شۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى باش شتابى، ئۇنىڭ نيۇ-يورك، جەنۋە، شۇنداقلا ياۋروپا ئىتتىپاقىدا تۇرۇشلۇق دىپلوماتىك ۋەكىللىرىگە خەت يېزىپ ھەم تېلېفون قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئىنكاسىنى سورىغان بولساقمۇ، ئەمما ھېچقانداق جاۋابقا ئېرىشەلمىدۇق. ئۇنىڭ جىددىدىكى باش شتابىنىڭ ئاخبارات ئىشخانىسى ۋە ئاز سانلىق مىللەتلەر باشقارمىسى تېلېفونىمىزنى ئالمىدى، شۇنداقلا خېتىمىزغىمۇ جاۋاب بەرمىدى. بىز 2-ئاۋغۇست ئۇنىڭ جەنۋەدىكى دىپلوماتىك ۋەكىلى ئىشخانىسىنىڭ تەلىپىگە بىنائەن ئۇلارغا ئىلتىماسىمىزنى قايتا يوللىغان بولساقمۇ، ئەمما ھازىرغا قەدەر ھېچقانداق ئىنكاس بىلدۈرمىدى. بۇنىڭ ئالدىدا يەنى 1-ئاۋغۇست كۈنى ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ نيۇ-يوركتىكى ب د ت دا تۇرۇشلۇق ۋەكىلىنىڭ ئىشخانىسى رادىيومىزغا ئۆزلىرىنىڭ بۇ دوكلاتتىكى تەكلىپلەرگە ئالاقىدار سۇئللىرىمىزغا جاۋاب بەرمەيدىغانلىقىنى ئېيتقانىدى.
«بەيت ئۆل ئامانا» نىڭ دوكلاتىدا، ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە قارىتا گاس-گاچا بولۇۋېلىشىنى ئالاھىدە تەكىتلەشنىڭ مۇھىملىقى ئەسكەرتىلىپ، ئۇنىڭ «ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان قىيىنچىلىققا قاراپ تۇرۇشى ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ نىزامنامىسىگە ئېغىر خىلاپلىق قىلىشتۇر. ئۇنىڭ نىزامنامىسىنىڭ 1-ماددىسىنىڭ 14-بۆلۈمى ۋە 16-بۆلۈملىرىدە تەكىتلەنگىنىدەك ئەزا دۆلەتلەردىن باشقا ئەللەردىكى مۇسۇلمان قېرىنداشلارنى قوغداش ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ مەسئۇلىيىتى» دېيىلگەن.