سارايېۋو سۆھبەتلىرى: «مالايسىيا مۇسۇلمانلىرى ھەرقاچان ئۇيغۇرلار بىلەن تەقدىرداش!»

0:00 / 0:00

سارايېۋو شەھىرىدە چاقىرىلىۋاتقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى (د ئۇ ق) نىڭ 8-نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيىنىڭ قوشما پائالىيىتى قىرغىنچىلىق ھەققىدىكى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى بولۇپ، يىغىننىڭ «خەلق ھەرىكىتىدە ئۆزئارا ھەمكارلىقنىڭ كۈچى» تېمىسىدىكى مۇھاكىمە باسقۇچى ئالاھىدە دىققەت قوزغىدى. «مالايسىيا مۇسۇلمان ياشلار ھەرىكىتى» (ABIM) نىڭ رەئىسى ئەھمەد فاھمى مۇھد شەمسىدىن (Ahmad Fahmi Mohd Samsudin) يىغىندا سۆز قىلىپ، مالايسىيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى ھىمايىگەرلىك ئەھۋالى ھەققىدە توختالدى.

مەزكۇر تەشكىلات مالايسىيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى چۈشەنچىسىنى كېڭەيتىش ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەردىن ئۆمەر قانات، ئابدۇلھاكىم ئىدرىس قاتارلىقلارنى مالايسىياغا تەكلىپ قىلغان، شۇنداقلا ئۇلارغا ئۇيغۇرلار ھەققىدە لېكسىيە سۆزلەش، مالايسىيا ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى بىلەن ئۇچرىشىش قاتارلىق پۇرسەتلەرنى يارىتىپ بەرگەن. ئەھمەد فاھمىنىڭ قارىشىچە، خىتاي بىلەن مالايسىيا ئوتتۇرىسىدا غايەت زور مىقداردىكى سودا مۇناسىۋىتى مەۋجۇت، يەنە كېلىپ خىتاي ئون نەچچە يىلدىن بېرى ئىزچىل مالايسىيانىڭ ئەڭ چوڭ سودا شېرىكى بولۇپ كەلگەن. يەنە بىر ياقتىن خىتاي پۇقرالىرى ۋىزاسىز مالايسىيادا بىر ئاي تۇرۇشقا بولىدىغانلىقى ئۈچۈن، يىلىغا مىليونلاپ خىتاي ساياھەتچىلەر مالايسىياغا كېلىدۇ. شۇ سەۋەبتىنمۇ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى مالايسىيادا كۈنتەرتىپكە ئېلىپ چىقىش كۆپ تەرەپلىمە مەسىلىلەرگە چېتىلىدىغان بەكمۇ نازۇك بىر ھادىسە. يەنە بىر ياقتىن خىتاي ھۆكۈمىتى زور مىقداردا مالىيە كۈچى ۋە ئادەم كۈچى سەرپ قىلىش بەدىلىگە مالايسىيادا خىتايپەرەسلىككە كەڭ تۇپراق ھازىرلاشقا ئۆتكەن. بۇنىڭ ئەڭ روشەن ئىپادىسىدىن بىرى مالايسىيا پىرېزىدېنتى ئەنۋەر ئىبراھىمنىڭ يېقىندا مەھدى ھەسەن بىلەن بولغان ئوچۇق سۆھبەتتە ئاشكارا ھالدا ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى ئىنكار قىلىشىدا ئەكس ئەتكەن. «مالايسىيا مۇسۇلمان ياشلار ھەرىكىتى» بولسا دەل مۇشۇ خىل خىتايپەرەسلىككە قارشى چامىسىنىڭ يېتىشىچە نامايىشلارنى ئۇيۇشتۇرۇپ ئوخشىمىغان «تەشۋىقات ئۇرۇشى» قىلىپ كەلمەكتە.

ئەھمەد فاھمى بىلەن بىرلىكتە بۇ قېتىمقى قۇرۇلتايغا كەلگەن يەنە بىر كىشى «مالايسىيا دۇنيا تىنچلىقى» جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى موھد خەيرۇل ئەنۋەر ئىسمايىل (Mohd Khairul Anwar Ismail) بولۇپ، ئۇمۇ مالايسىيادا ئۇيغۇر داۋاسىنى ئاڭلىتىشقا تېگىشلىك ھەسسە قوشۇپ كەلمەكتە. ئۇلار بۇ جەھەتتە مالايسىيا باش مىنىستىرى ئەنۋەر ئىبراھىم (Anwar Ibrahim) نىڭ ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان زۇلۇم ۋە قىرغىنچىلىقنى ئىنكار قىلىش مەۋقەسىدىن پۈتۈنلەي پەرقلىق بولۇپ، رادىيومىزنىڭ مەخسۇس زىيارىتى جەريانىدا بۇ نۇقتىنى ئالاھىدە ئەسكەرتتى.

مۇخبىر: پىرېزىدېنتىڭلار ئەنۋەر ئىبراھىمنىڭ بۇ سۆزلىرى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر جامائىتىنى، شۇنداقلا ئامېرىكا ۋە باشقا جايلاردىكى تەشكىلاتلارنى بەكلا ھەيران قالدۇردى. نېمىشقا دېسىڭىز ئەنۋەر ئىبراھىم پىرېزىدېنت بولۇشتىن ئىلگىرى ئۇيغۇر داۋاسىنى قوللاپ كەلگەن ئىدى. ئەمما پىرېزىدېنت بولۇپلا خىتاينى قوللاشقا ئۆتتى. ئۇ نېمىشقا بۇنداق قىلىدۇ؟

ئەھمەد فاھمى: مەن بۇ كىشىنى شەخسەن ياخشى بىلىمەن. ئاشۇ سۆھبەتتىكى پەۋقۇلئاددە مىنۇتلاردا ئۇ زات ئۆزىنىڭ بۇ مەسىلىدىكى مەۋقەسىنى تولۇق ئىپادە قىلىشقا ئىلاج قىلالماي قالغان بولسا كېرەك، دەپ ئويلايمەن. ئەلۋەتتە بۇ خىل مەۋقەنى توغرىلاش كېرەك. ئەمما بىزگە ئوخشاش بۇ مەسىلىدىن تولۇق خەۋەردار كىشىلەر بۇ ھەقتە ئۇ كىشىگە ۋە ئۇنىڭ ئىشخانىسىدىكىلەرگە بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىمىز. ئۇ جايدا قىرغىنچىلىقنىڭ بولۇۋاتقانلىقى راست بولغانىكەن، بۇ ھەقتە تېخىمۇ كۆپ مۇھاكىمىلەر بولۇشى كېرەك. دېمەكچى بولغىنىم مالايسىيا بىلەن خىتاينىڭ مۇناسىۋىتى ھازىر بەكمۇ نازۇك بىر ھالدا تۇرۇۋاتىدۇ. شۇڭا ھۆكۈمەت قىلالمىغان بۇ ئىشلارنى بىز قىلىشقا تىرىشىۋاتىمىز.

مۇخبىر: بۇ ئەمەلىيەتتە بەكمۇ ئاددىي بىر سوئال ئىدى. ئەنۋەر ئىبراھىم ھازىرمۇ داۋام قىلىۋاتقان ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى ئىنكار قىلغاندا سىزنىڭ بۇ ھەقتىكى ئىنكاسىڭىز قانداق بولدى؟ يەنى مالايسىيادىكى ئەڭ چوڭ مۇسۇلمان ياشلىرى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى، شۇنىڭدەك ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى ياخشى بىلىدىغان بىرى بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن شۇ ۋاقىتتا خىيالىڭىزدىن نېمىلەر كەچتى؟

ئەھمەد فاھمى: بۇ خىل مەۋقە تۈزىتىلىشى لازىم. ئەلۋەتتە بىز يەنە ھازىر بولۇۋاتقان ئىشلار توغرىسىدا تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلارغا ئىگە بولۇشىمىز زۆرۈر. چۈنكى بىز ھازىر ئوتتۇرا شەرقتە بولۇۋاتقان ئىشلارغا بەكرەك زېھىن قويۇۋاتىمىز. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا شەرقىي تۈركىستاندا بولۇۋاتقان ئىشلار تۈپەيلىدىن مۇناسىۋەتتىكى بەزى جىددىيلىكلەر ئوتتۇرىغا چىقىۋاتىدۇ. مېنىڭچە بۇ ئەھۋال بىزنىڭ ئاساسىي قانۇنىمىزدا تېگىشلىك رەۋىشتە تۈزىتىلىشى ۋە يېڭىلىنىشى لازىم.

مۇخبىر: سىزنىڭ باش مىنىستىرىڭىزغا دېمەكچى بولغىنىڭىز ئۇنىڭ بۇ مەسىلىدىكى مەيدانىنى ئۆزگەرتىش ۋە توغرىلاش. شۇنداقمۇ؟

ئەھمەد فاھمى: شۇنداق. ئۇنى ھازىرقى ۋەزىيەتتىن خەۋەرلەندۈرۈش لازىم، دېمەكچىمەن. شۇڭا بىز دەل مۇشۇ مەسىلىگە قول تىقىۋاتىمىز. بىز بۇ ھەقتە بىر دوكلات ئېلان قىلدۇق. يېقىندا بۇنى پىرېزىدېنت ئىشخانىسىغا يوللايمىز. بۇلار دەل بىز قىلماقچى بولۇۋاتقان ئىشلارنىڭ جۈملىسىدىندۇر.

بۇ مەسىلە ھەققىدە سۆز بولغاندا «مالايسىيا دۇنيا تىنچلىقى» جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى موھد خەيرۇل ئەنۋەر ئىسمايىل (Mohd Khairul Anwar Ismail) بۇ جەھەتتە ئۆزىنى ئەھمەد فاھمى بىلەن پىكىرداش، دەپ قارايدۇ. ئۇنىڭ پىكرىچە، ئۇيغۇرلار قىرغىنچىلىققا دۇچ كېلىۋاتقانلىقى ئۈچۈن ئۇلار دەل مۇشۇ مەركىزىي تېمىنى مالايسىيا خەلقىگە تېخىمۇ ئەتراپلىق چۈشەندۈرۈشكە كۈچ چىقىرىپ كەلگەن. چۈنكى مالايسىيا خەلقىنىڭ ئۇيغۇرلار دۇچ كەلگەن قىسمەتلەردىن خەۋەردار بولغانلىرى تېخى كۆپ سانلىقنى تەشكىل قىلمايدۇ. يەنە كېلىپ يېقىنقى مەزگىللەردە «ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى» غا ئوخشاش بىر تۈركۈم ئېكسكۇرسىيە ئۆمەكلىرى ئۇيغۇر ئېلىدىكى «زىيارەت سەھنىلىرى» نى زىيارەت قىلغاندىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەشۋىقاتىغا ماس بايانلارنى ئوتتۇرىغا چىقارغان. شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ مالايسىيا خەلقىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى چۈشەنچىسىنى ئاشۇرۇش، شۇ ئارقىلىق ھۆكۈمەتكە بېسىم قىلىش تىرىشچانلىقى ئىزچىل داۋام قىلماقتا.