«ماتەم كۈنى» دە ياۋروپا ئەللىرىدە خىتايغا قارشى نامايىشلار ئۆتكۈزۈلدى

0:00 / 0:00

1-ئۆكتەبىر كۈنى گېرمانىيە، بېلگىيە، نورۋېگىيە، ئەنگلىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە «ماتەم كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن خىتايغا قارشى نامايىشلار ئۆتكۈزۈلدى.

د ئۇ ق بۇندىن 10 يىللار ئىلگىرى 1949-يىلى ئۇيغۇر دىيارى خىتاي كوممۇنىست ئارمىيەسى تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان ۋە خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان 10-ئاينىڭ 1-كۈنىنى «ماتەم كۈنى» دەپ جاكارلىغان ھەمدە ھەر يىلى 1-ئۆكتەبىردە «ماتەم كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن دۇنيا مىقياسىدا خىتايغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈشنى تەشەببۇس قىلىپ كەلگەنىدى. بۇ تەشەببۇسنىڭ روھىغا بىنائەن بۈگۈن 1-ئۆكتەبىر كۈنى دۇنيانىڭ ھەرقايسى ئەللىرىدە خىتايغا قارشى نامايىشلار ئۆتكۈزۈلدى. جۈملىدىن ياۋروپادىكى گېرمانىيە، بېلگىيە، نورۋېگىيە، ئەنگلىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىمۇ ھەرخىل كۆلەمدە نامايىشلار ئېلىپ بېرىلدى.

ئۇيغۇرلارنىڭ «ماتەم كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن خىتايغا قارشى نامايىشتىن كۆرۈنۈش. 2021-يىلى 1-ئۆكتەبىر، ئوسلو، نورۋېگىيە.
ئۇيغۇرلارنىڭ «ماتەم كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن خىتايغا قارشى نامايىشتىن كۆرۈنۈش. 2021-يىلى 1-ئۆكتەبىر، ئوسلو، نورۋېگىيە.

گېرمانىيە پايتەختى بېرلىندىكى خىتاي باش ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىدا ئېلىپ بېرىلغان نامايىشقا 100 گە يېقىن ئادەم قاتناشقان. نامايىشتا گېرمانىيەدىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى ۋە ئۇيغۇرلار نۇتۇقلار سۆزلەپ، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ 72 يىللىق ئاسارەتلىك زۇلۇمى ئۈستىدىن شىكايەتلەر قىلغان. نامايىش جەريانىدا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئېغىر جىنايەتلىرىنى پاش قىلىپ نۇتۇق سۆزلىگەن د ئۇ ق ياشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى، قۇرۇلتاي بېرلىن ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى غەيۇر قۇربان ئەپەندى نەقمەيداندىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، بۇ نامايىشقا كۆپلىگەن تەشكىلاتلارنىڭ ئىشتىراك قىلغانلىقىنى تىلغا ئالدى.

1-ئۆكتەبىر يەنە گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدىكى خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدىمۇ نامايىش ئېلىپ بېرىلغان. نامايىشچىلار ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقلارنى، خىتاي زۇلۇمىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان تۈرلۈك لوزۇنكىلارنى كۆتۈرۈپ، 72 يىللىق قانلىق تارىخنى ئەيىبلەپ جاراڭلىق شوئارلارنى توۋلاپ، كونسۇلخانا ئالدىنى لەرزىگە سالغان. د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندى نەقمەيداندىن بۇ قېتىمقى نامايىش توغرىسىدا بىزنى مەلۇماتلار بىلەن تەمىنلىدى.

1-ئۆكتەبىر كۈنى نورۋېگىيەنىڭ ئوسلو شەھىرىدىمۇ نامايىش ئېلىپ بېرىلغان. نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ رەئىسى، «ئۇيغۇر ئەدلىيەسى ئارخىپ ئامبىرى» نىڭ مۇدىرى بەختىيار ئۆمەر ئەپەندى بۇ ھەقتە توختالغاندا، ئوسلودىكى نامايىشنىڭ ھاياجانلىق بىر كەيپىياتتا ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

بېلگىيە پايتەختى بىريۇسسېلدا 1-ئۆكتەبىر ئۆتكۈزۈلگەن نامايىش ياۋروپا ئىتتىپاقى بىناسى ئالدىدا ئېلىپ بېرىلغان. نامايىشچىلار ھەرخىل تىللاردا جاراڭلىق شوئارلارنى توۋلاپ، ئۇيغۇرلارغا ئازادلىق، خىتاي ھاكىمىيىتىگە زاۋاللىقلار تىلەپ ئەتراپتىكى ئاممىنىڭ دىققىتىنى جەلپ قىلغان.

ئەنگلىيە پايتەختى لوندوندا بۈگۈن ئېلىپ بېرىلىدىغان نامايىش كەچ سائەت 18:30 غا ئورۇنلاشتۇرۇلغان. د ئۇ ق لوندون ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى رەھىمە خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ نامايىشقا ئۇيغۇرلار، تىبەتلەر، خوڭكوڭلۇقلاردىن باشقا يەرلىك كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئەزالىرى بولۇپ كۆپ ساندا كىشى قاتنىشىدىكەن.

د ئۇ ق رەھبەرلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 2-ئۆكتەبىر كۈنى فىرانسىيە پايتەختى پارىژدا يەنە «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا قارشى يۈرۈش» ناملىق زور كۆلەملىك بىرلەشمە نامايىش ئېلىپ بېرىلىدىكەن.