خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا لاگېرلارنى قۇرۇپ ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان مىليونلارچە يەرلىك مۇسۇلمان خەلقلەرنى سولاپ، ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى دۇنياغا ئاشكارا بولغاندىن كېيىن مالايسىيا ئۇيغۇرلارغا ھەسسىدارلىق بىلدۈرگەن دۆلەتلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. مالايسىيا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆتكەن يىلى مالايسىيادا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان 11 نەپەر ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرماسلىق قارارىنى ئالغانلىقى ۋە بۇ ئۇيغۇرلارنى تۈركىيەگە ئۆتكۈزۈپ بېرىشى، ئۇندىن باشقا يەنە مالايسىيا پارلامېنت ئەزاسى ۋە بولغۇسى باش مىنىستىر ئەنۋەر ئىبراھىمنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىغا ھۆرمەت قىلىشقا چاقىرىشى، ئۇيغۇر ئېلىدىكى لاگېر مەسىلىسىنىڭ خىتاينىڭ ئىچكى ئىشى ئەمەسلىكىنى تەكىتلىشى بۇنىڭ مىسالىدۇر.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى، تۈركىيەدىكى شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى قاتارلىق تەشكىلاتلار مالايسىياغا بىر قانچە قېتىم ۋەكىل ئەۋەتىپ، ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تونۇشتۇرغان ئىدى. ئۇندىن باشقا بىر قىسىم دىنىي زاتلار ۋە زىيالىيلار ھەمدە مۇستەقىل ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىمۇ مالايسىيادا ئۆتكۈزۈلگەن ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى يىغىن ۋە پائالىيەتلەرگە قاتنىشىپ، مالايسىيا ھۆكۈمىتى ۋە ئاممىسىنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ كەلمەكتە. مالايسىيا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سەيفۇددۇن ئابدۇللاھ ئىلگىرى ئۇيغۇر ۋەكىللەر بىلەن كۆرۈشكەندە «بىز ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتىمىز، يۈز بېرىۋاتقان ئەھۋاللارغا دىققەت قىلىۋاتىمىز. بۇنىڭدىن قاتتىق ئەندىشىلىنىۋاتىمىز،» دېگەن ئىدى.
ئۆتكەن ھەپتە مالايسىيادىكى يىگىرمىدىن ئارتۇق ھۆكۈمەتسىز تەشكىلات، دىنىي جەمئىيەتلەر بىر قىسىم ئۇيغۇرلار بىلەن بىرلىكتە پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارغان. 23-ئىيۇل كۈنى مالايسىيادىكى تەسىرى بىر قەدەر كۈچلۈك ئاممىۋى تەشكىلاتلاردىن «ئىسلام ئۇچۇر ۋە مۇلازىمەت جەمئىيىتى» نىڭ ساھىبخانىلىقىدا «ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈش ۋە ئەمەلىي ھەرىكەت قىلىش» توغرىسىدا يۇمىلاق ئۈستەل يىغىنى چاقىرىلغان. مەزكۇر يىغىنغا ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن ئىستانبۇلدىكى ساباھىددىن زائىم ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دوكتور بۇرھان سېتى ئۇلۇغيول ئەپەندى بىلەن مالايسىيادىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرلار قاتناشقان. ئۇلار خىتاي لاگېرىغا سولانغان ئۆز ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ئەھۋاللىرىنى تونۇشتۇرۇش ئارقىلىق ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنى يىغىن قاتناشقۇچىلىرىغا جانلىق سۈرەتلەپ بەرگەن.
دوكتور بۇرھان سېتى ئۇلۇغيول ئەپەندى ئۆزىمۇ يېقىندا ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدىن 20 كىشىنىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكىنى ئېنىقلاپ، ئىجتىمائىي تاراتقۇلار ۋە رادىيومىزنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قىسىم تاراتقۇلاردا گۇۋاھلىق بەرگەن ئىدى.
مالايسىيادىكى پائالىيەتلىرىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ تۈركىيەگە قايتىپ كەلگەن بۇرھان ئەپەندىمنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىگە قارىغاندا، مەزكۇر يىغىنغا قاتناشقان تەشكىلات ۋەكىللىرى ئىچىدە ئىلگىرى خىتايغا بارغان ۋە خىتايدىكى بەزى ئىسلام ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا زىيارەتتە بولغانلارمۇ بار ئىكەن. يىغىندا ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى ۋە لاگېرلار ھەققىدە مۇلاھىزە ئېلىپ بېرىلغان. يىغىن ئاخىرىدا مالايسىيادا ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشتە قانداق ئەمەلىي ھەرىكەت قىلىش ۋە ھەر قايسى ئاممىۋى ۋە دىنىي تەشكىلاتلار ئۇيغۇرلارغا كۆڭۈل بۆلۈشتە ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش توغرىسىدا مۇھىم قارارلار ئېلىنغان ئىكەن.
يىغىندىن كېيىن مالايسىيادىكى ئاساسلىق ئاممىۋى تەشكىلاتلاردا زىيارەت ۋە يىغىنلارغا قاتناشقان بۇرھان ئەپەندى يەنە مالايسىيانىڭ مۇئاۋىن دۆلەت رەئىسى ۋان ئەزىزە بىلەن كۆرۈشكەن. ئەزىزە خانىم بۇرھان سېتى ئەپەندىنى ئۆز ئۆيىدە كۈتۈۋالغان. ئۇ يەنە بولغۇسى باش مىنىستىر ئەنۋەر ئىبراھىم بىلەنمۇ كۆرۈشكەن ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە سۆھبەتلەشكەن. بۇرھان ئەپەندى بۇ جەرياندا ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ مالايسىيادا تونۇلۇشقا باشلىغان ۋە زور ئاممىۋى قوللاشقا ئېرىشىۋاتقان بىر مەسىلە ئىكەنلىكىنى كۆپ تەرەپتىن ھېس قىلغان. ئۇ بۇ ئەھۋالنىڭ مالايسىيا ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇر مەسىلىسىدە كەسكىن بىر پوزىتسىيە تۇتۇشقا ئۈندەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
مالايسىيا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان بىر خادىمىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇرلار مەسىلىسى مالايسىيادا ئىلگىرىكى ھۆكۈمەتكە تونۇشلۇق مەسىلە بولسىمۇ، ئەمما يېڭىدىن ئىش يۈرۈشتۈرۈۋاتقان ياش ھۆكۈمەتكە نىسبەتەن بۇ بىر قەدەر يېڭى بىر مەسىلە ئىكەن. ئۇ مالايسىيادىكى يۇقىرى قاتلامدىكىلەرنىڭ ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنى دىققەت بىلەن كۆزىتىۋاتقانلىقىنى ۋە خىتايغا قارىتا پوزىتسىيەسىنى قانداق ئوتتۇرىغا قويۇش توغرىسىدا ئىزدىنىۋاتقانلىقىنى، ئەمما خەلق ئاممىسىنىڭ ئىنكاسىنىڭ ناھايىتى ئوچۇق ۋە كەسكىن بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ مالايسىيا ئىسلام ئىشلىرى مىنىستىرى مۇجاھىد يۈسۈپ راۋانىڭ خىتايدىكى سەككىز كۈنلۈك زىيارىتىدىن كېيىن ئۇيغۇر دىيارىدىكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنى «كەسپىي ماھارەت مەركىزى ئىكەن» دېگەن سۆزلەرنى قىلغانلىقىنى، ئۇنىڭ بۇ سۆزىگە قارىتا مالايسىيادىكى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تەرەپ-تەرەپتىن قارشى ئىنكاسلارنىڭ يېغىپ كەتكەنلىكىنى بۇنىڭ بىر مىسالى دەپ كۆرسەتتى.
مالايسىيانىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ۋان ئەزىزە بۇرھان ئەپەندىگە ئۆزىنىڭ ئۆتكەن ئايدا خىتايغا زىيارەتكە بارغانلىقى، ئەمما خىتاي تەرەپنىڭ ئۇنىڭ شەرقىي تۈركىستاننى زىيارەت قىلىش تەلىپىنى رەت قىلغانلىقىنى ئېيتقان.
بۇرھان ئەپەندىنىڭ بەرگەن مەلۇماتىغا قارىغاندا، مالايسىيادىكى 20 دىن ئارتۇق تەشكىلات ۋەكىللىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئەمىلىي ھەرىكەت بىلەن قوللاش ھەققىدە ئالغان ئالغان قارارنامىسى مالايسىيا دۆلەت رەئىسىگە، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا ۋە مالايسىيادىكى ھەرقايسى تەشكىلاتلارغا سۇنۇلىدىكەن. يىغىندا ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ۋە كىشىلىك ھەق ھوقۇقلىرىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشتا شەرقىي-جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرىدىكى تەشكىلاتلار بىلەن ھەمكارلىشىش توغرىلىقمۇ مۇزاكىرەلەر ئېلىپ بېرىلغان ئىكەن. ئۇندىن باشقا تايلاندتا قامىلىپ تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنى قۇتۇلدۇرۇش مەسىلىلىرىمۇ ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىكەن.
0:00 / 0:00