خىتاينىڭ 2017-يىلىدىكى نوپۇس ئىستاتىسكىىسىدا، ئۇيغۇر رايونىنىڭ ماناس ناھىسيىدە ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ 6193 نەپەر ئىكەنلىكىنى ۋە ناھىيە ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ ئاران 2.5 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدىغانلىقى قەيت قىلىنغان. مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر نوپۇسى مۇشۇ دەرىجىدە ئاز بولغان ماناس ناھىيەسىدىمۇ لاگېردىن بىرسى بار بولۇپ، ئۇنىڭغا 800 گە يېقىن ئۇيغۇر تۇتقۇن قاماقلىق ئىكەن.
ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار، ئۆتكەن يىلى ماناستىكى غايىب دىنىي مۇئەللىمە خاسىيەت ئەخمەت ھەققىدە ئېلىپ بارغان ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا، 2017-يىلى تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ۋە 14 يىللىق كېسىلگەنلىكى دەلىلىنىش بىلەن بىرلىكتە، ماناس ناھىيەسىدىمۇ بىر ياكى بىر نەچچە لاگېرنىڭ بارلىقى ئېھتىماللىقى مەلۇم بولغان ئىدى.
بىز شۇنىڭدىن كېين ماناستىكى ساقچىخانا، قاماقخانا ۋە ئەدلىيە پونكىتلىرىغا تېلېفون قىلىپ، ماناستىكى لاگېرلار ھەققىدە مەلۇمات سورىدۇق. خادىملار كۆپىنچە ھاللاردا ئۆزلىرىنىڭ بۇ ھەقتە مەلۇمات بېرىشكە ھوقۇقلۇق ئەمەسلىكىنى بايان قىلدى.
خىتاينىڭ «بەيدۇ» ئۇچۇر ئامبىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، ماناس ناھىيەسىنىڭ ئومۇمىي نوپۇسى بىڭتۇەننى قوشۇپ ھېسابلىغاندا جەمئىي 247 مىڭ ئەتراپىدا بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى 6193 نەپەر ئىكەن؛ يەنى ماناس ناسىيەسىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى خىتاي، قازاق ۋە تۇڭگانلاردىن قالسا 4-ئورۇندا بولۇپ، ناھىيە ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ ئاران 2. 5 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدىكەن.
بىز تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان خادىملاردىن ماناستىكى لاگېرلارنىڭ ئورنى، قۇرۇلمىسى ۋە ئۇنىڭدىكى تۇتقۇنلارنىڭ سانى ھەققىدە مەلۇمات سورىدۇق. خادىملاردىن بىرى ماناس ناھىيەسىدە لاگېردىن پەقەت بىرسىلا بارلىقىنى بايان قىلدى، ئەمما بۇ لاگېرنىڭ ئورنى ھەققىدە مەلۇمات بەرمىدى. يەنە بىر خادىم ماناستىىكى لاگېرنىڭ ناھىيە بازىرى ئىچىدە ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭدا قانچىلىك كىشى بارلىقى ھەققىدە مەلۇمات بېرەلمىدى.
«بەيدۇ» ئۇچۇر ئامبىرىدىكى ماناس ناھىيەسى توغرىلىق بېرىلگەن تونۇشتۇرۇشتا بايان قىلىنىشىچە، ماناستا قازاقلارنىڭ نوپۇسى 19513 بولۇپ، ناھىيە ئومۇمىي نوپۇسنىڭ 7. 9 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدىكەن. ئىلگىرى رادىيومىزغا كەلگەن ئىنكاسلاردا كۇيتۇڭ ۋە ماناستىكى قازاقلاردىنمۇ كۆپ ساندا كىشىلەرنىڭ لاگېردا ئىكەنلىكى مەلۇم قىلىنغان ئىدى. بىز خادىملاردىن بىرىدىن بۇ ناھىيەدە قازاقلاردىن قانچىلىك كىشىنىڭ لاگېردا ئىكەنلىكىنى سورىغىنىمىزدا، ئۇ دەسلەپتە «يوق» دەپ جاۋاپ بەردى. بىز يەنىمۇ ئىچكىرىلەپ سورىغاندىن كېيىن، ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ ھەقتە مەلۇمات بېرەلمەيدىغانلىقىنى ئاشكارىلدى.
ئىلگىرىكى ئېنىقلاشلىرىمىزدا، غۇلجا تەۋەسىدىكى زور بىر تۈركۈم تۇتقۇنلارنىڭ شىخو، ماناس ۋە ئۈرۈمچىلەرگە يۆتكەلگەنلىكى ھەققىدە ئۇچۇرلار ئېلىنغان ئىدى. شۇڭا بىز ئالاقىدار خادىملاردىن ماناستىكى تۈرمە ۋە لاگېرلاردا ماناس سىرتىدىكى ناھىيە شەھەرلەردىن يۆتكەپ كېلىنگەن تۇتقۇنلارنىڭ بار-يوقلۇقىنى سورىدۇق. خادىملاردىن بىرى، بۇ ھەقتە ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسىنىڭلا جاۋاپ بېرەلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرلىكتە، لاگېرغا مەسئۇل خادىمنىڭ تېلېفون نومۇرىنى تەمىنلىدى.
تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان ئالاقىدار خادىم، ئۆزىنىڭ ماناستىكى لاگېردا ئىلگىرى 4 ئاي ۋەزپىە ئۆتىگەنلىكىنى بايان قىلىش بىلەن بىرلىكتە، بۇ لاگېرنىڭ ئەر ۋە ئاياللارغا ئائىت بولۇپ ئىككى قىسىمغا ئايرىلغانلىقى، بۇ ئىككى قىسىمنىڭ بىر-بىرىگە يانداش سېلىنغانلىقىنى ئاشكارىلىدى. ئۇ بۇ لاگېردا ھەممىسىنىڭلا ئۇيغۇر ئىكەنلىكى ۋە ئۆزى ئىشلىگەن يىللاردا 500 چە ئەر، 270 نەچچە ئايال بارلىقىنى ئەسلەپ ئۆتتى. لاگېردا پەقەت «دۆلەت تىلى» ئۆگىنىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ۋە لاگېردىكى قېيىن-قىستاقلار ھەققىدە ئېغىز ئاچمىغان بۇ خادىم، لاگېردىكىلەرنىڭ كۆپىچىسىنىڭ ئېغىر جىنايى قىلمىشى بار كىشىلەر ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى. بىز ئۇنىڭدىن ئۇلارنىڭ «ئېغىر قىلمىشى» نىڭ زادى نېمە ئىكەنلىكىنى سورىغىنىمىز، ئۇ «ناماز ئوقۇش» دەپ جاۋاپ بەردى.
ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغچۇىلار، ئىلگىرىكى ئېنقىلاشلىرىمىزدا يەنە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ لاگېرلار ھەققىدىكى خەلقئارا تەنقىدلەردىن ئۆزنى قاچۇرۇش ئۈچۈن، لاگېرلاردىكىلەرنىڭ كۆپىنچىسىنى قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىغانلىقى ۋە لاگېرلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ۋىۋىسكىسىنى تۈرمىگە ئۆزگەرتىۋەتەكەنلىكى مەلۇم بولغان ئىدى.
مەزكۇر خادىم ئاشكارىلىغان ماناستىكى مەزكۇر لاگېرنىڭ ھېلىھەم لاگېر ۋىۋىسكىسىى بىلەن مەۋجۇتلۇقى ۋە ياكى تۈرمىگە ئۆزگەرتىۋېتىلگەنلىكى ھازىرچە مەلۇم ئەمەس.