رەيچىل خاررىس: «UNESCO ئۇيغۇر رايونىدىكى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ قوغدىلىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈشى لازىم»
2023.02.14
ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى 9-فېۋرال كۈنى «مەدەنىيەت مىراسلىرىغا شېرىك بولۇش: ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق» سەرلەۋھىلىك يېڭى دوكلاتنى ئېلان قىلغان. مەزكۇر دوكلات لوندون ئۇنىۋېرسىتېتى شەرقشۇناسلىق ۋە ئافرىقا تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى (SOAS) نىڭ ئوقۇتقۇچىسى رەيچىل خاررىس خانىم ۋە ئۇيغۇر شائىر ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن ئەپەندى تەرىپىدىن تەييارلانغان بولۇپ، خىتاينىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ، ئىلىم-پەن ۋە مەدەنىيەت تەشكىلاتى (UNESCO) غا ئەنگە ئالدۇرغان ئۇيغۇر ئىلىدىكى بەش چوڭ غەيرىي ماددىي مىراسلارنى ئۇيغۇر ئىرقى قىرغىنچىلىقىنى ئاقلاش ئۈچۈن سۇيىئىستېمال قىلىۋاتقانلىقىنى پاكىتلار بىلەن ئوتتۇرىغا قويغان.
دوكلاتتا دېيىلگەن ئۇيغۇر ئېلىدىكى بەش چوڭ غەيرىي ماددىي مىراسلار مەشرەپ، مۇقام، تەڭرىتاغ، كارىز ۋە «ماناس» داستانى قاتارلىقلار بولۇپ، مۇقام ۋە كارىز 2008-يىلى، قىرغىزلارنىڭ «ماناس» داستانى 2009-يىلى، مەشرەپ 2010-يىلى، تەڭرىتاغ تىزمىلىرىنى قوغداش 2013-يىلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ، ئىلىم-پەن ۋە مەدەنىيەت تەشكىلاتىنىڭ غەيرىي ماددىي مىراسلارنى قوغداش تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن.
دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، UNESCO نىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىرى بويىچە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تىزىمغا ئېلىنغان بۇ مىراسلارنى ۋە شۇ مىراسنىڭ ئىگىلىرىنى قوغداش مەسئۇلىيىتى بولسىمۇ، ئەكسىچە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە ۋە شۇ مەدەنىيەتنىڭ ئىگىلىرىگە ئىرقىي قىرغىنچلىق سىياسىتىنى يۈرگۈزگەن.
مەزكۇر دوكلاتنىڭ ئاپتورلىرىدىن رەيچىل خاررىس خانىم بۇ ھەقتە رادىيومىزنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى. ئۇ ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ ئاساسەن دېگۈدەك ھەممىسىنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراۋاتقانلىقىنى، ئەمما ئۆزلىرىنىڭ دوكلاتتا پەقەت شۇ بەش تۈرلۈك مىراسنى ئاساس قىلغانلىقى ھەققىدە چۈشەنچە بېرىپ مۇنداق دېدى: «بىز دوكلاتىمىزدا تىزىمغا ئېلىنغان ئاشۇ بەش تۈرنى ئاساس قىلدۇق. چۈنكى بۇ بەش تۈر UNESCO نىڭ تىزىملىكىدە بار، شۇڭا UNESCO نىڭ بۇ بەش تۈرلۈك مىراسنىڭ قوغدىلىنىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش مەسئۇلىيىتى بار. ئۇيغۇر رايونىدىكى بۇ مىراسلار ئېغىر دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراۋاتىدۇ. تىزىملىككە كىرگۈزۈلمىگەن باشقا نۇرغۇن دىنىي مىراسلارمۇ ۋەيران قىلىنىۋاتىدۇ. مەسىلەن، نۇرغۇنلىغان مەسچىت-مەدرىسەلەر چىقىپ تاشلاندى. لېكىن بىز UNESCO نى ئۆزىنىڭ مەسئۇلىيىتى ئادا قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى قىلمىشلىرىنى تەكشۈرۈشكە قىستاش ئۈچۈن، UNESCO نىڭ تىزىملىكىدىكى مىراسلارنى ئاساس قىلدۇق.»
دوكلاتتا UNESCO نىڭ تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن مىراسلارنى قوغداش ئۆلچىمىگە خىلاپلىق قىلىشنىڭ ئىپادىلىرى بېرىلگەن بولۇپ، ئۇلار تۆۋەندىكىدەك: ئاشۇ مەدەنىيەت بويىچە ياشاشنى چەكلەش؛ ئاشۇ مەدەنىيەتنىڭ ئىگىلىرىنى تۇتقۇن قىلىش ۋە تۈرمىگە سولاش؛ ئاشۇ مەدەنىيەتتە ياشاۋاتقان ئاھالىلەرنى قەدىمكى يەرلىرىدىن مەجبۇرىي قوغلاپ چىقىرىش؛ مىراسلار ساقلانغان ئورۇنلارنىڭ جۇغراپىيەلىك مۇھىتىغا زىيانكەشلىك قىلىش قاتارلىقلار. مەزكۇر دوكلاتتا ئاپتورلار ناھايىتى ئىنچىكە مەلۇماتلار ئارقىلىق، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ UNESCO نىڭ مىراسلارنى قوغداش ئۆلچىمىگە خىلاپلىق قىلغانلىقى بايان قىلىنغان.
دوكلاتتا مەشھۇر ئۇيغۇر مۇقام ناخشىچىلىرىدىن ئابدۇقادىر يارئىلىنىڭ 2018-يىلى قولغا ئېلىنغانلىقى ۋە 2020-يىلى قويۇپ بېرىلگەنلىكى، شىرئەلى ئەلتېكىن 2021-يىلى قولغا ئېلىنغان بولۇپ، ھازىرمۇ تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقى تىلغا ئىلىنغان.
2017-يىللىرى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا مۆمىنجان ئابلىكىم داڭلىق ئۇيغۇر ئارتىسلارنىڭ ئاساسىي قاتلاملارغا بېرىپ «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش»، «ئىككى يۈزلىمىلىككە قارشى تۇرۇش» نى تېما قىلغان شۇنداقلا خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا يۈرگۈزۈۋاتقان نۆۋەتتىكى سىياسىي ھەرىكەتلىرىگە ماسلىشىدىغان تەشۋىقات ئويۇنلىرىنى ئورۇندىغانلىقى ھەققىدە كەڭ خەۋەر تارقالغانىدى.
مەزكۇر دوكلاتنىڭ ئاپتورلىرىدىن ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن ئەپەندى رادىيومىزغا سۆز قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ مەزكۇر دوكلاتنى تەييارلاشتا قوللانغان مېتودلىرى ۋە ئىسپات توپلاش جەريانى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.
دوكلاتتا ئۇيغۇر رايونىدىكى مەدەنىيەت مىراسلىرى بېيجىڭنىڭ بىۋاستە رەھبەرلىكىدىكى ئاتالمىش ساياھەتھەتچىلىك سىياسىتى ئارقىلىق بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراۋاتقانلىقى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاسسىمىلىياتسىيە سىياسىتىنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ كېتىۋاتقانلىقى تەكىتلەنگەن. مۇقام، مەشرەپ قاتارلىق سەنئەت مىراسلىرىنى دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا تەشۋىقات قورالى سۈپىتىدە ئىشلىتىۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
رەيچىل خاررىس خانىم بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «بىز بۇ دوكلاتنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ يىغىنى ئېچىلىشنىڭ ئالدىدا ئېلان قىلدۇق. چۈنكى، بىزنىڭ مەقسىتىمىز يىغىندا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مىراسلارنى ۋەيرانچىلىققا ئۇچراتقانلىقىغا مۇشۇ دوكلاتنى ئىسپات قىلىپ تۇرۇپ، UNESCO غا بىسىم ئىشلىتىشتۇر. دوكلاتتا بىز ناھايىتى ئىنچىكە ۋە كونكرېت تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدۇق. دوكلاتنىڭ UNESCO نى خىتايغا قارىتا بىسىم يۈرگۈزۈشكە ھەرىكەتكە كەلتۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمىز.»
دوكلاتتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئاساسلىق تەلەپلەر _ مەدەنىيەت ھوقۇقى ئالاھىدە خادىمى ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى UNESCO نىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى باستۇرۇشقا قارىتا تېخىمۇ كۈچلۈك ۋە تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ئىنكاس قايتۇرۇشىنى تەشەببۇس قىلىشى كېرەك؛ دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرى ئەھدىنامىسىگە ئاساسەن تەڭرىتاغ تىزمىسىنىڭ مۇھىتىنىڭ ئېغىر دەرىجىدە ناچارلىشىپ، كۆزگە كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە بۇزۇلۇش تەھدىتكە دۇچ كېلىۋاتقانلىقىغا دىققەت قىلىش كېرەك؛ مۇقام، مەشرەپ ۋە «ماناس» داستانى قاتارلىق مىراسلارنى قوغداش خىزمىتىگە ئۇ مىراسلارنىڭ ئىگىلىرى بولغان ئۇيغۇر، قىرغىز قاتارلىق خەلقلەرنىڭ ئىگە بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ، ئىلىم-پەن ۋە مەدەنىيەت تەشكىلاتى (UNESCO)نىڭ خىتاينىڭ تىزىملىكتىكى بەش چوڭ غەيرىي ماددىي مىراسلارنى قوغداش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش قاتارلىق ئالتە تۈرلۈك ماددىنى ئۆز ئېچىگە ئالغان.
ئاخىرىدا ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن ئەپەندى، خىتاي ھۆكۈمىتى ۋەيران قىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقان ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى مۇھاجىرەتتە ساقلاپ قىلىشنىڭ يوللىرى ھەققىدە توختالدى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇلار قازاقىستاندا «ئۇيغۇر مىللىي مەشرىپى كۆۋرۈكى» پائالىيىتىنى باشلاتقان. ئۇ يەنە ئۇيغۇر كىملىكىنى ساقلاپ قىلىشتا مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ زىممىسىگە چۈشكەن ۋەزىپىنىڭ ناھايىتى ئېغىر ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
بىز بۇ ھەقتە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ، ئىلىم-پەن ۋە مەدەنىيەت تەشكىلاتى (UNESCO)نىڭ ئىنكاسىنى ئىلىش ئۈچۈن، ئۇلار بىلەن ئېلخەت ئارقىلىق ئالاقىلاشقان بولساقمۇ، ئەمما ئۇلار يازغان ئېلىختىمىزگە جاۋاب قايتۇرمىدى.