ئابدۇلھاكىم ئىدرىس مالايسىيا باش مىنىستېرىدىن ئۇيغۇرلارغا ياردەم قىلىشنى تەلەپ قىلغان

0:00 / 0:00

مەركىزى ۋاشىنگتوندىكى ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ دىرېكتورى ئابدۇلھاكىم ئىدرىس مالايسىيانىڭ ھازىرقى باش مىنىستېرى ئەنۋەر ئىبراھىم بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇيغۇرلارغا ياردەم قىلىشنى تەلەپ قىلغان.

ھەپتىلەردىن بۇيان ھىندونېزىيەدە تۈرلۈك پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ دىرېكتورى ئابدۇلھاكىم ئىدرىس ئەپەندى، 13-ئاپرىلدىن باشلاپ مالايسىيادا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى تونۇشتۇرۇپ كېلىۋاتقان ئىدى. ئۇ بۈگۈن، يەنى 19-ئاپرىل كۈنى مالايسىيا پايتەختى كۇئالا-لامپۇردىكى دارۇل ئىسلام مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئىپتار سورۇنىدا مالايسىيا باش مىنىستېرى ئەنۋەر ئىبراھىم ئەپەندى بىلەن ئۇچرىشىپ، ئۇنىڭدىن ئۇيغۇرلارغا ياردەم قىلىشنى تەلەپ قىلغان.

ئىپتار سورۇنى ئاخىرلاشقاندا، ئابدۇلھاكىم ئىدرىس ئەپەندى باش مىنىستېر ئەنۋەر ئىبراھىم بىلەن قايتا كۆرۈشۈپ خوشلاشقان. خوشلىشىشتىن ئىلگىرى، ئۇ ئەنۋەر ئىبراھىم ئەپەندىگە ئۇيغۇر دوپپىسىدىن بىرنى، ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىگە ۋە ئارزۇ-تىلەكلىرىگە ئائىت بىر مەكتۇپنى ھەمدە ئۆزىنىڭ «قىزىل قىيامەت» ناملىق كىتابىنى تەقدىم قىلغان. ئۇ، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنىڭ ئېغىرلىقىنى تەكىتلەپ، ئۇنىڭدىن يەنە بىر قېتىم ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ياردەم سورىغان.

مالايسىيادا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى تونۇشتۇرۇپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ دىرېكتورى ئابدۇلھاكىم ئىدرىس ئەپەندى مالايشىيا باش مىنىستىرى ئەنۋەر ئىبراھىم ئەپەندىگە ئۇيغۇر دوپپىسى سوغا قىلدى. 2023-يىلى 19-ئاپرېل.
مالايسىيادا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى تونۇشتۇرۇپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ دىرېكتورى ئابدۇلھاكىم ئىدرىس ئەپەندى مالايشىيا باش مىنىستىرى ئەنۋەر ئىبراھىم ئەپەندىگە ئۇيغۇر دوپپىسى سوغا قىلدى. 2023-يىلى 19-ئاپرېل. (RFA/Ekrem)

ئەنۋەر ئىبراھىم ئەپەندى گەرچە ئىككى ھەپتىنىڭ ئالدىدا ئېلىپ بارغان خىتاي زىيارىتى مەزگىلىدە ئۇيغۇرلار مەسىلىسى توغرۇلۇق باشقىچە ئىپادە بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما مۇسۇلمان دۆلىتىنىڭ بىر رەھبىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۆزىنىڭ يەنىلا ئۇيغۇرلارغا ھېسداشلىق قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، 2018-يىلى خىتايدىن ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ۋە ھەرىكەت ئەركىنلىكىنى تەلەپ قىلغان ئەنۋەر ئىبراھىم ئەپەندى، مالايسىيا باش مىنىستېرى بولغاندىن كېيىن، يەنى 2023-يىلى 29-مارتتىن 1-ئاپرىلغىچە خىتايدا ئېلىپ بارغان زىيارىتى مەزگىلىدە، ئۇيغۇر مەسىلىسىنى «خىتاينىڭ ئىچكىي ئىشى» دەپ ئاتىغان ئىدى.

تۈركىيە ھاجىتەپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى دوكتۇر ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆز قاراشلىرىنى ئاڭلارمەنلەر بىلەن ئورتاقلاشتى. ئۇ، مالايسىيا باش مىنىستېرى ئەنۋەر ئىبراھىمنىڭ ئۇستا بىر سىياسەتچى ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ خىتاي زىيارىتى مەزگىلىدە گەرچە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ‹خىتاينىڭ ئىچكىي ئىشى› دېگەن بولسىمۇ، بۇ قېتىم ئۇيغۇر پائالىيەتچىسى بىلەن كۆرۈشكەندە ئۇيغۇرلارغا ھېسداشلىق قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشىنىڭ بىر خىل سىياسەت بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.