ماركو رۇبىيو: «ئۇيغۇرلار، سىلەر يالغۇز ئەمەس، ئامېرىكا ۋە ئامېرىكالىقلار سىلەر بىلەن بىللە»

مۇخبىرىمىز نۇرئىمان
2020.07.24
markko-rubyo-morco-rubio.jpg «خىتايغا قارشى پارلامېنتلار كومىتېتى» يەنى IPAC كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىدىن بىرى بولغان ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركو رۇبىيو ئەپەندى ۋاشىنگتوندىكى پارلامېنت بىناسىدىكى كېڭەش پالاتاسى ئاخبارات كومىتېتىدا سۆز قىلماقتا. 2020-يىلى 5-ماي.
AP

23-ئىيۇل ۋاشىنگتوندىكى «كوممۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە فوندى» ھەر يىلى ئۆتكۈزۈپ كېلىۋاتقان «ئاسارەتتىكى دۆلەتلەر ھەپتىلىكى» يىغىنىنى بۇ قېتىم مەخسۇس خىتاي ئىشغالىيىتىدىكى دۆلەت ۋە رايونلارغا بېغىشلىدى. مەزكۇر فوندنىڭ يىغىن ھەققىدىكى ئېلانىدا ئىشغال قىلىنغان دۆلەت ۋە رايونلارنىڭ شەرقىي تۈركىستان، تىبەت، خوڭكوڭ ۋە ئىچكى موڭغۇلىيە ئىكەنلىكى تەكىتلەندى. مەزكۇر يىغىننىڭ ئاساسلىق مەزمۇنلىرىنىڭ بىرى، ھەقنى سۆزلىگەنلىكى سەۋەبلىك خىتاي كومپارتىيەسى تەرىپىدىن 2014-يىلى ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئىلھام توختىغا «كوممۇنىزم قۇربانلىرى كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى» بېرىلىدىغانلىقى ئېلان قىلىشتۇر.

مەزكۇر يىغىنغا ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ دېموكراتىيە، كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئەمگەك ئىشلىرى بويىچە ياردەمچى مىنىستىرى روبېرت دېستىرو، ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئازاسى ماركو رۇبىيو، ئامېرىكا ئاۋام پالاتا ئەزاسى جىم ماكگوۋېرن، ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ كومىسسارى نۇرى تۈركەل قاتارلىقلار قاتنىشىپ سۆز قىلدى.

كورونا ۋىرۇسى ئۈچۈن ئېلىنغان تەدبىرلەر سەۋەبلىك يىغىن سىنلىق ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركو رۇبىيو بۇ يىغىندا ۋىدىيو ئارقىلىق سۆزلەپ مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: «ئامېرىكالىقلار نەچچە ئەۋلادتىن بېرى ئەركىنلىكنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن نۇرغۇن بەدەللەرنى تۆلەپ كەلدى، مېنىڭ بوۋىلىرىم، ھاممىلىرىم كوممۇنىزمنىڭ، مۇستەبىت ھاكىمىيەتنىڭ زىيانكەشلىكىدىن قېچىپ، تېخىمۇ ياخشى بىر ھايات ئىزدەپ كەلگەنلەر. ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، بىز مۇستەبىتلىك باش كۆتۈرۈۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ تۇرۇۋاتىمىز، يېڭى ئەمما تونۇش كرىزىسلارغا دۇچ كېلىۋاتىمىز. نۆۋەتتە ئامېرىكا ۋە بىزنىڭ دېموكراتىيەمىز دۇچ كېلىۋاتقان كرىزىسلارنىڭ بىرى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ تەھدىتى. خىتاي كومپارتىيەسى يىللاردىن بېرى تىبەتلەرگە مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى ئېلىپ باردى، خوڭكوڭلۇقلار قەدىرلەپ كېلىۋاتقان ئەركىنلىك ۋە ئۆز-ئۆزىنى ئىدارە قىلىش ھوقۇقىنى قولىدىن ئالدى. كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتلىرىنى ۋە كومپارتىيىگە قارشى چىققان كىشىلەرنى قامىدى».

كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركو رۇبىيو يەنە «كوممۇنىزم قۇربانلىرى كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى» غا ئېرىشكەن ئىلھام توختىنى تەبرىكلەپ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «خىتاي كومپارتىيەسى سىستېمىلىق ھالدا ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەرنىڭ مەدەنىي كىملىكىنى يوقىتىۋاتىدۇ. مەن ئۆزى ۋە ئائىلىسىنىڭ خەتەرگە ئۇچرىشىغا قارىماي ھەقىقەتنى ئاشكارىلىغان ئامېرىكادا تۇرۇشلۇق ئۇيغۇرلارغا رەھمەت ئېيتىمەن. كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى پروفېسسور ئىلھام توختىنى تەبرىكلەيمەن. ئۇ ئۆزىنىڭ قىلغان خىزمىتى تۈپەيلىدىن ئادالەتسىز ھالدا تۈرمىگە قامالدى. بۈگۈن بۇ مۇكاپاتنى ئۇنىڭ باتۇر قىزى جەۋھەر ئىلھام تاپشۇرۇۋالىدۇ، مەن جەۋھەر ئىلھام بىلەن كۆرۈشكەن. مېنىڭ ئۇيغۇرلارغا ۋە باشقا باستۇرۇشقا ئۇچراۋاتقانلارغا دەيدىغىنىم، سىلەر يالغۇز ئەمەس. سىلەرنىڭ كۆرۈشۈڭلار بارلىق ئەركىنلىككە ئىنتىلگۈچىلەرنىڭ كۆرۈشى. ئامېرىكا ۋە ئامېرىكالىقلار سىلەر بىلەن بىرگە».

ئاۋام پالاتا ئەزاسى جىم ماكگوۋېرن ئامېرىكا پرېزىدېنتىنىڭ يېقىندا «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇنى» غا رەسمىي قول قويغانلىقى ۋە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ «ماگنىتىسكىي قانۇنى» غا ئاساسەن ئۇيغۇرلارغا قىلىنغان زۇلۇمغا چېتىشلىق خىتاي ئەمەلدارلىرىغا جازا يۈرگۈزگەنلىكى ۋە يېقىندا مەجبۇرى ئەمگەكنى چەكلەش قانۇن لايىھەسىنى ئۆتكۈزۈشكە تىرىشىۋاتقانلىقى قاتارلىق بىر يۈرۈش خىتايغا قارشى قوللانغان تەدبىرلەرنى ئەسكەرتىپ ئۆتكەندىن كېيىن ئامېرىكانىڭ خىتايغا قارىتا تېخىمۇ كۆپ سىياسەتلەرنى يۈرگۈزىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە ئىلھام توختىنىڭ «كوممۇنىزم قۇربانلىرى كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى» غا ئېرىشكەنلىكىنى تەبرىكلەپ، خىتاي كومپارتىيەسنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان باشقا ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭمۇ بارلىقىنى تەكىتلىدى.

ئۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى؛ «دۇنيادىكى ئەڭ ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى يۈز بېرىۋاتقان خىتاي ھەققىدىكى بۇ مۇنازىرىگە قاتناشقىنىمدىن خۇشالمەن. ئۇيغۇر ۋە باشقا ئېتنىك مىللەتلەر خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراۋاتىدۇ. ئىلھام توختىنىڭ بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىكى تولىمۇ خۇشاللىنارلىق ئىش. ئۇ خىتاي كومپارتىيەسى تەرىپىدىن تىنچ، ئىلمىي بىر شەكىلدە مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ يولىنى ئىزدىگەن بولسىمۇ، بىراق ئۆمۈرلۈك قاماققا ھۆكۈم قېلىنغان. خىتاي كومپارتىيەسى ئىلھام توختىغا ئوخشاش نۇرغۇنلىغان تىنچ ئۇسۇل بىلەن كىشىلىك ھوقۇقنى قوغدىغان ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنى مۇشۇ شەكىلدە جىمىقتۇرغان».

ئۇ ئىلھام توختىنىڭ قىزى جەۋھەر ئىلھامنى ئىلھاملاندۇرۇپ مۇنداق دېدى: «مېنىڭ بىلىشىمچە ئىلھام توختىنىڭ قىزى جەۋھەر دادىسىنىڭ ئورنىغا مۇكاپاتنى قوبۇل قىلىش ئۈچۈن ئارىمىزدا. جەۋھەر، سىزنىڭ دادىڭىز ۋە مىللىتىڭىز ئۈچۈن قىلغان كۈچلۈك تەشەببۇسىڭىز ئۈچۈن رەھمەت. شۇنىڭدىن ئەمىن بولۇڭكى، بىز سىز بىلەن بىللە، دادىڭىزنىڭ ئەركىنلىككە چىقىشى ئۈچۈن بىز قولىمىزدىن كۈلىدىغاننىڭ ھەممىنى قىلىمىز».

ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ كومىسسارى نۇرى تۈركەل ئىلھام توختىنىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار ئارىسىدىكى مەسىلىنى ئىلمىي تەتقىقاتچىنىڭ كۆزىدىن قاراپ، توغرا ھەل قىلىش يوللىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسىمۇ، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ سىياسىتىنىڭ قۇربانى بولۇپ ئۆمۈرلۈك قاماققا ھۆكۈم قىلغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇلارنىڭ ئەڭ ئەندىشە قىلىدىغىنى دۇنيانىڭ سۈكۈتتە قول قوشتۇرۇپ قاراپ تۇرۇشى. بىز خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئامېرىكانىڭ دۇنيا لىدېرى بولۇش سالاھىيىتى بىلەن، ئۇنى خىتاينىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا دىنىي توپلۇقلارغا زىيانكەشلىك قىلىشىغا قارشى چىقىشقا چاقىرىمىز. بىز ئىتتىپاقداشلىرىمىزدىن، بولۇپمۇ يېڭىدىن قېتىلغان دىنىي تەشكىلاتلارنىڭ ئامېرىكاغا ئوخشاش خىتاي كومپارتىيە ئەزالىرىغا قارىتا جازالاش تەدبىرلىرىنى يۈرگۈزۈشىنى تەلەپ قىلىمىز».

ئامېرىكا دۆلەت ئەمەلدارلىرىنىڭ تەبرىكلىرىدىن كېيىن، يېقىندا تۇغۇت يېشىدىكى ئۇيغۇر قىز-ئاياللىرىنى مەجبۇرى تۇغماس قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسىنىڭ ئېشىش نىسبىتىنىڭ قاتتىق كونترول قىلىنغانلىقى ھەققىدىكى پارتلاش خاراكتېرلىك دوكلاتى ئارقىلىق، «ئۇيغۇرلارغا ‹ئىرقى قىرغىنچىلىق› ئېلىپ بېرىلىۋاتقان» لىقىنى ئىسپاتلىغان داڭلىق خىتاي تەتقىقاتچىسى ئادرىيان زېنىز كوممۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە فوندىغا ۋاكالىتەن ئىلھام توختىغا بېرىلگەن «كوممۇنىزم قۇربانلىرى كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى» نى تور يۈزىدە ئىلھام توختىنىڭ قىزى جەۋھەر ئىلھامغا تەقدىم قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «‹ئاسارەتتىكى دۆلەتلەر ھەپتىلىكى› دە›كوممۇنىزم قۇربانلىرى كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى‹نى ئىلھام توختىغا تەقدىم قىلىش شەرىپىگە نائىل بولدۇم. ئىلھام توختى خىتايلار بىلەن ئۆزىنىڭ مىللىتى ئارىسىدا كۆۋرۈكلۈك رول ئوينىغان. ئۇ 2009-يىلىدىن كېيىنكى خىتاي-ئۇيغۇر ئارىسىدىكى ئىشەنمەسلىك، نەپرەتنىڭ ئۇلغىيىش مەسىلىسىگە دىققەت قىلغان ۋە ئۆز-ئارا چۈشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە تىرىشقان. لېكىن، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ پەيدىنپەي ئۇيغۇرلار ئولتۇراقلاشقان رايونلارنى ‹ساقچى دۆلىتى›گە ئايلاندۇرۇشى ۋە كۈنسېرى ئۇيغۇرلارغا بولغان ئىرقىي كەمسىتىشنىڭ كۈچىيىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلغان. ئىلھام توختىنى سىياسەتچىلەر ‹ئۇيغۇرلارنىڭ نىلسون ماندىلاسى› دەپ قارايدۇ. بېيجىڭنىڭ مۇستەبىتلىكى كۈنسېرى ئېشىۋاتىدۇ. 2017-يىلى كەڭ كۆلەملىك يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنى قۇرۇپ، دىنى ۋە ئېتنىك جەھەتتىن تازىلاشقا كىرىشتى. بۇ، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى يەھۇدىي قىرغىنچىلىقىدىن كېيىنكى ئەڭ چوڭ تۇتقۇن قىلىش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. مەن ھازىر بۇ ‹كوممۇنىزم قۇربانلىرى كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى›نى ئىلھام توختىنىڭ قىزى جەۋھەر ئىلھامغا تەقدىم قىلىمەن. بىز سىزنىڭ دادىڭىزنىڭ ئەھۋالىنى كۈنتەرتىپتە تۇتۇپ تۇرىمىز. سىزنىڭ مىللىتىڭىزنىڭ مەسىلىسىنى دۇنياغا ئاڭلىتىش ئۈچۈن كۈچلۈك تۇرۇشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز».

جەۋھەر ئىلھام دادىسى ئىلھام توختىغا ۋاكالىتەن مۇكاپاتنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، دادىسىنىڭ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ تەھدىت ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرسىمۇ يەنىلا ئوچۇق-ئاشكارا پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويۇش ئارقىلىق مەسىلىنى ھەل قىلغىلى بولىدىغانلىقىغا ئىشەنگەن بىرى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. ئۇ يەنە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «بۇ مۇكاپات پەقەت دادامنىڭلا ئەمەس بەلكى كومپارتىيەنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراۋاتقان مىليونلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسىگە دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتىشقا سەۋەب بولىدۇ».

جەۋھەر دادىسى بىلەن بىللە ئۆتكۈزگەن كۈنلىرىنى ۋە ئۇنى ئاخىرقى قېتىم كۆرگەن ۋاقىتلىرىنى ئەسلەپ ئۆتتى. ئۆزىنىڭ ئامېرىكادا ياشاۋاتقان بولسىمۇ يەنە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ تەھدىتلىرىگە ئۇچراپ تۇرىدىغانلىقىنى، لېكىن قورقمايدىغانلىقىنى ئېيتىپ مۇنداق دېدى: «داداممۇ قورقمايتتى. لېكىن ئۇ، مەسىلىنى بايقىغاندا نېمە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر قورقۇشنى يېڭىپ مەسىلىنى ھەل قىلىشقا تىرىشاتتى. شۇڭا سىلەردىن ئۆتۈنىدىغىنىم، مۇشۇنى ئاڭلاۋاتقان بولساڭلار، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان مۇئامىلىسىدە مەسىلە بار، دەپ قارىغان بولساڭلار، مەسىلىنى ھەل قىلىشقا ئۆتۈڭلار. ماڭا ئوخشايدىغان مىليونلىغان قىز-ئوغۇللار ئۈچۈن بىر دادىنىڭ قىزى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ھەر بىرىڭلارنىڭ ئۆز ئورنۇڭلاردىن پايدىلىنىپ، بىر كىشىلىك رولۇڭلارنى جارى قىلدۇرۇشۇڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن».

ئاخىرىدا «ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى» نىڭ قۇرغۇچىسى روشەن ئابباس خانىم خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ قۇربانلىرىنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن مۇنداق دېدى: «خىتاي كۈنىمىزدە دۇنياغا بىر تەھدىت بولۇۋاتىدۇ، ئېنىقكى تىنچلىقنى ئەمەس بەلكى ۋەھشىيلىك بىلەن دۇنيانى كونترول قىلىشقا ئۇرۇنماقتا».

ئۇ، مىليونلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئىلھام توختىغا ئوخشاش خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ مۇستەبىت ھاكىمىيىتىنىڭ قۇربانى بولۇۋاتقانلىقىنى، دۇنيانىڭ ئەمدى جىددىي ھەرىكەتكە ئۆتمىسە بۇ زۇلۇمنىڭ تارىختا ئۇنتۇلغۇسىز بىر داغ بولۇپ قالىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «دۇنيا شۇنى ئېسىدە تۇتۇشى كېرەككى، تارىخ نېمىنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ ھەرىكەتكە ئۆتمەي قاراپ تۇرغانلارنى خاتىرىلەپ ماڭىدۇ. ۋىجدانىڭلارنى قانغا بويالغان پۇل بىلەن بۇلغىماڭلار. ئىلھام توختىنى ئېسىمىزدە تۇتايلى، ئىلھام توختىغا بېرىلگەن بۇ مۇكاپات ئىلھام توختىغا ئوخشاشلارنىڭ تىرىشچانلىقىنىڭ بىكارغا كەتمەيدىغانلىقىنىڭ مىسالى. بىز ئاخىرقى ئاۋازنىڭ پەقەت ۋە پەقەت بىر ‹پۇشايمان ئاۋازى› بولۇپ قىلىشىدىن بۇرۇن جىددىي ھەرىكەتكە ئۆتۈشىمىز كېرەك».

مەزكۇر يىغىندا يەنە ئىلھام توختىنىڭ ۋە يەنە ئۇنىڭغا ئوخشاش مىليونلىغان خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ قۇربانى بولۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسىنىڭ خەلقئارانىڭ كۈنتەرتىپىگە كەلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

يىغىن ئاخىرىدا يەنە تىبەت، خوڭكوڭ ۋە ئىچكى موڭغۇل قاتارلىق خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان جايلار تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىللىرىمۇ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ جىنايەتلىرىگە گۇۋاھلىق بەردى.

مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇ يىل 7-ئاينىڭ 19-كۈنىدىن 25-كۈنىگىچە بولغان بىر ھەپتىنى «ئاسارەتتىكى دۆلەتلەر ھەپتىلىكى» دەپ ئېلان قىلغانىدى. ئاقساراينىڭ 2020-يىللىق «ئاسارەتتىكى دۆلەتلەر ھەپتىلىكى» ھەققىدىكى ئېلانىدا مۇنداق دېيىلگەن: «پرېزىدېنت دۋايت د. ئېزىنخاۋېر 1959-يىلى 7-ئاينىڭ 17-كۈنى تۇنجى قېتىم‹ئاسارەتتىكى دۆلەتلەر ھەپتىلىكى›نى ئېلان قىلىپ، دۆلىتىمىزنىڭ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان ھۆكۈمەتلەر تەرىپىدىن ئاساسىي كىشىلىك ھوقۇقى رەت قىلىنغان كىشىلەرنى قەتئىي قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

نۇرغۇن دۆلەتلەردە تىنچلىق بىلەن ئۆز كۆز قارىشىنى سۆزلەيدىغان، ئەركىن ھالدا دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان ياكى ھۆكۈمەتنىڭ دەپسەندە قىلىشقا ئۇچرىغاندا قارشىلىق قىلغان كىشىلەرنىڭ ئاساسلىق كىشىلىك ھوقۇقىمۇ دەخلى-تەرۇزغا ئۇچرىماقتا.

مەن، ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنىڭ پرېزىدېنتى دونالد ج. ترامپ، ئاساسىي قانۇن ۋە ئامېرىكانىڭ قانۇنلىرىنىڭ ماڭا بەرگەن ھوقۇقىغا تايىنىپ تۇرۇپ، 2020-يىلى 7-ئاينىڭ 19-كۈنىدىن 7-ئاينىڭ 25-كۈنىگىچە ‹ئاسارەتتىكى دۆلەتلەر ھەپتىلىكى› بولىدىغانلىقىنى جاكارلايمەن. مەن، بىز بارلىق ئامېرىكالىقلارنىڭ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئەركىنلىك، ئادالەت ۋە قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقانلارنى قوللايدىغانلىقىمىزنى بىلدۈرىمەن».

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.