مالايسىيادا «ئۇيغۇر تىراگېدىيەسى 2024» ناملىق دوكلاتنى تارقىتىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى

0:00 / 0:00

خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندىن بۇيان دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا، بولۇپمۇ مۇسۇلمان دۆلەتلىرىدە ھەر خىل پائالىيەتلەرنى ئۇيۇشتۇرۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ قانداقتۇر «بەختلىك ياشاۋاتقانلىقى» ھەققىدە تەشۋىقاتلىرىنى داۋام قىلماقتا. مالايسىياغا ئۈرۈمچىدىن 6 كىشىلىك بىر ھەيئەت كېلىپ تەتۈر تەشۋىقاتلىرىنى باشلاش ئالدىدا، ۋاشىنگتوندىكى ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ دىرېكتورى ئابدۇلھاكىم ئىدرىس، مالايسىيادىكى خەلقئارا مىسيون تەشكىلاتى ۋە خەلقئارا مۇسۇلمان ياشلار تەشكىلاتى بىلەن بىرلىكتە مالايسىيا پايتەختى كۇئالالومپۇردا مالاي تىلىدا تەييارلانغان «ئۇيغۇر تىراگېدىيەسى 2024» ناملىق دوكلاتنى تارقىتىش مۇراسىمى ئۆتكۈزگەن.

بىر قانچە كۈندىن بۇيان مالايسىيادا تۈرلۈك پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ دىرېكتورى ئابدۇلھاكىم ئىدرىس ئەپەندى، 15-ئۆكتەبىر كۈنى كۇئالالۇمپۇردا مەزكۇر دوكلاتنى تارقىتىش مۇراسىمى ئۆتكۈزگەندىن سىرت ئىككى قېتىم دوكلات بېرىش يىغىنى ۋە مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىمۇ ئۆتكۈزگەن. ئابدۇلھاكىم ئىدرىس ئەپەندى مالايسىيادا ئۆتكۈزگەن پائالىيەتلىرى توغرىسىدا قىسقىچە مەلۇمات بەردى.

«ئۇيغۇر تىراگېدىيەسى 2024» ناملىق دوكلاتنى تارقىتىش پائالىيىتىدىن كېيىن دوكلات ئاڭلىغۇچىلار ئابدۇلھاكىم ئىدرىس ئەپەندى بىلەن خاتىرە سۈرەتتە. 2024-يىلى ئۆكتەبىر.
«ئۇيغۇر تىراگېدىيەسى 2024» ناملىق دوكلاتنى تارقىتىش پائالىيىتىدىن كېيىن دوكلات ئاڭلىغۇچىلار ئابدۇلھاكىم ئىدرىس ئەپەندى بىلەن خاتىرە سۈرەتتە. 2024-يىلى ئۆكتەبىر. (RFA/Erkin Tarim)

ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى تونۇشتۇرۇپ كېلىۋاتقان خەلقئارا مىسيون تەشكىلاتى رەئىسى خەيرۇل ئەنۋەر ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: «بۇ پائالىيەتكە كۆپلىگەن ئاممىۋى تەشكىلات مەسئۇللىرى ۋە ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىلىرىنىڭ مەسئۇللىرى ئىشتىراك قىلدى. بىز 10 يىل بۇرۇنلا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئېغىر بېسىمىنى مالايسىيا جامائەتچىلىكىگە ئاڭلىتىشقا، شۇ ئارقىلىق مالايسىيا ھۆكۈمىتىگە تەسىر كۆرسىتىشكە تىرىشىۋاتىمىز.»

ئىگىلىشىمىزچە، يېقىندىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتى مالايسىيادىكى دىنىي جامائەت ئەربابلىرىنى، بەزى ئاممىۋى تەشكىلاتلارنى ئارقا-ئارقىدىن ئۇيغۇر ئېلىگە تەكلىپ قىلىپ ئاپىرىپ، ئۇلارغا مەخسۇس تەييارلانغان جايلارنى كۆرسىتىپ، بۇ رايوندىكى جىنايەتلىرىنى ئىنكار قىلىش ھەم ئۆزلىرىنى ماختاش تەشۋىقاتى ئېلىپ بارغان. ئەمدىلىكتە بولسا ئۇيغۇر ۋە خىتايلاردىن تەركىب تاپقان ئۆمەكلەر مالايسىياغا كېلىپ «شىنجاڭ گۈزەل جاي» دېگەن يالغان تەشۋىقاتىنى ئېلىپ بېرىشقا باشلىغان. خەيرۇل ئەنۋەر ئەپەندى بۇ ھەقتە مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى: «يېقىندىن بۇيان خىتاي مالايسىياغا ئېلىپ بارغان تەتۈر تەشۋىقاتىنى كۈچەيتىشكە تىرىشماقتا. بىز ئىشەنچلىك يەردىن ئىگىلىگەن مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، كېلەر ھەپتە ئۈرۈمچىدىن 2 ئۇيغۇر 4 خىتايدىن تەركىب تاپقان 6 كىشىلىك ھەيئەت‹گۈزەل شىنجاڭ› دېگەن تەتۈر تەشۋىقات ئۈچۈن مالايسىياغا كېلىدىكەن ھەم بارلىق مۇسۇلمان تەشكىلاتلار بىلەن كۆرۈشۈشكە تىرىشىدىكەن. مۇشۇنداق بىر پەيتتە بىزنىڭ مالايسىيادىكى بارلىق ئاممىۋى تەشكىلاتلارنى مالاي تىلىدا تەييارلانغان بۇنداق بىر كىتاب بىلەن تەمىنلىشىمىز مۇھىم دەپ ئويلايمەن.»

«ئۇيغۇر تىراگېدىيەسى 2024» ناملىق دوكلاتنىڭ مۇقاۋىسى. 2024-يىلى ئۆكتەبىر، مالايسىيا.
«ئۇيغۇر تىراگېدىيەسى 2024» ناملىق دوكلاتنىڭ مۇقاۋىسى. 2024-يىلى ئۆكتەبىر، مالايسىيا. (RFA/Erkin Tarim)

مالايسىيادا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى تونۇشتۇرۇپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ دىرېكتورى ئابدۇلھاكىم ئىدرىس ئەپەندى 2023-يىلى 19-ئاپرېل كۈنى مالايسىيا پايتەختى كۇئالالومپۇردىكى دارۇل ئىسلام مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئىپتار سورۇنىدا مالايسىيا باش مىنىستىرى ئەنۋەر ئىبراھىم ئەپەندى بىلەن ئۇچرىشىپ، ئۇنىڭدىن ئۇيغۇرلارنى قوللاشنى ئىلتىماس قىلىش بىلەن بىرگە، ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىگە، ئارزۇ-تىلەكلىرىگە ئائىت بىر مەكتۇپنى سۇنغان ھەمدە ئۆزىنىڭ ‹قىزىل قىيامەت› ناملىق كىتابىنى تەقدىم قىلغان.