مالايسىيا باش مىنىستىرى ئەنۋەر ئىبراھىم ئۇيغۇر ئىرقى قىرغىنچىلىقىنى ئىنكار قىلغان

0:00 / 0:00

«ئەلجەزىرە» قانىلىنىڭ «يۈزلىشىش» ناملىق پىروگراممىسىنىڭ تونۇلغان رىياسەتچىسى، يېڭى ئاخبارات قۇرۇلۇشى بولغان زىتو (ZETEO) نىڭ قۇرغۇچىسى مەھدى ھەسەن (Mehdi Hasan) 4-ئۆكتەبىر كۈنى مالايسىيا باش مىنىستىرى ئەنۋەر ئىبراھىم بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بارغان. سۆھبەتتە، مەھدى ھەسەن ئەنۋەر ئىبراھىمدىن خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان مۇئامىلىسىنى سورىغاندا، ئۇ غەززەدە بولۇۋاتقانلارنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق، ئەمما بىرقانچە مىليون ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي مۇسۇلمان خەلقلەر تۈرمىگە قامالغان ئۇيغۇر ئېلىدە بولۇۋاتقانلارنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئەمەس دېگەن.

ئامېرىكا قاتارلىق بەزى غەرب دۆلەتلىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەملىك قاماش، خورلاش ۋە سىياسىي تەربىيە (مېڭە يۇيۇش) قىلمىشلىرىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ جاكارلىغان بولسا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى ئىشخانىسى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى يۇقىرى بېسىملىق سىياسەتلىرىنىڭ «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت شەكىللەندۈرگەن بولۇشى مۇمكىنلىكى» نى بىلدۈرگەنىدى.

زىتو (ZETEO) نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، مەھدى ھەسەن: «نۇرغۇن كىشىلەر شىنجاڭدا ئۇيغۇرلارغا قارشى يۈز بېرىۋاتقان ئىشلارنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ قارايدۇ» دېگەندە، ئەنۋەر ئىبراھىم قەتئىيلىك بىلەن: «مەن بۇنىڭغا ئېتىراز بىلدۈرىمەن» دېگەن. مەھدى ھەسەن ئۇنىڭ خاماسقا بولغان كۆز قارىشىنى سورىغاندا، ئۇ «مەن ئۇلارنىڭ قىيىنچىلىقىنى چۈشىنىمەن» دەپ ھېسداشلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ تەتقىقاتچىسى، دوكتور ھېنرىك شاجىۋسكى (Henryk Szadziewski) مالايسىيا باش مىنىستىرى ئەنۋەر ئىبراھىمنىڭ ئۇيغۇر ۋە غەززە مەسىلىسى توغرىسىدا ئېيتقانلىرى ھەققىدە كۆز قارشىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى:

«بىز بۇ ئىككى مەسىلىنى، يەنى ئۇيغۇرلار ۋە غەززە مەسىلىسىنى ئارىلاشتۇرساق، مەسىلىلەرنى سىياسىيلاشتۇرۇشقا باشلىغان بولىمىز. شۇنىڭ بىلەن كىم ئازابلىنىۋاتىدۇ دېگەن مەسىلىگە بولغان دىققىتىمىزنى يوقىتىشقا باشلايمىز. بىز ئۇنى ئىرقى قىرغىنچىلىق، بۇنى ئىرقى قىرغىنچىلىق ئەمەس دېسەك، بۇ ئازابنى سىياسىيلاشتۇرغان بولىمىز. ئېنىقكى، ھەر ئىككى رايوندىكى كىشىلەر ئازابلىنىۋاتىدۇ. ھالبۇكى ھەر ئىككى رايوندىكى كىشىلەرنىڭ چېكىۋاتقان ئازابلىرى مۇھىم نۇقتا بولۇشى ۋە دىققىتىمىز ئۇنىڭدا بولۇشى كېرەك. ئەنۋەر ئىبراھىم غەززە مەسىلىسىنى ئۇيغۇر مەسىلىسىدىن ئايرىپ قارىشى كېرەك. شۇ ئاساستا مالايسىيا، ئۇيغۇر رايونى ۋە غەززەدە ياشاۋاتقان خەلقلەرنىڭ ئازاب-ئوقۇبەتلىرىنى تۈگىتىشكە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك».

تۈركىيە ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ فاكۇلتېتىنىڭ دوتسېنتى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، مالايسىيا باش مىنىستىرى ئەنۋەر ئىبراھىمنىڭ ئۇيغۇر ۋە غەززە مەسىلىسى ھەققىدە ئېيتقانلىرىغا قارىتا مۇنداق دېدى: «پەلەستىن مەسىلىسى مۇسۇلمان دۇنياسىدا مۇھىم بىر مەسىلە ھالىغا كەلدى. غەززەدە بولۇۋاتقانلارنى ئىرقى قىرغىنچىلىق دەپ تونۇدى. مالايسىيا باش مىنىستىرى ئەنۋەر ئىبراھىم گىئو-سىياسىي سەۋەبلەر ۋە ئۇ ئۆز دۆلىتىنىڭ مەنپەئەتىنى ئويلاپ خىتاينى رەنجىتىشنى خالىمىدى».

ئەنۋەر ئىبراھىم بۇرۇن ئۇيغۇرلارغا ھېسداشلىق قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن، ئەمما ئۇ خىتايغا زىيارەتكە بارغاندا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى خىتاينىڭ «ئىچكى ئىشى» دېگەن بولسا، بۇ قېتىم ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى ئىنكار قىلغان. ئۇنداقتا، نېمە ئۈچۈن بۇرۇن ئۇيغۇرلارغا ھېسداشلىق قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئەنۋەر ئىبراھىم ئۆزىنىڭ ۋەدىسىدە تۇرمايدۇ؟

ۋاشىنگتوندىكى ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى ئابدۇلھاكىم ئىدرىس ئەپەندى ئىلگىرى ئەنۋەر ئىبراھىم بىلەن كۆرۈشكەن بولۇپ، بۇ ھەقتە كۆز قارىشىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «مەن مالايسىيا باش مىنىستىرى ئەنۋەر ئىبراھىم بىلەن كۆرۈشكەندە ئۇ ئۇيغۇرلارغا ھېسداشلىق قىلىدىغانلىقىنى، قولىدىن كېلىشكە ئۇيغۇرلارغا ياردەم قىلىدىغانلىقنى بىلدۈرگەنىدى. لېكىن ئۇ ۋەدىسىدە تۇرمىدى. كۆپلىگەن رەھبەرلەر ئۆكتىچى پارتىيە ۋاقتىدا بەرگەن سۆزلىرىنى ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىن كېيىن ئۇنتۇيدۇ. ئەنۋەر ئىبراھىم خىتايغا قارشى چىقىپ ئۇيغۇرلارنى قوللىسا خىتايدىن كېلىدىغان كۆپ مەنپەئەتلەرنى يوقىتىپ، كۆپ بەدەل تۆلەيدۇ. لېكىن غەززەدىكى بولۇۋاتقانلارنى ئىرقى قىرغىنچىلىق دېسە، مالايسىياغا زىيان ئېلىپ كەلمەيدۇ»

ئەنۋەر ئىبراھىم ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي بىلەن تېخىمۇ قويۇق ئىقتىسادىي مۇناسىۋەت ئورنىتىپ، مالايسىيانىڭ ئىشلەپچىقىرىش، ئېنېرگىيە ۋە سانائەت ساھەلىرىگە مەبلەغ سېلىشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويغانلىقى بىلىنمەكتە. ئۆتكەن يىلى ئەنۋەر ئىبراھىم بېيجىڭنى زىيارەت قىلغاندا، شى جىنپىڭ مالايسىياغا تەخمىنەن 35 مىليارد 600 مىليون دوللار مەبلەغ سېلىشقا ۋەدە بەرگەن. خىتاي بۇ مەبلەغنى مالايسىيانىڭ ئۇل ئەسلىھە، ئېنېرگىيە، تېلېگراف ۋە ساياھەتچىلىك تۈرلىرىگە سالىدىكەن. 2022-يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، خىتاينىڭ سالغان مەبلىغى 11 مىليارد دوللارغا يېتىپ، مالايسىياغا بىۋاسىتە سېلىنغان چەتئەل مەبلىغىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنى ئىگىلىگەن. 2024-يىلىنىڭ ئالدىنقى يەتتە ئېيىدا، خىتاينىڭ مالايسىيادىكى بىۋاسىتە سالغان مەبلىغى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %28.8 ئېشىپ، 1 مىليارد 280 مىليون دوللارغا يەتكەن.