ئالىمەدىن پائالىيەتچىگىچە: مايسەم مۇتەللىپوۋانىڭ ھايات كەچۈرمىشلىرى (1)

0:00 / 0:00

غەرب دۇنياسى ئۆزىنىڭ بىر قىسىم ئايال ئالىملىرىدىن پەخىرلەنگىنىدەك ئۇيغۇرلارنىڭمۇ ئىپتىخارلىق ئىچىدە نامىنى تىلغا ئالىدىغان ئالىمەلىرى بار. ئەنە شۇلارنىڭ بىرى نۆۋەتتە ئامېرىكىدىكى ئەڭ نوپۇزلۇق ئالىي مەكتەپلەرنىڭ بىرى بولغان ماساچۇسسېتس تېخنولوگىيە ئىنستىتۇتى (MIT) قارمىقىدىكى غول ھۈجەيرە مەركىزىنىڭ دىرېكتورى بولۇپ ئىشلەۋاتقان دوكتور مايسەم مۇتەللىپوۋادۇر.

مايسەم مۇتەللىپوۋا ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭمۇ دۇنيادىكى باشقا مىللەتلەرگە ئوخشاشلا دۇنياغا داڭلىق ئالىمەلەردىن بولالايدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ چىقتى. ئۇيغۇرلارغا ئۆزىنىڭ تەبىئىي پەن ساھەسىدىكى كۆپلىگەن ئۇتۇقلىرى بىلەن مەلۇملۇق بولۇپ كەلگەن مايسەم يېقىندىن بۇيان ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى سىياسىي ۋەزىيەتكە چېتىشلىق بىر قاتار پائالىيەتلىرى بىلەن يەنە بىر پائالىيەتچى سۈپىتىدە تونۇلۇشقا باشلىدى. بۇ ھال ئۇنىڭ ئامېرىكادىكى ئەڭ داڭلىق ئالىي بىلىم يۇرتلىرىنىڭ بىرى بولغان خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆز ئالدىغا ئۇيغۇر دىيارىدىكى لاگېرلار مەسىلىسىنى تونۇشتۇرغۇچى تەنھا نامايىشچىغا ئايلىنىشىدا تېخىمۇ روشەن ئەكس ئەتتى. ئۇنداقتا مايسەم مۇتەللىپوۋا كىم؟ بىز بۇ ھەقتىكى ئەھۋاللارنى ئۇنىڭ ئۆز ئاغزىدىن ئاڭلاش ئۈچۈن مايسەم بىلەن سۆھبەتلەشتۇق.

ئۇ رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىش جەريانىدا نۆۋەتتە ئىشلەۋاتقان تەجرىبىلىرىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالى ھەمدە ئۇنىڭ ئىلمىي قىممىتى ھەققىدە چۈشەنچە بېرىش بىلەن بىرگە ئۆزىنىڭ ھايات مۇساپىسىدىكى بەزى ئەھمىيەتلىك قەدەملەرنى ئەسلەپ ئۆتتى. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مايسەم مۇتەللىپوۋا ۋە ئۇنىڭ ئاكىسى شۆھرەت مۇتەللىپوۋ قازاقىستاننىڭ ئالمۇتا شەھىرىگە ئانچە يىراق بولغان غالجات رايونىدىكى ئۇيغۇر مەھەللىلىرىنىڭ بىرىدە دۇنياغا كەلگەن.

مايسەم مۇتەللىپوۋا ئاشۇ بىغۇبار يىللارنى ئەسلىگىنىدە ئۆزىنىڭ بالىلىق مەزگىلىدە شارائىت چەكلىمىسى تۈپەيلىدىن رۇسچە مەكتەپكە بېرىشقا مەجبۇر بولغانلىقىنى ئالاھىدە تىلغا ئالدى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇنىڭ رۇسچە تىلى ئەنە شۇ ۋاقىتلاردىلا چىقىشقا باشلىغان. ئەمما ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۆي ئىچىدە پۈتۈنلەي ئۇيغۇرچە تىلدا سۆزلىشى، شۇنداقلا ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە ئەنئەنىسى بويىچە كۈندىلىك ھاياتنى داۋام ئەتتۈرۈشى سەۋەبلىك ئۇنىڭ ۋۇجۇدىغا ئۇيغۇرلۇق كىملىكىگە زۆرۈر بولغان بارچە ئامىللار تولۇق ئۆزلىشىپ ماڭغان.

مايسەمنىڭ دادىسى بولسا شۇ جايدىكى ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ تارىخ ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ، ئۆز پەرزەنتلىرىگە ئاتىلىق مېھرى-مۇھەببەتنى سىڭدۈرۈشتە ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلۇق تۇيغۇسىنىمۇ مۇناسىپ رەۋىشتە يېتىلدۈرۈپ ماڭغان. بولۇپمۇ ئۇنىڭ ئۇيغۇر تارىخىدىكى نازۇگۇم، مايىمخان قاتارلىق ئۈلگىلىك شەخسلەر ھەققىدىكى جانلىق ھېكايىلىرى ئۆسمۈر مايسەمنىڭ قەلبىدە ئاشۇ قەھرىمانلاردەك ئادەم بولۇش ئىستىكىنى ياندۇرغان.

سۆھبەت جەريانىدا مايسەم ئۆزىنىڭ ئانا يۇرتىدىكى كۈنلىرىنى ئەسلىگەندە ئۆزىنىڭ قويۇق ئۇيغۇرچە پۇراققا تويۇنغان ئۇيغۇر مەھەللىسىدە ئۆتكەن كۈنلىرىنىڭ، ئۇيغۇرچە تاماقلارنى ئىشتىھا بىلەن يېگەن ۋاقىتلارنىڭ دەل ئۆزىدىكى ئۇيغۇرلۇق تۇيغۇسىغا ھۇل سالغان ۋە ئۇنى مۇستەھكەملىگەن مەزگىل ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.

مايسەم ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ئۆتكەن ئەسىردىكى سىياسىي توقۇنۇشلارنىڭ بىۋاسىتە مەھسۇلى سۈپىتىدە ئۆزىنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن بولغان ئالاقىسى ئۈزۈلگەن ھالدا سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى تېرىتورىيەسىدە ماكانلىشىپ قالغان. ئەمما ئۇلارنىڭ ۋەتەنگە بولغان رىشتى ئۇلارنىڭ تىل، ئۆرپ-ئادەت ۋە مەدەنىيەت جەھەتلەردىكى رىشتى بىلەن بىرلىكتە داۋام قىلغان. ئۆز تىلىنى ئۇنتۇمىغان مايسەم ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر شۇ سەۋەبتىنمۇ ئۆزلىرىنىڭ يىلتىزىنى ئۇنتۇمىغان.

مايسەمنىڭ ئاتا-ئانىسى ئەجىر قىلغانغا چۇشلۇق مايسەممۇ ئاتا-ئانىسىغا تولىمۇ ۋاپادار ۋە كۆيۈمچان بىر پەرزەنت بولۇپ يېتىلگەن. ئۇ ئۆزىنىڭ 1995-يىلى موسكۋا شەھىرىدە مېدىتسىنا ساھەسى بويىچە دوكتورلۇق ئۇنۋانى ئالغان مەزگىللىرىنى ئەسلىگىنىدە مەرھۇم ئانىسىنىڭ ئۆز ھاياتىدىكى نۇرغۇنلىغان ھاياتلىق پرىنسىپلىرىنى تۇرغۇزۇشىغا بىۋاسىتە سەۋەب بولغانلىقىنى، بولۇپمۇ ئۇنىڭ ھەق بىلەن ناھەق، توغرا بىلەن خاتاغا قانداق مۇئامىلىدە بولۇشنى ئۆز ئەمەلىيىتى ئارقىلىق ئۆگەتكەنلىكىنى چوڭقۇر مۇھەببەت بىلەن ئەسلەيدۇ.

بۇ پروگراممىنىڭ داۋامىغا قىزىقساڭلار دىققىتىڭلار كېيىنكى پروگراممىمىزدا بولسۇن.