ماركو رۇبىيو «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» نى قايتا تونۇشتۇرغان

بۇ ھەپتە ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركو رۇبىيو كېڭەش پالاتا ئەزاسى جېف مېركلېي بىلەن بىرلىشىپ «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» نى قايتا تونۇشتۇرغان.

«فلورىدا كۈدىلىك گېزىتى» نىڭ 29-يانۋار خەۋەر قىلىشىچە، رۇبىيونىڭ ئىشخانىسى مەزكۇر قانۇن لايىھەسىنى: «ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش ئارقىلىق ياسالغان مەھسۇلاتلارنىڭ ئامېرىكىغا كىرمەسلىكىگە كاپالەتلىك» قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركو رۇبىيو مۇنداق دېگەن: «خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان ئاز سانلىق مىللەتلەرگە، بولۇپمۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى سادىر قىلىۋاتقان بولغاچقا، بۇنى كۆرمەسلىككە سېلىشقا باشقا باھانە يوق. بىز ئۇنىڭ ئورنىغا پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن ئۇلارنى توختىتىشىمىز كېرەك»

مېركلېي مۇنداق دېگەن: «كۆپ يىللاردىن بۇيان، خىتاي ھۆكۈمىتى شىنجاڭدا ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلىپ، ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمانلارنى ئاساس قىلغان باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرنى ئۆزلىرىنىڭ دىنىي ۋە مەدەنىيەت ئادىتىدىن ۋاز كەچكۈزۈش ئۈچۈن، ئۇلارنى قىيناش، تۈرمىگە سولاش، مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە بېسىمغا دۇچار قىلدى»

ئۇ يەنە: «مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن ئىشلەپچىقىرىلغان تاۋارلارنىڭ ئامېرىكىغا ئىمپورت قىلىنىشىنى چەكلەش ئارقىلىق ئىرقىي قىرغىنچىلىققا شېرىك بولماسلىقىمىزغا كاپالەتلىك قىلىش ۋە بۇ ۋەھشىيلىكنى سادىر قىلغۇچىلارنى جاۋابكارلىققا تارتىشقا تولۇق ۋەدە بېرىشىمىز كېرەك،» دېگەن.

مەزكۇر قانۇن لايىھەسىنى يەنە ئارىزونا شتاتىنىڭ جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىدىن بولغان ۋەكىلى جون بۇزمەنمۇ قوللىغان بولۇپ، ئۇ 29-يانۋار ئۆز توربېتىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا: «خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قاراتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە چوقۇم خاتىمە بېرىلىشى كېرەك. ئامېرىكىنىڭ دىنىي ئاز سانلىق مىللەتلىرىنى قوغداش ۋە ئۇلارغا ياردەم بېرىش مەجبۇرىيىتى بار. بۇ قانۇن لايىھىسى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ قەبىھ قىلمىشلىرى ئۈچۈن ئۇنى جاۋابكارلىققا تارتىشىمىز يولىدىكى تۇنجى قەدەم.»

مەزكۇر قانۇن لايىھەسىنى ماركۇ رۇبىيو بىلەن پالاتا ئەزاسى جېف مېركلىي ھەمكارلىشىپ تونۇشتۇرغان بولۇپ، نۆۋەتتە ئاۋام پالاتاسىدىكى ھەر ئىككى پارتىيەنىڭ ئورتاق قوللىشىغا ئېرىشكەن ۋە قوللايدىغان پالاتا ئەزالىرىنىڭ سانى 27 نەپەردىن ئاشقان.

«ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» ماركو رۇبىيو بىلەن ئامېرىكا ئاۋام پالاتا ئەزاسى جىم ماكگوۋېرننىڭ ھەمكارلىقىدا ئۆتكەن يىلى بىر قېتىم تونۇشتۇرۇلغان ئىدى. مەلۇم بولۇشىچە، بۇ نۆۋەت قايتىدىن تونۇشتۇرۇلغان يېڭى لايىھە بۇ ھەپتە ئاۋام پالاتاسى تاشقى مۇناسىۋەتلەر كومىتېتىغا يوللانغان.