خىتاي دائىرىلىرى ئونسۇ ناھىيە جام بازىرىدىكى ئۇيغۇر قەبرىستانلىقىنى بۇزۇپ چوڭ تىپتىكى پارنىك ياسىغان

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2021.06.28
خىتاي دائىرىلىرى ئونسۇ ناھىيە جام بازىرىدىكى ئۇيغۇر قەبرىستانلىقىنى بۇزۇپ چوڭ تىپتىكى پارنىك ياسىغان ئۇيغۇر دىيارىدىن تارقالغان بىر قىسىم تىك-توك ۋېدىئولىرىدا خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن پىلانلىق ھالدا ئوخشاش شەكىلدە ياسىلىۋاتقان يېڭى مازارلىقلار. 2021-يىلى (ئورنى ئېنىق ئەمەس)
Social Media

ئۇيغۇر قەبرىستانلىقلىرىنى بۇزۇش ۋە يۆتكەش

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان مۇسۇلمانلارنىڭ قەبرىستانلىقلىرىنى مەجبۇرىي يۆتكەش، قەبرىلەردىكى گۈمبەز، ئاي-يۇلتۇز ۋە ئايەتلەرنى ۋەيران قىلىش قاتارلىق قىلمىشلىرى «مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى» نىڭ نۇقتىلىق ئىپادىلىرىنىڭ بىرى سۈپىتىدە دىققەت قوزغاپ كەلمەكتە.

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۈرۈمچى، ئاقسۇ قاتارلىق جايلاردىكى مۇسۇلمانلار قەبرىستانلىقلىرىنى بۇزۇپ يۆتكەشكە «يەر تېجەش ۋە مۇھىت ئاسراش» «مۇسۇولمانلارنىڭ ئۆلۈم-يېتىم ئىشلىرىنى قېلىپلاشتۇرۇش»، «يېشىل ئېكېئولوگىيىلىك قەبرستانلىق قۇرۇش»، «ھازىرقى زامان دەپنە مەدەنىيىتىنى پائال قانات يايدۇرۇش» دىگەندەك ئوخشىمىغان باھانە سەۋەبلەرنى كۆرسىتىپ كېلىۋاتقانلىقى مەلۇم. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە بىر تۇتاش ياسىلىۋاتقان يېڭى قەبرستانلىقلارنىڭ بولسا 2 ياكى3 قەۋەتلىك قىلىپ پىششىق خىش ۋە سېمونت بىلەن خىتاي قەبرستانلىقلىرىنىڭ تۈسىدە ياشىلىۋاتقانلىقىدەك ئەھۋاللارمۇ ئاشكارىلانماقتا.

يېڭى قەبرىستانلىقلار مۇسۇلمانلارنىڭ دەپنە ئادەتلىرىگە خىلاپ ھالدا ياسالغان

يېقىنقى ئايلاردا ئۇيغۇر دىيارىدىن تارقالغان بىر قىسىم تىك-توك ۋېدىئولىرىدا خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن پىلانلىق ھالدا ئوخشاش شەكىلدە ياسىلىۋاتقان يېڭى مازارلىقلارنىڭ ئادەتتىكىدىن چوڭقۇر كولىنىپ، پىششىق خىش ۋە سېمونت بىتونلاردا قوپۇرۇلىۋاتقانلىقى كۆرسىتىلگەن. قەبرىلەرنىڭ ئۈستىگە نومۇر قويۇلغاندىن باشقا ھېچقانداق ئىسلامى بەلگە، ھەتتا مېيىتنىڭ ئىسمىمۇ يېزىلمىغان. بۇ رايوندا ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان

يەرلىك مۇسۇلمانلارنىڭ دەپنە ئادەتلىرىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىنىۋاتقانلىقىنىڭ بىر ئىپادىسىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە

خىتاي دەپنە ئىشلىرى جەمئىيىتىنىڭ تور بېتىدە بۇ خىل ئاتالمىش «يېشىل ئېكېئولوگىيەلىك قەبرىستانلىق ۋە دەپنە ئۇسۇلى» نى «كەشپىيات» دەپ ئاتىغان. بۇ «كەشپىيات» نىڭ «قۇرۇلۇشى ئاددىي، ماتېرىيالى ئاز، تەننەرخى تۆۋەن ئىكەنلىكى، نۇرغۇن يەرنى تېجەيدغانلىقى، ئۆلۈكلەر بىلەن تىرىكلەر ئوتتۇرىسىدىكى يەر رىقابىتى ۋەزىيىتىنى ھەل قىلىدىغانلىقى، قاقاس تاغلارنى يېشىللاشتۇرىدىغانلىقى ۋە ئېكېئولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغدايدىغانلىقى» تەشۋىق قىلىنغان.

ئۇيغۇر دىيارىدىن تارقالغان بىر قىسىم تىك-توك ۋېدىئولىرىدا خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن پىلانلىق ھالدا ئوخشاش شەكىلدە ياسىلىۋاتقان يېڭى مازارلىقلار. 2021-يىلى (ئورنى ئېنىق ئەمەس)

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ تورىدا مۇسۇلمانلار دەپنە ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئىخشانىسنىڭ پەقەت بىرلا ئىشخانا نومۇرى يېزىلغان بولۇپ، تېلىفونىمىزغا بىر خىتاي خادىم جاۋاب بەردى.

بىز ئۇنىڭدىن «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بويىچە ئېلىپ بېرىۋاتقان يېڭى شەكىلدىكى يېشىل ۋە ئېكېئولوگىيەلىك قەبرىلەر ئومۇملاشتۇرۇلامدۇ؟» دەپ سورىدۇق. ئۇ «شۇنداق» دەپ جاۋاب بەردى.

بىز ئۇنىڭدىن «يېشىل ۋە ئېكېئولوگىيىلىك» دېگەن ئۇقۇمنىڭ نېمىنى كۆرسىتىدىغىنى سورىغىنىمىزدا، ئۇ ئېنىق ۋە قىسقىلا قىلىپ: «ئۆلۈكنى كۆيدۈرۈشنى كۆرسىتىدۇ» دېدى. «مۇسۇلمانلارمۇ شۇ خىل شەكىلدە دەپنە قىلىنامدۇ؟» دېگەن سوئالىمىزغا ئۇ قايتا چۈشەندۈرۈش بېرىپ: «مەن خىتايلارنىڭ دەپنە ئىشلىرىغا مەسئۇل. مۇسۇلمانلارغا باشقا خادىملار مەسئۇل، مەن ئېنىق بىلمەيمەن،» دېدى. لېكىن ئۇ مۇسۇلمانلارنىڭ دەپنە ئىشلىرىغا مەسئۇل بۆلۈمنىڭ ئالاقىسىنى تەمىنلەشنى رەت قىلدى.

ئىنكاس: «قەبرىنى مەجبۇرىي بۇزۇش ۋە كۆچۈرۈش-مېيىت ئىگىلىرىگە نىسبەتەن ئېغىر روھىي خورلاشتۇر»

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى دىنىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇدىرى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن «مۇسۇلمانلارنىڭ مېيىتنى سېمونتلۇق، قەۋەتلىك يەرلىك ياساپ دەپنە قىلىشقا مەجبۇرلىشى، ئىسلام ئەقىدىسىگە پۈتۈنلەي خىلاپ بولۇپلا قالماي، بەلكى يەنە مېيتقا بولغان ئېغىر ھۆرمەتسىزلىكتۇر. ئۇ يەنە مېيىتنىڭ ئىگىلىرى بولغان ئائىلە ئەزالىرىغا قارىتا ئېغىر روھىي خورلاشتۇر،» دېدى.

تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن يەنە «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مازارلىقلىرىنى دىنىي ۋە مىللىي ئەقىدىلىرىمىزگە خىلاپ ھالدا ئۆزگەرتىشنىڭ مەقسىتى، ئۇيغۇرلارنى دىنىي ئېتىقادى، بۇ تۇپراققا ۋە ئەجدادلىرىغا بولغان باغلىنىشىدىن ئۈزۈپ، ئۇلارنى دىنىي ئەقىدىسى ۋە مەدەنىيەتلىرىدىن پۈتۈنلەي يىراقلاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلىدۇ،» دېدى.

ئونسۇ جام يېزىسىدىكى قەدىمىي قەبرىستانلىق پارنىكقا ئۆزگەرتىلگەن

-2019يىلىدا چەت ئەللىك ئېرىنىڭ ياردىمىدە چەت ئەلگە چىقالىغان، ئەمما ئائىلىسىنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن كىملىكىنى يوشۇرۇشقا مەجبۇر ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن بىر ئۇيغۇر ئايال يېقىندا رادىيومىزغا ئۇنسىۇ ناھىيە جام بازىرىدىكى كونا قەبرىستانلىقىنىڭ 2018-يىلىدىن باشلاپ 214-لىنىيە دۆلەت تاش يولى بويىدىكى قاقاس بىر جايغا مەجبۇرىي كۆچۈرگەنلىكى ھەققىدە ئۇچۇر بەردى.

مۇخبىر: سىز يېقىندا ۋەتەندىن چىقىپسىز. سىز بار چاغدىمۇ ھۆكۈمەت 3 قەۋەتلىك، خىش ۋە سېمونتلۇق قەبرىلەرنى ياساۋاتقانمىدى؟

جاملىق ئايال: مەن بار ۋاقتىدا بار ئىدى، ئۇنداق قەبرىلەر. خىتايلار بەك جىق قەبرستانلىقلارنى يوق قىلىۋەتتى. جام يېزىسىدا يالغۇز بىزنىڭ ئائىلىدىنلا دادام، چوڭ دادام، چوڭ ئانام، ئۇلارنىڭ دادىلىرى، چوڭ دادىلىرى، جەمئىي تۆت-بەش ئەۋلاد15 ئادەمنىڭ گۆرىنى ئېچىپ، يېڭى قەبرىستانلىققا يۆتكەشكە مەجبۇر بولدۇق. جەسەتنى يۆتكەشكە خالتا بىرنەسىلەرنى ئۆيدىن ئەكىلىڭلار دېدى. ئاپام پاختا رەختتىن خالتىلارنى تىكتى. جەسەتلەرنىڭ سۆڭىكىنى يىغىپلا ئايرىم خالتىلارغا قاچىلىدۇق. بىزنىڭ جەمەتىمىزدىن 15 گۆرلۈك ئادەمنىڭكىنى، يېڭى ياسالغان قەبرىستانلىقتا بىرلا گۈرلۈككە تىقىپ قويدى. دادۈيدىن ھەر بىر جەسەتنىڭ بېشىغا 150 يۈەندىن پۇل ئالدى تېخى. لاگېرغا كىرىپ كېتىپ جەسەتنى ئېلىشقا چىقمىغانلارنىڭكىنى ئىگىسى يوق دەپ يەرنى تۈزلەپ كۆمۈپ يوق قىلىۋەتتى. 2018-يىلى بىزنىڭ جامدىلا ئەمەس، ئەتراپتىكى كەنتلەردىكى مازارلىقلارنىڭ ھەممىنى شۇ بىر جايغىلا يۆتكىدى.

مۇخبىر: بوشىتىلغان قەبرستانلىقلارچۇ؟ قۇرۇلۇش قىلدىمۇ؟ ھۆكۈمەتنىڭ بۇ مازارلىقلارنى مەجبۇرىي كۆچۈرۈشتىكى مەقسىتى نېمىكەن؟

جاملىق ئايال: يېڭى مازارنى ياساشقىمۇ دېھقانلارنى بىكارغا ئىشلەتتى. قەبرىستانلىقنى بىكارلاپ خىتايلارغا پارنىك ياساپ بەردى. ئۇنىمۇ دېھقانلارغا قىلغۇزدى.

مۇخبىر: خەلق ياكى ئۇيغۇر كادىرلار ھېچقانداق قارشى پىكىر قىلمىدىمۇ؟

جاملىق ئايال: مۇمكىن ئەمەس. قانداق قىلىدۇ؟ تۇتۇپ ئاپىرىپ سولاپ قويىدۇ شۇ. لاگېرغا ئەكىتىدىغان تۇرسا، نارازى بولسىمۇ ئۈنىنى چىقىرالمايدۇ. خىتايلارنىڭ مەقسىتى شۇ بىز ئۇيغۇرلارنىڭ ئىزىنى، ھەممە نېمىسىنى يوق قىلىۋېتىش.

گەرچە ئونسۇ ناھىيىسىنىڭ تور بېتىدە 2018-يىلى جام يېزىسىدا قۇرۇلماقچى بولغان ئەتراپتىكى شەھەر-يېزىلارنى كۆكتات بىلەن تەمىنلەش بازىسى قۇرۇلۇشى ۋە ئەقلىي ئىقتىدارلىق پارنىك قۇرۇلۇشى ھەققىدە ئۇچۇر بېرىلگەن بولسىمۇ، ئەمما مەزكۇر ئۇچۇر مەزمۇنىنىڭ ئېچىلىشى چەكلىۋېتىلگەن.

ئونسۇ جام يېزىلىق ھۆكۈمەت ئىشخانىسى بۇ جايدىكى قەدىمى قەبرىستانلىقنىڭ كۆچۈرۈلۈپ ئورنىغا پارنىك ياسالغانلىقىنى ئىنكار قىلمىدى. لېكىن «بۇ دۆلەتنىڭ سىياسىتىگە مۇناسىۋەتلىك سوئال بولغانلىقى» ئۈچۈن جاۋاب بېرەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى.

تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن يەنە مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇرلار توپىسى يۇمشاق مۇنبەت ئورۇنلارنى قەبرىستانلىق قىلىپ كەلگەن. خىتاينىڭ ئۆز مەنپەئەتى ئۈچۈن ھەتتا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادلىرى ياتقان قەدىمىي قەبرىستانلىقلارغىمۇ قول سېلىشى، پارنىك ياساش ۋە ياكى باشقا ئىقتىسادىي مەنپەئەتلىرى ئۈچۈنلا ۋەيران قىلىشى، قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغان، ئىنسانىي ئەخلاققىمۇ يات بىر رەزىللىكتۇر.»

12-ئىيۇن، ئەنگلىيىدىكى «تېلېگراف» گېزىتى ھۆججەتلىك خەۋەر تارقىتىپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ خوتەن شەھەر مەركىزىدىكى بىر مەسچىتنى 2018-يىلىدا چېقىۋېتىلىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا خىلتون مېھمانخانىسى سېلىشقا باشلىغانلىقىنى ئاشكارلىغان ئىدى. مەزكۇر خەۋەردە بۇ مەسچىتنىڭ ئ‍ورنىدا ھازىر ئەزان ئاۋازىنى قۇرۇلۇش ماشىنىلىرىنىڭ ئاۋازى ئالغانلىقى، بىر كىشىنىڭ بۇ ئورۇندا بۇرۇن مەسچىت بارلىقىنى ئېيتقانلىقى، ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا غايىب بولغان نۇرغۇن مەسچىت، تاۋاپگاھلارنىڭ پەقەت بىرسى ئ‍ىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئۇيغۇر دىيارىدىكى قەبرستانلىقلارنىڭ ۋەيران قىلىنىشى غەرب مۇتەخەسسىس ۋە ئاخباراتلىرىدىمۇ ئەندىشە قوزغىماقتا

مازارلىقلارنى يوقىتىش ھەرىكىتىنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ۋە دىنىي يىلتىزىنى يوقىتىشنى نىشان قىلغان ھەرىكەتلىرىنىڭ بىر پارچىسى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ كېلىۋاتقان ئامېرىكالىق ئۇيغۇر تەتقىقاتچىسى ھېنرېي شاجېۋىسكى مۇنداق دەيدۇ:

«ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت ئىزلىرىدىن بولغان قەبرستانلىقلارنى بۇزۇش ۋە يۆتكەش مەيلى قانداقلا باھانە بىلەن ئېلىپ بېرىلمىسۇن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ۋەتىنىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان كىشىنى ئەندىشىگە سالىدىغان بىر مەدەنىيەت بۇزغۇنچىلىقىدۇر. بۇ ئارقىلىق خىتاي ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ تۇپراقتىكى مەۋجۇتلىقىنىڭ تارىخىي باغلىنىشىنى، مەدەنىيىتىنى، دىنىي جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكلىرى ۋە ئىزلىرىنى پۈتۈنلەي ئۆچۈرۈپ تاشلاشنى مەقسەت قىلغان. خىتاي بۇ سىياسەتنى يەنە بىر تەرەپتىن خىتاي كۈچمەنلىرىنى يۆتكەشكە، زېمىن ۋە بايلىق تەييارلاشتىمۇ پايدىلانماقتا. مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئۇيغۇرلارغا تەۋە ھەر قانداق نەرسە خىتاي كۆچمەنلەر ئۈچۈن خۇددى ئاپتوماتىك پۇل ئېلىش ماشىنىسىغا ئوخشاش خالىغانچە مەنپەئەتلىنىدىغان نەرسىگە ئايلاندۇرۇلماقتا. بىر قانچە كۈن ئاۋال ‹ئاسمان-سكاي› خەۋەرلىرىدىن خوتەندىكى مەسچىتنىڭ خىلتون مېھمانخانا قۇرۇلۇشى ئۈچۈن بۇزۇپ تاشلانغانلىقى ئاشكارلىنىپ، خەلقئارادا غۇلغۇلا قوزغىدى. ئەمدىلىكتە خىتايلارنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مازارلىقلىرىنى ئىقتىسادىي مەنپەئەتلىرى ئۈچۈنمۇ قوللىنىۋاتقانلىقى، ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسەتنىڭ قانچىلىك رەزىل ۋە قوبۇل قىلغۇسىز ئىكەنلىكىنىڭ تىپىك بىر مىسالىدۇر.»

ئۇيغۇر دىيارىدىكى قەبرىستانلىقلارنىڭ ۋەيران قىلىنىشى خەلقئارادىكى مەتبۇئاتلارنىڭمۇ ئالاھىدە دىققىتىنى تارتىپ كەلدى. CNN تېلېۋىزىيەسىدە ئىككى يىل ئاۋۋال ئۇيغۇر ئېلىدىكى قەدىمىي مازارلىقلارنىڭ قاتتىق ۋەيرانچىلىققا ئۇچراۋاتقانلىقى ھەققىدە بىر مەخسۇس خەۋەر تارقاتقان ئىدى. ئۇنىڭدا ئۇيغۇر ئېلىدا يېقىنقى ئىككى يىل ئىچىدە 100 دىن ئوشۇق قەدىمىي مازارلىق ۋەيران قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرۈلگەن.

يېقىندا يەنە ئەنگلىيىدىكى Sky News «ئۆلۈكلەر ئۈستىگە قوپۇرۇش» تېمىسىدا ھۆججەتلىك فىلىم تارقاتتى. فىلىمدا 2019-يىلى ئېلان قىلىنىپ زور غۇلغۇلا قوزغىغان «ئېتىقاد ۋەيرانچىلىقى: ئۇيغۇر مەسچىتلىرى ۋە مەقبەرىلىرىنىڭ چېقىلىشى» ناملىق دوكلاتنى يىپ ئۈچى قىلىنىپ، خوتەندىكى ۋەيران قىلىنغان مازارلىقلار كۆرسىتىلگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.