قانۇنشۇناس مايكېل ۋان ۋولت: «شەرقىي تۈركىستان خەلقى مۇستەملىكىسىزلەشتۈرش ھوقۇقىدىن بەھرىمان بولۇشى كېرەك»
2022.11.23
قانۇنشۇناس مايكېل ۋان ۋولت «خەن سۇلالىسىدىن تارتىپ تاكى ھازىرغىچە شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاينىڭ مەۋجۇتلۇقى ياكى كونتروللۇقىدا پەقەت ئىزچىللىق بولمىغانلىقى» نى بىلدۈردى. ئۇ سۆھبەت جەريانىدا يەنە، ئەگەر خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىغا قاراتقان ھۆكۈمرانلىقىنىڭ ماھىيتى مۇستەملىكىچىلىك بولسا، ئۇنداقتا ئۇنىڭغا خاتىمە بېرىلىشى كېرەك، دەپ كۆرسەتتى.
مايكېل ۋان ۋولت سان فىرانسىسكودىكى ئالتۇن دەرۋازا ئۇنىۋېرسىتېتى قانۇن ئىنىستىتوتىنىڭ تەكلىپلك پروفېسورى.
مۇخبىر: مايكېل ۋان ۋولت ئەپەندى، زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغىنىڭىزغا كۆپ رەھمەت! سىز نۇتۇقىڭزدا خىتايلارنىڭ «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى، يەنى شەرقىي تۈركىستان قەدىمكى دەۋرلەردىن بۇيان خىتاينىڭ بىر قىسمى» دەيدىغان قارىشىنى پۈتۈنلەي ئاغدۇرۇپ تاشلىدىڭىز. ئۇنداقتا، سىز بۇ يەكۈنگە قانداق كەلدىڭىز؟ قايسى ماتېرىياللارنى ئاساس قىلدىڭىز؟
ۋولت ئەپەندى: ئەگەر سىز خەن سۇلالىسى دەۋرىدىن باشلاپ شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا قارايدىغان بولسىڭىز، يەنى بۇ رايوندا كىمنىڭ ھۆكۈمرانلىق قىلغانلىقى ۋە كىمنىڭ رايون ئىچىدىكى ئوخشىمىغان رايونلارنى ئۈنۈملۈك كونترول قىلغانلىقىغا قارايدىغان بولسىڭىز، مۇقەررەر ھالدا، بۇ يەردە خەن سۇلالىسىدىن تارتىپ تاكى ھازىرغىچە شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاينىڭ مەۋجۇتلۇقى ياكى كونتروللۇقىدا پەقەت ئىزچىللىق بولمىغانلىقىدىن ئىبارەت بۇ يەكۈنگە كېلىسىز.
مۇخبىر: ئەگەردە خىتاي ھۆكۈمىتى ياكى بۇ تېمىغا قارشى پىكىردىكى «تەتقىقاتچىلار» مەيدنغا چۈشسە، سىز ئۇلار بىلەن ئۆز قاراشلىرىڭىزنى مۇنازىرە قىلىشقا تەييارمۇ؟
ۋولت ئەپەندى: مەن ئۇلار بىلەن مۇنازىرەلەشسەمكەن دەيمەن. لېكىن تەتقىقاتىمىز تاماملىنىپ، باشقا ئالىملارنىڭ تەكشۈرۈشىدىن ئۆتۈپ نەشىر قىلىنىشقا ھازىرلانغاندا ياكى نەشىر قىلىنغاندىن كېيىن، ئۇلار بىلەن تۇتۇشۇش ئارزۇسىدىمەن. ئۇ ۋاقىتتا مەن خىتاي تەتقىقاتچىلىرى، غەرب ئالىملىرى، خىتاي ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى، قىسقىسى، بۇ تېمىنى مۇنازىرە قىلىشنى خالايدىغان ھەرقانداق بىرى بىلەن ئىنتايىن خۇرسەن ھالدا مۇنازىرە قىلىشىمەن. خىتاينىڭ بۇ مەسىلدىكى مەيدانى كىشىلەرنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بېرىۋاتقان ۋەقەلەرنى تونۇش ئۇسۇلىغا ئۇزۇندىن بۇيان تەسىر كۆرسىتىپ كەلگەنلىكى ئۈچۈن، مېنىڭچە بۇ مەسىلە ھەققىدە ئوبدان نونۇش ھاسىل قىلىش مۇھىم.
مۇخبىر: سىز يەنە خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونى، يەنى ئېيتقىنىڭزدەك شەرقىي تۈركىستاندىكى ھاكىمىيىتىنىڭ قانۇنسىز ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدىڭىز. بۇ قاراشقا قانداق كەلدىڭىز؟ ئەگەر ئۇ راستىنلا قانۇنغا خىلاپ بولسا، خەلقئارا جەمئىيەت بۇ ۋەزىيەتنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن قانداق قىلىشى كېرەك؟
ۋولت ئەپەندى: بىز خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ھۆكۈمرانلىقىنىڭ ھازىرقى ماھىيىتى مۇستەملىكە، دېگەن قاراشنى چۆرىدەپ تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىۋاتىمىز ۋە شۇندق بىر مۇنازىرە تېمىسىنى ئوتتۇرىغا تاشلاۋاتىمىز. مېنىڭچە، بۇ ئاساسىي كۈچلۈك بىر تېما. ئۇ ھازىرقى زامان مۇستەملىكىچىلىكنىڭ بىر خىل شەكلى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نىزامنامىسى ۋە ب د ت نىڭ مۇستەملىكىچىلىككە قارشى تۇرۇش، مۇستەملىكىچىلىكنى رەت قىلىش ۋە مۇستەملىكىچىلىكنى ئاخىرلاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلىشتىكى ئاساسلىق قارارلىرى، بىزنىڭ مۇستەملىكىچىلىكنىڭ مەلۇم بىر تۈرى ھەققىدىلا ئەمەس، بەلكى مۇستەملىكىچىلىكنىڭ بارلىق شەكىللىرى ئۈستىدە سۆز ئېچىۋاتقانلىقىمىزغا ئېنىقلىما بېرىدۇ.
ئەگەر بۇ ھەقىقەتەن ھازىرقى زامان مۇستەملىكىچىلىكنىڭ بىر خىل تۈرى بولسا، ئەگەر خىتاي ھۆكۈمرانلىقىنىڭ ماھىيتى مۇستەملىكىچىلىك بولسا، ئۇنداقتا، ئۇنىڭغا خاتىمە بېرىلىشى كېرەك. باشقىچە ئېيتقاندا، شەرقىي تۈركىستان خەلقى مۇستەملىكە قىلىنغان بارلىق باشقا كىشىلەرگە ئوخشاش مۇستەملىكىسىزلەشتۈرش ھوقۇقىدىن بەھرىمان بولۇشى كېرەك. شۇنىڭ بىلەن خىتاينىڭمۇ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ مۇستەملىكىسىزلەشتۈرش پىرىنسىپلىرى بويىچە ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشىگە رۇخسەت قىلىش مەجبۇرىيىتى بولىدۇ. كىشىلەرنىڭ ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ، ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشكە بولىدۇ. ئەگەر خىتاي بۇنداق قىلمىسا-ھالبۇكى ھازىرغا قەدەر خىتاي ئۇنداق قىلىشىنىڭ ئەكسىچە، يەنى مۇستەملىكىسىزلەشتۈرشنىڭ ئورنىغا كونترول قىلىشنى كۈچەيتىۋاتىدۇ-بۇنداق ئەھۋالدا، ئۇ قانۇنسىزلىق قىلغان بولىدۇ.
مۇخبىر: خەلقئارادا سىز تىلغا ئالغان بۇ خىل مۇستەملىكىسىزلەشتۈرش جەريانلىرىنى ئىجرا قىلىش مېخانىزمى بارمۇ؟
ۋولت ئەپەندى: بەلكىم بىر قاتار مېخانىزملار بار بولۇشى مۇمكىن. ئەلۋەتتە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئۆزىمۇ شۇنىڭ بىر قىسمى. ھالبۇكى، ب د ت ۋە باشقا نۇرغۇن مېخانىزملار ئەسلىدىنلا سىياسىي خاراكتېرگە ئىگە. شۇڭلاشقا پۇقرالار جەمئىيىتى ۋە ھۆكۈمەتلەرنى بۇ ۋەزىيەت ھەققىدە تونۇشقا ئىگە قىلىش سىز-بىز ۋە بۇ يەردىكى تەشكىلاتلار قىلىدىغان خىزمەتلەرنىڭ بىر قىسمىدۇر. مېنىڭچە، يەنە ئۇلارنىڭ خەلقئارا قانۇندىكى مەجبۇرىيەتلىرىنىمۇ ھېس قلدۇرۇش مۇھىم. شۇندىلا خەلقئارا جەمئىيەت مۇئەييەن مېخانىزملارنى ئىشلىتىپ مۇستەملىكىسىزلەشتۈرش جەريانلىرىنى ئىلگىرى سۈرەلەيدۇ ھەمدە ئۇنى ئىجرا قىلالايدۇ.
مۇخبىر: خىتاي ئۇيغۇر كىملىكنى ئۆچۈرۈپ، تارىخىنى ئۆزگەرتىۋاتقان شۇنداق بىر شارائىتتا، سىز ئېلان قىلماقچى بولغان بۇ بايقاشلار ئۇيغۇرلار ئۈچۈن قانداق ئەھمىيەتكە ئىگە؟
ۋولت ئەپەندى: شۇنداق، بۈگۈن باشقا نۇتۇق سۆزلىگۈچىلەرمۇ تىلغا ئالغاندەك، ئېغىر، قەتئىي ۋە دەرىجىدىن تاشقىرى، شۇنداقلا ھېچقانداق چارە-تەدبىرسىز ھالدا كىشىلىك ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلىش، ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەشنى تەلەپ قىلىشنى ئاساس بىلەن تەمىنلەيدىغان ئامىللاردىن بىرى.
شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئۇزۇندىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى بۇ شەرتلەرگە چۈشىدۇ. شۇڭا شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭمۇ شۇ سەۋەبلەر تۈپەيلى ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىغا ئىگە. شۇڭا بۇنىڭ ئەھمىيىتى شۇ يەردىكى، تېخىمۇ كۆپ دۆلەتنىڭ يۈز بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەردىن خەۋەردار بولۇۋاتقانلىقى، مۇستەملىكىسىزلەشتۈرش ۋە ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش چاقىرىقىنى كۈچەيتىدۇ. مۇئەييەن نۇقتىغا بارغاندا، بۇلارنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن يېتەرلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ بولۇشى شەرت.
مۇخبىر: كۆپ رەھمەت. مېنىڭ ئاخىرىقى سوئالىم شۇكى، خىتاي ھەمىشە سىزدەك ئالىملارغا ياكى باشقىچە پىكىردىكى سىياسىيونلارغا ئىمبارگو قويىدۇ. ئۇنداقتا، سىز مۇشۇنداق ئىنتايىن مۇھىم بىر ۋەزىپىنى ئۈستىىڭىزگە ئالغان ھەمدە بايقاشلىرىڭىزنى ئېلان قىلماقچى بولۇۋاتقان شارائىتتا، خىتاينىڭ جازاسى ياكى خىتاي سىزگە ئېلىپ كېلىدىغان ھەر قانداق شەكىلدىكى بىخەتەرلىك مەسىلىسىگە قانداق قارايسىز؟ ئەنسىرەمسىز؟
ۋولت ئەپەندى: مەن جازادىن ئەنسىرىمەيمەن. دېمەكچىمەنكى، ئۇلارنىڭ قىلىۋاتقان ئىشلىرىمغا قانداق توسقۇنلۇق ئېلىپ كېلەليدىغانلىقىنى بىلمەيمەن. مېنىڭ ھازىر بېيجىڭغا ساياھەتكە بېرىش نېيتىممۇ يوق، خىتاينىڭ ۋىزا بېرىشىنىمۇ كۈتمەيمەن. قىسقىسى، مېنىڭ بۇ جەھەتتە ئالاھىدە ئەندىشىلىرىم يوق.