قازاقىستان ئۇيغۇرلىرى خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى ئەيىبلىدى
2021.10.01
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ 2014-يىلى خىتاينىڭ دۆلەت بايرىمى بولغان 1-ئۆكتەبىر كۈنىنى ئۇيغۇر خەلقى ئۈچۈن «ماتەم كۈنى» دەپ ئېلان قىلغاندىن بۇيان دۇنيانىڭ ھەرقايسى مەملىكەتلىرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈۋاتقان قىرغىنچىلىق سىياسىتىگە قارشى داۋاملىق نارازىلىق بىلدۈرۈپ كېلىۋاتقانلىقى مەلۇم. بۇ كۈنى ئامېرىكا، ياۋروپا، ئاۋسترالىيە، ياپونىيە، تۈركىيە ئۇيغۇرلىرى بىلەن بىرلىكتە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى، شۇ جۈملىدىن قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلارمۇ بۇ ھەرىكەتكە ئاۋاز قوشقان.
1-ئۆكتەبىردە ئالمۇتا شەھىرىنىڭ قايرات مەھەللىسىدىكى بىر ئاشخانىغا جەم بولغان ئۇيغۇر جامائەتچىلىكى ئازادلىق ۋە ئەركىنلىك ئۈچۈن شېھىت بولغانلارغا ئاتاپ قۇرئان تىلاۋەت قىلدى ھەمدە خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈۋاتقان قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى ئەيىبلىدى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ قازاقىستاندىكى ۋەكىللىرى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان بۇ مۇراسىمغا ئالمۇتا شەھىرى ۋە ئالمۇتا ۋىلايىتىنىڭ يىراق-يېقىن شەھەر ھەم يېزىلىرىدىن بولۇپ 100گە يېقىن ئادەم قاتناشتى. دۇنياغا تارىغان كورونا ۋىرۇسى سەۋەبىدىن چەكلىمىلەر ئېلان قىلىنغانلىقتىن كۆپ ئادەم يىغماسلىق ۋە بارلىق بىخەتەرلىك چارىلىرىنى كۆرۈش قارار قىلىنغانىدى.
مەزكۇر مۇراسىم بېشىدا تارىخچى ۋە سىياسەتشۇناس قەھرىمان غوجامبەردى خەلقئارا ۋەزىيەت، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئىلىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ پائالىيىتى ۋە ئۇنىڭ كەلگۈسى پىلانلىرى ھەققىدە تەپسىلىي دوكلات قىلدى.
مۇراسىمدا سۆزگە چىققان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ قازاقىستاندىكى ۋەكىللىرى ناىلەم ھەمرايېۋا، زەينەپ ئىسلاموۋا، ھۈسەنجان ئىبراھىموف، جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر ئېتنو-مەدەنىيەت مەركىزى يېنىدىكى يىگىتباشلىرى كېڭىشىنىڭ رەئىسى يارمۇھەممەت كىبىروف ۋە باشقىلار ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى پاجىئەلىك تەقدىرى ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى بىلدۈرۈپ، كوممۇنىستىك خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى قاتتىق ئەيىبلىدى. ئۇلار يەنە ئۆز سۆزلىرىدە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ پائالىيىتىنى، يېقىندا بولۇپ ئۆتكەن ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسىنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىنى قوللايدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى ۋە دولقۇن ئەيسا باشلىق دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىغا، شۇنداقلا سىياسەتشۇناس ۋە قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ لىدېرى قەھرىمان غوجامبەردىگە مىننەتدارلىقىنى ئىزھار قىلدى. مۇراسىمدا قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز كىملىكىنى، بولۇپمۇ ئانا تىلىنى، مىللىي مائارىپنى ساقلاش مەسىلىسى ھەم شۇ يۆنىلىشتە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ھەرىكەتلەر ھەققىدىمۇ پىكىرلەر ئورۇن ئالدى.
رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئالمۇتا ۋىلايىتىنىڭ ئۇيغۇر ناھىيەسىدىن كەلگەن ۋەكىللەردىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ قازاقىستاندىكى ئەزاسى سەيدالىم ئامۇتوف ئەپەندى مۇنداق دېدى: «بۈگۈن بىزدە ماتەم. چۈنكى تارىخىي ۋەتىنىمىزنى خىتاي بۇنىڭدىن 72 يىل مۇقەددەم ئىشغال قىلىپ، قول ئاستىغا ئېلىۋالغان كۈن. بۇ كۈن بىز ئۈچۈن ئۇنتۇلماس پاجىئە كۈنى. شۇنداق بىر ۋەزىيەتتە بىز ۋەتەن يولىدا شېھىت بولغان ئەرۋاھلىرىمىزنى ئەسلەپ، نەزىر ئۆتكۈزدۇق. بۇ نەزىر تەرىقىسىدە بولغان بىلەن بۇ يەردە ناھايىتى چوڭ مەسىلىلەر قوزغالدى»
سەيدالىم ئامۇتوف بۇ يىلى چېخىيەدە ئۆتىدىغان 7-نۆۋەتلىك دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن چوڭ تارىخىي بۇرۇلۇشتا يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى، ھازىر ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ خەلقئارادا ئېتىراپ قىلىنىۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ يەنە بىر قازاقىستاندىكى ۋەكىلى گۈلىستان ھەمرايېۋا مۇنداق دېدى: «بۈگۈنكى پائالىيەت ئىنتايىن مەزمۇنلۇق ئۆتتى، دەپ ئويلايمەن. بۇ نەزىرگە ئادەملەر كۆپرەك قاتنىشىشى كېرەك ئىدى. ئەمما كۆپچىلىككە ياخشى مەلۇم، ھازىر كورونا ۋىرۇسى سەۋەبىدىن ئادەملەرنى كۆپ يىغماڭلار دېدى. شۇنىڭ ئۈچۈن بىز ئالمۇتا شەھىرى ۋە پانفىلوف، ئۇيغۇر، ئەمگەكچىقازاق، تالغىر ۋە باشقا ناھىيەلەردىن پەقەت ۋەكىللەرنى تەكلىپ قىلدۇق. بۇ پائالىيەتتە ماڭا كۆپرەك تەسىر قىلغىنى بۇ قەھرىمان ئاكا غوجامبەردىنىڭ دوكلاتى. قەھرىمان ئاكا دائىم مۇنداق يىغىنلارغا، مۇراسىملارغا ياخشى تەييارلىق بىلەن كېلىدۇ. كەلگەنلەرمۇ ئۇنى چوڭ قىزىقىش بىلەن تىڭشايدۇ. يەنە بىر مۇھىم نەرسە، سۆزگە چىققانلارنىڭ كۆپچىلىكى بىرلىك، ئىتتىپاقلىق ھەققىدە ئۆزلىرىنىڭ پىكىر-تەكلىپلىرىنى ئوتتۇرىغا تاشلىدى. يەنە بىر مۇھىم ئىش، نەزىردىن كېيىن بىز ئالدىمىزدا بولىدىغان 7-نۆۋەتلىك دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىغا كېتىپ بارغان تەييارلىقلار ھەققىدە مۇزاكىرىلەشتۇق. بۇ يەردە پەيدا بولۇۋاتقان بەزى مەسىلىلەرنى قانداق ھەل قىلىش ئەتراپىدا گەپ بولدى».
گۈلىستان ھەمرايېۋانىڭ ئېيتىشىچە، ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى ئەھۋالى توغرىلىق بولۇپمۇ ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ھەر خىل تىللاردا خەۋەرلەرنى كۆپرەك تارقىتىش مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. چۈنكى، قازاقىستان ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى مەملىكەتلەردە ياشاۋاتقان ئاھالىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى بۇنىڭدىن تامامەن بىخەۋەركەن.