ما شىڭرۈي: «پارتىيەمىزنىڭ شىنجاڭ سىياسىتىنى تولۇق ئىجرا قىلىمىز! » (1)

0:00 / 0:00

ئۇيغۇر دىيارىدا ئۆتكەن ئون يىل مابەينىدە ئىجرا قىلىنىپ كېلىۋاتقان باش سىياسىي ئىدىيە خىتاي ھۆكۈمىتى كونتروللۇقىدىكى ھەرقايسى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە «يېڭى دەۋردىكى پارتىيەمىزنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش ئىستراتېگىيەسى» دەپ ئىخچام تەسۋىرلىنىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، ئاز دېگەندىمۇ بىر مىليوندىن ئۈچ مىليونغىچە دەپ تەخمىن قىلىنغان ساندىكى ئۇيغۇرنىڭ لاگېرلارغا قامىلىشى بىلەن بۇنىڭ ئىجرا قىلىنىشىدىكى ئەڭ يۇقىرى پەللە يارىتىلغانىدى. 16-ئىيۇل كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى ما شىڭرۈي خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ كارنىيى بولغان «ئىزدىنىش» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلغان «يېڭى دەۋردىكى پارتىيەمىزنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش ئىستراتېگىيەسىنى تولۇق ۋە توغرا ئىزچىللاشتۇرۇپ، خىتايچە ئالاھىدىلىككە ئىگە زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئالغا سۈرەيلى» تېمىسىدىكى باش ماقالە بۇندىن كېيىنكى «شىنجاڭ خىزمىتى» نىڭ يېتەكچى ئىدىيەسىنى يەنە بىر قېتىم «داغدۇغىلىق» ئەسكەرتكەن بولدى.

«ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىدىغان كەلگۈسىدىن بېشارەت بېرىلىۋاتىدۇ! »

خۇددى ئىلگىرىكى ۋاقىتلاردا ئوخشاش بولمىغان سورۇنلاردا تەكرارلاپ ئۆتكەندەك، بۇ قېتىممۇ ما شىڭرۈي ئۆزى تىلغا ئېلىۋاتقان «يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش ئىستراتېگىيەسى» نىڭ خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ لايىھەلەپ چىققان باش قىبلىنامە ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنتۇمىغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە بۇنىڭ خىتاي دۆلىتى ۋە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ «شىنجاڭ مەسىلىسىنى ھەل قىلىش» تىكى باش يېتەكچى ئىدىيە ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، «بۇ ئۆز نۆۋىتىدە شىنجاڭدا ئۇزۇن مەزگىللىك ئەمىنلىك بەرپا قىلىشنىڭ تۈپكى ۋە ئۇزۇن مەزگىللىك ئىستراتېگىيەسى. شىنجاڭ خىزمىتىدە ئۇتۇق قازىنىشنىڭ ئەڭگۈشتەرى. شۇنىڭ ئۈچۈن بىز بۇنى قىلچە ئېغىشماستىن تولۇق ئىجرا قىلىشىمىز لازىم» دېگەن.

ما شىڭرۈينىڭ كۆرسىتىشىچە، «يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش ئىستراتېگىيەسى» نىڭ «باش موتورى» بولغان مەزمۇن «شىنجاڭنى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش» بولۇپ، بۇنىڭدا «شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ ھەممىلا ساھەسىنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ئەندىزىسى بويىچە بىر ياقلىق قىلىش» ، «پارتىيە رەھبەرلىك قىلىش، ھۆكۈمەت مەسئۇل بولۇش، جەمئىيەت ئىشتىراك قىلىش» شەكلىدە ئەمەلگە ئېشىشى لازىم. بۇنداق بولغاندا «قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش» مۇ بىردەك پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىگە بويسۇنۇشى لازىم. «باش ماتور» غا ياندىشىپلا كەلگەن ماددا بولسا «ئىتتىپاقلىشىپ شىنجاڭدا مۇقىملىق ئورنىتىش» بولۇپ، بۇنىڭدا «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق كىملىكى چۈشەنچىسى» نى يېتەكچى قىلغان ھالدا «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى» نى كۈچەيتىش ئاساس قىلىنىدۇ. بۇنىڭدا جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئورتاق تارىخى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ «كۆپ مەنبەلىك، ئەمما بىر گەۋدىلىك» ھالىتى قاتارلىقلارنى تۇتقا قىلغان ھالدا «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق كىملىكى چۈشەنچىسى» نى «شىنجاڭدىكى كادىرلارغا، ياش-ئۆسمۈرلەرگە سىڭدۈرۈش» ، شۇ ئارقىلىق ئۇلاردا «توغرا بولغان دۆلەت قارىشى، تارىخ قارىشى، مىللەت قارىشى، مەدەنىيەت قارىشى، دىنىي قاراش» بەرپا قىلىش نىشان قىلىنىدۇ. بۇنىڭ بىلەن «خاتا» بولغان دۆلەت قارىشى، تارىخ قارىشى، مىللەت قارىشى، مەدەنىيەت قارىشى ۋە دىن قارىشى تۈگىتىلىدۇ.

ما شىڭرۈي بۇ ماقالىسىدە ئالاھىدە تەكىتلىگەن نۇقتا شۇكى، «شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش ئىستراتېگىيەسى» ئەمەلىيەتتە خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ ئىككى قېتىم ئۇيغۇر دىيارىدا زىيارەتتە بولغان ھەمدە مەركەزنىڭ ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى قېتىملىق «شىنجاڭ خىزمىتى يىغىنى» غا رىياسەتچىلىك قىلغاندىن كېيىن سىستېمىلىق ھالدا ھاسىل بولغان. ئۆتكەن يىللاردا «شىنجاڭ خىزمىتىدە قولغا كەلگەن ئۇتۇقلار» دەل مۇشۇ خىل «ئۇزۇن مەزگىللىك ئىستراتېگىيە» نىڭ توغرىلىقىنى ئەڭ جانلىق ئىسپاتلاپ بەرگەن. شۇنداق بولغانىكەن، بۇندىن كېيىنكى خىزمەتلەردە بۇ باش ئىستراتېگىيەنى جەزمەن تولۇق ۋە مۇكەممەل شەكىلدە ئىجرا قىلىش لازىم. بۇ خىلدىكى سىياسەتلەرنىڭ «يېڭى دەۋردىكى قىبلىنامە» بولۇپ قېلىشى ھەققىدە سۆز بولغاندا، رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئامېرىكىدىكى تۇڭگان زىيالىيلىرىدىن ئىجتىمائىي پائالىيەتچى ما جۈ (Ma Ju) بۇنىڭدىكى كۆپ قاتلاملىق «يوشۇرۇن ئامىللار» ھەققىدە ئالاھىدە توختالدى:

«ما شىڭرۈينىڭ بۇ قېتىمقى سۆزلىرىنى بىز ئاز دېگەندىمۇ مۇنداق ئۈچ قاتلام بويىچە چۈشىنىشىمىز لازىم. بىرىنچى، ئۇ ھازىر شىنجاڭدا ئىجرا بولۇۋاتقان ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەرنىڭ ھامان بىر كۈنى دەنھاگ (گائاگا) خەلقئارا سوتىغا چىقىدىغانلىقىنى بىلىدۇ. شۇڭا ئۇ كومپارتىيەنىڭ ۋە خىتاي دۆلىتىنىڭ تەرەققىيات شوئارلىرىنى پەش قىلىش ئارقىلىق بۇلارنىڭ مەسئۇلىيىتى ئۆزىدە ئەمەسلىكىنى، بۇلارنىڭ ھەممىسى بېيجىڭنىڭ تاپشۇرۇقى بويىچە بولۇۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتمەكچى؛ ئىككىنچى، بۇ سۆزلەردە ئۇ بىزگە تولىمۇ مۇھىم بولغان بىر ئۇچۇرنى يەتكۈزۈۋاتىدۇ. يەنى خىتاي ھۆكۈمىتى ئاشۇ خىلدىكى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەر ۋە قىرغىنچىلىقنى ئىجرا قىلغان رايوندا بۇ سىياسەتلەرنىڭ تاماملانماي قالغان قىسىملىرىنىڭ بۇندىن كېيىن ئىجرا بولىدىغانلىقىنى جاكارلاۋاتىدۇ. ھازىرغىچە بولغان بىرنەچچە يىلدا بىز غايەت زور كۆلەمدىكى جىسمانىي يوقىتىش ۋە بىيولوگىيەلىك يوقىتىشنى، شۇنىڭدەك مەدەنىيەت، تىل، دىن قاتارلىق ساھەلەردىكى يوقىتىشنى كۆردۇق. بۇلارنىڭ ھەممىسى 1948-يىلىدىكى ‹ب د ت ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى جازالاش ئەھدىنامىسى› دىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىققا چۈشىدىغان مەزمۇنلاردۇر. ما شىڭرۈي بولسا مۇشۇ رېئاللىقنى ۋۇجۇدقا چىقارغان سىياسەتلەرنى ‹ئۇلۇغ، شەرەپلىك ۋە داۋاملىق ئىجرا بولىدىغان سىياسەت› دەۋاتىدۇ.»

«خىتاي ھازىر مۇقىملىققا ھەممىدىنمۇ بەكرەك موھتاج! »

ما شىڭرۈينىڭ بۇ قېتىمقى باش ماقالىسىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان تېما ئەمەلىيەتتە يېقىننى ئېلىپ ئېيتقاندا، 2023-يىلى مايدا ئۈرۈمچىدە خىزمەت تەكشۈرۈشىدە بولغان خىتاي مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ خۇنىڭنىڭ باش ماقالىسىدە، 12-ئىيۇلدا ئەركىن تۇنىيازنىڭ باش ماقالىسىدە ئالاھىدە تەكىتلەنگەن. ئەمدىلىكتە ئۇنىڭ يەنە بىر قېتىم ما شىڭرۈينىڭ ئاغزىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى بۇنىڭ مۇنداقلا دەپ قويغان گەپلەر ئەمەسلىكىنى، بەلكى بۇنىڭدىن كېيىن ئۇيغۇر دىيارىدا ئىجرا قىلىنىدىغان سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي خىزمەتلەرنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسى ئىكەنلىكىنى نامايان قىلغانلىق، دەپ قارىلىۋاتقانلىقى مەلۇم. بۇ قېتىم ما شىڭرۈي كونا «مۇقاملار» نى قايتىدىن توۋلاپ، «يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش ئىستراتېگىيەسى» نىڭ «شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، ئىتتىپاقلىق ئارقىلىق مۇقىملاشتۇرۇش، مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش» ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن.

ما شىڭرۈي تەكىتلىگەن «باش تېما» ئۇنىڭ ماقالىسىدە نۆۋەتتىكى بىر تۈرلۈك تارىخىي بۇرچ سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئۇزۇن مەزگىللىك ئەمىنلىك ئورنىتىشتەك باش نىشان ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ. بۇ باش نىشان ئۈچۈن بولسا «جۇڭخۇا مىللىي كىملىكى چۈشەنچىسى» نى ئورنىتىش، دىنلارنى خىتايچىلاشتۇرۇش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش قاتارلىق بىر قاتار خىزمەتلەر ئورۇنلىنىشى كېرەك. ئىزچىل تۈردە «مۇقىملىق ۋە ئەمىنلىك» ئورنىتىلمىدى دەپ قارىلىۋاتقان ئۇيغۇر دىيارىدا بۇ بىر قاتار تەدبىرلەرنىڭ ئېلىنىشى تۈپەيلىدىن مىللىي كىملىك، دىنىي ئېتىقاد قاتارلىق ساھەلەرنى چۆرىدىگەن ھالدا نېمىلەرنىڭ بولغانلىقى، «مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش» نامىدا ئۇيغۇر مىللىي مەدەنىيەت ساھەسىنىڭ قانداق ۋەيرانچىلىققا دۇچ كەلگەنلىكى يېقىندىن بۇيان ئوخشىمىغان ئۇچۇر يوللىرىدىن كۆپلەپ مەلۇم بولغانىدى. نيۇ-يورك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى شيا مىڭ (Xia Ming) بۇ ھەقتە رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ما شىڭرۈينىڭ بۇ خىلدىكى باش ماقالە ئېلان قىلىشىنىڭ يەككە ھەرىكەت ئەمەسلىكىنى، ئەكسىچە بۇنىڭ خىتاي دۆلىتى ۋە شى جىنپىڭ ئۈچۈن مۇھىم بولۇۋاتقان بىر زور پىلاننىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشىدىكى بىر مۇھىم قەدەم ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ:

«ھازىر قارايدىغان بولساق بۇ خىل يۈزلىنىشتە ئىككى جەھەتتىكى تەرەققىياتنى كۆرۈپ يېتەلەيمىز. بىرى، خىتايدىكى مۇقىملىق مەسىلىسى. بۇنىڭدا ئەڭ چوڭ مەسىلە بولۇۋاتقىنى يەنىلا شىنجاڭ رايونى. چۈنكى ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلار ئېتىقاد قىلىۋاتقان ئىسلام دىنى خىتاي كونتروللۇقىدىكى كوممۇنىزم ئىدېئولوگىيەسى بىلەن زادىلا چىقىشالمايدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا بۇ خىل چىقىشالماسلىق ئېنىقلا خىتاي ئۈچۈن زور قارشىلىق ئامىلىنى مەيدانغا كەلتۈرىدۇ. خىتاي بولسا بۇ خىل قارشىلىق تۈپەيلىدىن بۇ رايوندا مۇقىمسىزلىق پەيدا بولۇشنى زىنھار خالىمايدۇ. دەل شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر پۈتكۈل شىنجاڭ رايونىنى مېڭە يۇيۇش ھەرىكىتىنى سىناق قىلىدىغان بىر چوڭ سىناق مەيدانىغا ئايلاندۇرۇپ چىقتى. تىبەت رايونىغا قارايدىغان بولساق، ئۇ جايدىكى ئەھۋال قانداقتۇر <ھەمكارلاشماسلىق> شەكلىدىكى تىنچلىق كۈرىشى شەكلىدە ئوتتۇرىغا چىقىۋاتىدۇ. شىنجاڭدا بولسا كۆپ قېتىم زورلۇق كۈچ ئىشلىتىلگەن قارشىلىق كۈچ ھەرىكىتى بارلىققا كەلگەن. شۇڭا شى جىنپىڭ ھاكىمىيىتى ئۈچۈن ھازىرقى خىتاي تېررىتورىيەسىنى ھەقىقىي يوسۇندا ئۆز قولىدا تۇتۇپ تۇرۇشتىكى ئەڭ زور خەۋپ ياكى ئەڭ زور باش ئاغرىقى دەل شىنجاڭدىن كېلىۋاتىدۇ. شۇڭا شىنجاڭدا مۇقىملىق ئورنىتىش خىتاي كومپارتىيەسى ئۈچۈن بەكمۇ زور قىممەتكە ئىگە. ئىككىنچىدىن، شى جىنپىڭ ھاكىمىيىتى ھازىر مۇقىملىقنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئۆزىنىڭ ھاكىمىيىتى ۋە سىياسىي كونتروللۇقىنى تولۇق ئەمەلگە ئاشۇرالىغان تەقدىردىمۇ تاشقى جەھەتتە ئىزچىل رۇسىيەنىڭ ئىتتىپاقداش بولۇشىغا موھتاج بولۇۋاتىدۇ. چۈنكى شى جىنپىڭ بىرنەچچە قېتىم ئاشكارا تىلغا ئالغاندەك، خىتاي ھازىر غەرب دۇنياسىنىڭ قىسماققا ئېلىشىغا دۇچ كېلىۋاتىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا خەلقئارا دىپلوماتىيە ساھەسىدە خىتاي ھۆكۈمىتى تەبىئىي رەۋىشتە رۇسىيەنى ئەڭ چوڭ ئىتتىپاقداش قىلىشى ھەمدە ئۇنىڭ بىلەن بىر قازاندا قايناش يولىنى تاللىشى مۇقەررەر. چۈنكى بۇ خىل ھەمكارلىق خىتاينىڭ ‹بىر يول بىر بەلباغ قۇرۇلۇشى› ئۈچۈن ئاچقۇچلۇق رول ئوينايدۇ. نېمىشقا دېسىڭىز شىنجاڭمۇ، رۇسىيەمۇ بۇ قۇرۇلۇشنىڭ ئوڭۇشلۇق ئىشقا ئېشىشىدا ئاچقۇچلۇق جايلار ھېسابلىنىدۇ.»

«جەنۇبىي خىتاي ئەتىگەنلىك گېزىتى» نىڭ 17-ئىيۇلدىكى ئوبزورىدا ئېيتىلىشىچە، ما شىڭرۈينىڭ بۇ قېتىمقى ماقالىسىدە تىلغا ئېلىشقا تېگىشلىك بىر يېڭىلىق ئۇنىڭ «بىز ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب كۈچلىرىنىڭ شىنجاڭ مەسىلىسىنى باھانە قىلىپ مەملىكىتىمىزنى قورشاۋغا ئېلىش سۇيىقەستىنى بىتچىت قىلىشىمىز، بۇنىڭدا قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتىپ، تاشقى ئىشلارنى بىر ياقلىق قىلىش قابىلىيىتىمىزنى ئاشۇرۇشىمىز لازىم» دەپ كۆرسىتىشىدە ئۆز ئەكسىنى تاپقان. ما شىڭرۈينىڭ قارىشىچە، چەتئەللىك زىيارەتچىلەرگە «ھەقىقىي شىنجاڭنى كۆرسىتىش» ، فىلىم ۋە ناخشىلار ئارقىلىق «شىنجاڭنى ياخشى تەسۋىرلەش» قاتارلىقلارمۇ ئۆز نۆۋىتىدە «دۈشمەن كۈچلەرنىڭ سۇيىقەستلىرىنى بىتچىت قىلىش» رولىنى ئوينايدىغان بولۇپ، بۇ جەھەتتىكى خىزمەتلەر ئىزچىل داۋام قىلسا بۇنىڭ جەزمەن ئىجابىي ئۈنۈمىنى كۆرگىلى بولىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نېمە ئۈچۈن تاشقى كۈچلەرگە بۇنداق «ئىنكاس قايتۇرۇشى» ھەققىدە سۆز بولغاندا، «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى» تەتقىقات گۇرۇپپىسىنىڭ دىرېكتورى، دوكتور خېنرى شاجىۋېسكى (Henryk Szadziewski) بۇنىڭ ماھىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى ھېس قىلىۋاتقان تاشقى بېسىملار تۈپەيلىدىن بارلىققا كەلگەن زۆرۈرىيەت ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ:

«گەرچە مەن مەجبۇرىي ئەمگەك ساھەسى بىلەن ياخشى تونۇشلۇقى بولغان مۇتەخەسسىس بولمىساممۇ، مۇشۇ ئەھۋاللارغا ئاساسەن مەجبۇرىي ئەمگەك تېمىسىدىكى جازا تەدبىرلىرىنىڭ قىسمەن بولسىمۇ رولى بولغانلىقىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ. بۇ خىل رول ياكى تەسىر گەرچە ئىقتىسادىي جەھەتتىن بۆسۈش ھاسىل قىلىش دەرىجىسىدە بولمىسىمۇ، يەنىلا بەلگىلىك شەكىل ئالغان. ئەمما بۇ بىزگە كۈچلۈك بولغان بىر رېئاللىقنى بايان قىلىپ بېرىدۇ: خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ھازىر ئادالەتسىزلىك ۋە جىنايى قىلمىشلار ئۈچۈن ھېساب سورىلىۋاتىدۇ. مېنىڭچە دەل مۇشۇ ئەيىبلەشلەر ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتى دۇنياغا پەش قىلىۋاتقان ئۆزلىرىنىڭ دۇنياۋىي رەھبەر ئىكەنلىكىدەك بايانلار بىلەن بىر يەردىن چىقماي قالغانلىقتىن ئۇلار بۇ خىل مۈشكۈلاتتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن مانا مۇشۇ شەكىلدە ئىنكاس قايتۇرۇش يولىنى تاللىۋالغان. شۇڭا بۇنىڭدا ئىقتىسادىي ئامىل ۋە بايان ئامىلى دېگەندەك قوش قاتلاملىق ئىنكاس مۇھىم ئورۇننى ئىگىلىگەن.»

ما شىڭرۈينىڭ ماقالىسى نۆۋەتتە بىردەك بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ مەخسۇس ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە ئوتتۇرىغا چىققان خىزمەت پىلانىنىڭ «سىلىق» شەكىلدە بايان قىلىنىشى دەپ قارىلىۋاتقان بولۇپ، ئۇنىڭ مەزمۇن جەھەتتە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز تېخى بىر ھەپتە ئىلگىرى ئېلان قىلغان مۇشۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدىغان باش ماقالە بىلەن بىر يەردىن چىقىشى تاسادىپىي ئەمەس ئىدى. (داۋامى بار)