خىتاي ھۆكۈمىتى 2016-يىلىدىن باشلاپ ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەمدە لاگېر ۋە تۈرمىلەرگە سولاپ، ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي مىللەتلەرگە قارىتا ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتى يولغا قويغاندىن بۇيان، ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتىنىڭمۇ ئوخشاشلا مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىغا ئۇچراۋاتقانلىقى خەلقئارا جەمئىيەت تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنغان مەسىلىدۇر.
نۆۋەتتە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى»، «جۇڭخۇا مىللىتى»، «جۇڭخۇا مەدەنىيىتى» كىملىكىنى كۈچەيتىش سىياسىتىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، ئەكسىچە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز مىللىي ئەنئەنىسى، مىللىي مەدەنىيىتى، مىللىي سەنئىتىنى راۋاجلاندۇرۇشى، ئومۇملاشتۇرۇشى ۋە تەشەببۇس قىلىشنى چەكلەۋاتقانلىقى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا. ئەجەبلىنەرلىكى، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا خىتايلارنى ئۇيغۇرلارنىڭ دوپپا ۋە مىللىي كىيىملىرىنى كىيىپ، ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى سازلىرى ۋە مىللىي ناخشا-مۇزىكىلىرىنى دوراپ سەھنىلەرگە ئېلىپ چىقىۋاتقانلىقى ۋە مەزكۇر «ساقتا ئۇيغۇرلار» غا مەيدان ھازىرلاۋاتقانلىقىمۇ كۆپلەپ ئوتتۇرىغا چىقماقتا.
يېقىندا خىتايدىكى «تىك-توك» (دوۋيىن) ئارقىلىق تارقالغان ۋە ئۇنىڭدىن فېيسىبۇكقا ئۇيغۇرلار كۆچۈرۈپ تارقاتقان ۋىدېيولارنىڭ بەزىلىرىدە، خىتايلارنىڭ ئۇيغۇر خەلق ئاھاڭلىرىنى دوراپ ۋە بۇزۇپ ئېيتىۋاتقانلىقىنىمۇ كۈرەلەيمىز. يەنە بەزىلىرىدە، ئۇيغۇر مىللىيچە كىيىملىرىنى كىيىۋالغان خىتايلارنىڭ يالغۇز ئۆز سورۇنلىرىدا ئوبچە بايراملىق پائالىيەتلەردىلا ئەمەس، بەلكى ئاشكارا ھالدا سەھنىلەردە، كوچىلاردىكى ئۇسسۇل مەيدانلىرىدا، ئۇيغۇر ئېلىنى زىيارەت قىلغىلى كەلگەنلەرگە ئۇيغۇرچە ناخشا-ئۇسسۇللارنى كۆرسىۋاتقانلىقىدەك يۈزلىگەن قىسقا ۋىدېيولارنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ.
بۇلار ئۇيغۇرلاردا «ئۇيغۇر دىيارىغا كەلگەن خىتايلار باشقا مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتى، تىلىنى ئۆگەنمەك تۈگۈل، ھۆرمەتمۇ قىلمايتتى، بۇلار قانداقلارچە ئۇيغۇرچە سۆزلەيدىغان، ھەتتا ئۇيغۇرچە ناخشا-ئۇسۇللىرىمىزنى ئوينايدىغان بولۇپ كەتتى؟» «بۇ ساختا ئۇيغۇرلار قانداق ياسىلىپ چىقىۋاتىدۇ؟» دېگەندەك ئەجەبلىنەرلىك سوئاللارنى پەيدا قىلماقتا ئىكەن.
ئەمەلىيەتتە «دوۋيىن» دىن تارقالغان ۋېېدىئولاردا بۇ سوئالغىمۇ جاۋاب تېپىلىدۇ. خىتايلار ئۆزلىرى تارقاتقان بەزى دوۋيىن قىسقا ۋېدىولىرىدىن، مەخسۇس خىتاي كۆچمەنلىرى ئۈچۈن ئۇيغۇرچە سۆزلەشنى ئۆگىتىدىغان ھەر خىل كۇرسلار ۋە تور كۇرۇسلىرىمۇ پەيدا بولغانلىقى مەلۇم. مۇناسىۋەتلىك بىر ۋىدېيودا لاۋۋاڭ ئىسىملىك خىتاينىڭ مەخسۇس «لاۋۋاڭ ئۇيغۇر تىلى دەرسخانىسى» دېگەن ۋېۋىسكا ئاستىدا خىتايلارغا مۇنداق سۆزلەرنى ئۆگەتمەكتە ئىكەن. بۇ خىل خىتاي تىلى كۇرسلىرىنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرىمۇ ئاساسەن خىتايلار بولۇپ، بۇ ۋىدېيودا خىتاي ئوقۇتقۇچى ئۇيغۇر تىلى گراماتىكىسىنى ئۆگەتمەكتە.
يېقىنقى مەزگىللەردە ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئۆزىنى ئۇيغۇر ياكى باشقا يەرلىك مىللەت قىياپىتىدە ياساپ كۆرسەتكەن خىتاي مىللىتىگە مەنسۇپ كىشىلەرنىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەرنىڭ سەنئىتىنى دوراپ ئورۇندىغان ھەر تۈرلۈك ھەجۋىي ۋىدېيولىرى چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇرلار ئىشلىتىدىغان ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىمۇ پەيدا بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ جىددىي نارازىلىقىنى قوزغاۋاتقانلىقىنى كۆرەلەيمىز.
يېقىندا ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر ئاكتىپلىرىدىن مۇستەقىل ئانالىزچى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى ئۆزىنىڭ تىۋىتتېر ئادرېسىغا يوللانغان بېشىغا دوپپا، ئۇچىسىغا كانۋاي كۆڭلەكلەرنى كىيىۋېلىپ ساپايى، داپلار بىلەن ئۇيغۇر مۇزىكىلىرىنى دوراپ چېلىپ ساختا ئۇيغۇر بولۇۋالغان خىتايلارنىڭ ۋىدىيولىرىغا ئۆزىنىڭ كۈچلۈك نارازىلىق ئىنكاسىنى يازغانىدى.
ئىلشات ئەپەندى تىۋىتتېردىكى ئىنكاسىدا: «خىتاي ھۆكۈمىتى خىتاي كۆچمەنلەرنى ئەنئەنىۋى ئۇيغۇر كىيىم-كېچەكلىرىنى كىيىپ، ئۇيغۇر قىياپىتىگە كىرگۈزگەن، بۇ بوۋاي پۈتۈن كۈچى بىلەن ئەنئەنىۋى ئۇيغۇر سەنئەتكارلىرىنى تەقلىد قىلىپ ساپايى چېلىۋاتىدۇ. كىشىنى ئەپسۇسلاندۇرىدىغىنى شۇكى، خىتاي ياسالما ساختا ۋە ناچار مەھسۇلاتلارنى مەيدانغا سېلىش ئۈچۈن قانچە ئاۋارە بولسىمۇ، يەنىلا ئۇلار ئۇيغۇر مۇزىكانتلارنىڭ دادىل مەردانىلىقىنى ئىپادىلىيەلمەيدۇ. ئۇيغۇرلار قەيەردە؟ نېمىشقا ئۇيغۇر چالغۇلىرىنى ئورۇندايدىغان ئۇيغۇر يوق؟ جازا لاگېرلىرىدا تۈرمىلەردىمۇ؟» دەپ يازغان.
مەزكۇر يوللانما تىۋىتتېردا 150 مىڭدىن ئارتۇق ئابونتنىڭ دىققىتىنى قوزغاپ 142 قېتىم تارقىتىلغان ۋە نەچچە ئونلارچە ئىنكاسلار چۈشكەن. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئىلشات ئەپەندى، «باشقىلارنىڭ مەدەنىيىتىنى ھۆرمەت تۇيغۇسى ياكى زوقلىنىش بىلەن ئەمەس، بەلكى ھەجۋىيلىك بىلەن دوراپ ئورۇنداشنىڭ شۇ مەدەنىيەت ئىگىلىرىگە قىلىنغان بىر تۈرلۈك خورلۇق، غۇرۇرىغا تېگىش ياكى دەپسەندە قىلىش» دەپ بىلدۈردى.
ئىلشات ھەسەن ئەپەندى، مەزكۇر ۋىدىيولاردىكى خىتايلارنىڭ غەيرىي ۋە ھەجۋىي شەكىلدە، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەسلى ناخشا-مۇزىكىلىرىنى بۇرمىلاپ بۇزۇپ ئورۇنداشلىرىدىكى سەمىمىيەتسىزلىكنى، ھەممىگە تونۇشلۇق ئامېرىكالىق ئۇيغۇر مۇزىكا تەتقىقاتچىسى ئەلىس ئاندېرسون ئورۇندىغان ئۇيغۇر ناخشا مۇزىكىلىرىغا سېلىشتۇردى. ئۇ، ئەلىس ئاندېرسوننىڭ ئورۇنداشلىرىدىن ئۇيغۇر سەنئىتىنى ھەجۋىيلەشتۈرۈش ئەمەس، ئەكسىچە ئۇيغۇر مەدەنىيەت سەنئىتىگە بولغان ئىشتىياق ۋە ھۆرمەت نامايەندە بولىدىغانلىقىنى كۆرسەتتى.
ئىلشات ھەسەن ئەپەندى ساختا ئۇيغۇر بولۇپ، ئۇيغۇر سەنئىتى، يەنى مەدەنىيىتىنى چاكىنىلاشتۇرۇپ، ھەجۋىيلەشتۈرۈپ كۆرسىتىۋاتقانلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەسلى يازغانىدى.
ئىلشات ھەسەن ئەپەندى ساختا ئۇيغۇر بولۇپ، ئۇيغۇر سەنئىتى، يەنى مەدەنىيىتىنى چاكىنىلاشتۇرۇپ، ھەجۋىيلەشتۈرۈپ كۆرسىتىۋاتقانلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەسلى مەقسىتىنى ئاشكارىلايدىغانلىقىنى، ئەمەلىيەتتە خىتاينىڭ ئەسلى غەرىزىنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى تەشۋىقات قىلىش ئەمەس، بەلكى بۇ ئۇسسۇللار ئارقىلىق ئۆزىنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق بىلەن ئەيىبلەۋاتقان غەرب دۇنياسىغا، ئۇيغۇر مىللىتى مانا مۇشۇنداق، بۇ يەردە قىرغىنچىلىق يوق، بىز ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى قوغداۋاتىمىز دېگەندەك سىگنال تارقىتىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
بۇ خىل تېز ۋە كەڭ تارقالغان «ساختا ئۇيغۇر» لارنىڭ ۋىدىيولىرى، لوندوندىكى ئاكتىپ پائالىيەتچى رەھىمە مەخمۇت خانىمنىڭمۇ نارازىلىقىنى قوزغىغان. ئۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ ھەقتە: «بۇ، خىتاينىڭ گۈزەل ئۇيغۇر مەدەنىيەت سەنئىتىگە قىلغان بۇ ھۆرمەتسىزلىكى ۋە ئۇنى خورلاش، ئوغرىلاش قىلمىشى. بۇ، خەلقئارادا بىردەك جىنايەت سۈپىتىدە تەنقىد قىلىنىدىغان ‹مەدەنىيەت ئوغرىلىقى›نىڭ ئۆزى» دېدى.
رەھىمە مەھمۇد خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ قىلمىشى مەدەنىيەتنى ئوغرىلاش كاتېگورىيەسىگە مەنسۇپتۇر، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مەدەنىيەت ئوغرىلىقىغا قارىتا تەبىرىدىمۇ «مەدەنىيەت ئوغرىلىقى بويسۇندۇرۇلغان مىللەتلەر مەدەنىيەتنىڭ ئېلېمېنتلىرىنىڭ ماھىيەتلىك جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرمەي، ئىجازەت ئالماي، تۆلەم تۆلىمەي ياكى چۈشىنىپ ۋە قەدىرلىمەي تۇرۇپ ئىگىلەشتۇر» دەپ تەبىر بېرىلگەن. ئۇنىڭدا يەنە «مەدەنىيەت ئوغرىلىقى باراۋەر مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشتىن پەرقلىنىدىغان، مۇستەملىكىچىلىكنىڭ بىر خىل شەكلى» دېگەندەك تەبىرلەرمۇ بېرىلگەن.
ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى 9-فېۋرال كۈنى ئېلان قىلغان، لوندوندىكى ئۇيغۇر مەدەنىيىتى تەتقىقاتچىسى رەيچىل خاررىس خانىم ۋە ئۇيغۇر شائىر ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن ئەپەندى تەرىپىدىن تەييارلانغان «مەدەنىيەت مىراسلىرىغا شېرىك بولۇش: ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق» سەرلەۋھىلىك يېڭى دوكلاتىدىمۇ، خىتاينىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ، ئىلىم-پەن ۋە مەدەنىيەت تەشكىلاتىغا تىزىمغا ئالدۇرغان ئۇيغۇر ئېلىدىكى بەش چوڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلارنى ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئاقلاش ئۈچۈن سۇيىئىستېمال قىلىۋاتقانلىقىنى پاكىتلار بىلەن ئوتتۇرىغا قويغانىدى.
ئىلشات ئەپەندى ئاخىرى خاتا سىگنالنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەش بىلەن بىرگە، خىتاينىڭ مەدەنىيەت ئوغرىلاش جىنايىتىنى پاش قىلىش ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى خورلاش ھەرىكىتىنى توختىتىشنىڭ تەخىرسىزلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. شۇنداقلا ئۇ چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقىقىي ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى، دۇنياغا ئەسلى ھالىتى بىلەن تونۇتۇش پۇرسەتلىرىنى ئىزدەش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.