لوندوندا ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى ئاڭلىتىلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2019-07-22
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى «ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى دۇچ كەلگەن مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى-خەلقئارا ئىنكاسلار ۋە ئەخلاقىي مەجبۇرىيەت» ناملىق يىغىندا سۆزلىمەكتە. 2019-يىلى 21-ئىيۇل، لوندون.
د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى «ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى دۇچ كەلگەن مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى-خەلقئارا ئىنكاسلار ۋە ئەخلاقىي مەجبۇرىيەت» ناملىق يىغىندا سۆزلىمەكتە. 2019-يىلى 21-ئىيۇل، لوندون.
RFA/Ekrem

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەھبەرلىرى ئەنگىلىيەدىكى «لوندون ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزى» دە جازا لاگېرلىرى توغرىسىدا دوكلات تەقدىم قىلدى.

21-ئىيۇل ئەنگلىيە پايتەختى لوندوندىكى «لوندون ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزى» دە «ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى دۇچ كەلگەن مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى-خەلقئارا ئىنكاسلار ۋە ئەخلاقىي مەجبۇرىيەت» ناملىق يىغىن چاقىرىلغان. يىغىندا د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا، رەئىس ۋەكىلى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن قاتارلىقلار دوكلات تەقدىم قىلىپ، ئۇيغۇر دىيارىنىڭ نۆۋەتتىكى ئېغىر ۋەزىيىتىنى ئاڭلاتقان.

لوندوندىكى ئۇيغۇر سىياسىي ئاكتىپلىرىدىن رەھىمە خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ قېتىمقى يىغىننى مەركىزى لوندوندا بولغان كوردوبا فوندى جەمئىيىتى، بىرىتانىيە مۇسۇلمانلار جەمئىيىتى ۋە ئەنگلىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى قاتارلىق تەشكىلاتلار بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان. ئۇنىڭ ئەسكەرتىشىچە، بۇ يىغىننى ئۇيۇشتۇرۇشتىكى مەقسەت شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ئېغىر ۋەزىيىتىنى لوندوندىكى مۇسۇلمانلار تەشكىلاتلىرىغا بىلدۈرۈش ئارقىلىق ئەنگلىيەدە خىتايغا قارشى تېخىمۇ كۈچلۈك جامائەت پىكرى ھاسىل قىلىش ئىكەن.

ئەنگىلىيەدىكى ئۇيغۇر سىياسىي ئاكتىپلىرىدىن ئەزىز ئەيسا ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەنگلىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى خېلىدىن بۇيان «ئۇيغۇر دىيارىدىكى جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىنى ئەنگىلىيەنىڭ مەسىلىسى شۇنداقلا پۈتۈن دۇنيانىڭ مەسىلىسى» ھالىغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئەنگىلىيەدىكى مۇسۇلمانلار تەشكىلاتلىرى بىلەن زىچ ھەمكارلىشىپ ئىش ئېلىپ بارماقتا ئىكەن.

بۇ قېتىمقى يىغىندا د ئۇ ق نىڭ رەئىس ۋەكىلى، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن ئەپەندىمۇ نۇتۇق سۆزلەپ، نۇقتىلىق ھالدا شەرقىي تۈركىستاندا داۋام قىلىۋاتقان دىنىي زۇلۇم توغرىسىدا مەلۇماتلار بەرگەن.

16-ئىيۇلدىن بۇيان ئامېرىكىدا زىيارەتتە بولۇۋاتقان د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى 21-ئىيۇل لوندوندا چاقىرىلغان بۇ يىغىنغا ئۈلگۈرۈپ كېلىپ، ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ئۆتمۈشى، بۈگۈنى ۋە نۆۋەتتىكى پاجىئەلىك ۋەزىيىتى توغرىسىدا تەپسىلىي دوكلات تەقدىم قىلغان. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مۇسۇلمان ئەللىرىنىڭ كۆپلىگەن خەلقئارالىق تەشكىلاتلىرىنىڭ مەركىزى لوندونغا جايلاشقان بولۇپ، بۇ يەردىكى مۇسۇلمان تەشكىلاتلىرىنى ھەرىكەتكە كەلتۈرۈش ئۇيغۇرلارنىڭ جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىگە سۈكۈت قىلىش پوزىتسىيەسىنى تۇتۇۋاتقان پۈتۈن دۇنيادىكى مۇسۇلمانلارنى ئويغىتىشتا تۈرتكىلىك رول ئوينايدىكەن.

بۇ قېتىمقى يىغىندىن كېيىن د ئۇ ق رەھبەرلىرى بىلەن ئەنگلىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى خادىملىرى ئوتتۇرىسىدا مەزكۇر تەشكىلاتنى تېخىمۇ كۈچەيتىش ھەمدە لوندوندىكى پائالىيەتلەرنىڭ كۆلىمىنى يەنىمۇ كېڭەيتىش مەسىلىسى توغرىسىدا سۆھبەتلەر ئېلىپ بېرىلغان.

تولۇق بەت