دوكتور مەغپىرەت كامال خانىم ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەخپىنىڭ يېڭى نۆۋەتلىك رەئىسى بولۇپ سايلاندى
2023.08.01
29-ئىيۇل كۈنى مەركىزى ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەخپىنىڭ ئىدارە ھەيئەت سايلىمى ئېلىپ بېرىلدى. ئىستانبۇل بەيكەنت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، دوكتور مەغپىرەت كامال خانىم ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەخپىنىڭ رەئىسى بولۇپ سايلاندى.
دوكتور مەغپىرەت كامال خانىم بۇ مۇناسىۋەت بىلەن رادىيومىزنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «خەلقىمىز ماڭا ئىشەنچ قىلغانلىقى ئۈچۈن، بۇ قىيىن ۋە شەرەپلىك ۋەزىپىنى ماڭا تاپشۇردى، دەپ ئويلايمەن. ھالبۇكى، بۇ ۋەزىپە ھەقىقەتەنمۇ ئاسان بىر خىزمەت ئەمەس، ئەمما مەن يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىگە ئارىلىشىپ كېلىۋاتىمەن. شۇڭا ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ خىزمەتلىرى ۋە سىستېمىسىنى ياخشى چۈشىنىمەن.»
دوكتور مەغپىرەت خانىم سۆزىدە يەنە ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەخپىنى ئۆزىنىڭ ئائىلىسى دەپ قارايدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ راۋاجلىنىشى، مۇۋەپپەقىيەتلىرى ۋە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىدىن پەخىرلىنىدىغانلىقىنى، بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ تىرىشىپ ئىشلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
دوكتور مەغپىرەت كامال خانىم ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى تەشكىلاتلىرىنىڭ 14 يىللىق مۇساپىسىدىكى تۇنجى ئايال رەئىس بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.
دوكتور مەغپىرەت كامال خانىم ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ رەئىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن بۇنىڭدىن كېيىن ئېلىپ بارماقچى بولغان خىزمەت پىلانلىرى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ۋەخپى قۇرۇلغاندىن بۇيان ياشلارنى تەربىيەلەشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ كەلدى. بولۇپمۇ ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنى بىر يەرگە جەم قىلىپ، ئۇيغۇر تىلى، تارىخى ۋە مەدەنىيىتى ساھەسىدە ئىلمىي تۆھپىلىرىنى قوشۇشقا، ۋەتىنى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشقا يېتەكلەپ كەلدى. بىز بۇنىڭدىن كېيىنمۇ ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا ئوقۇش راسخوتى ۋە مۇكاپات سوممىسى بېرىشنى داۋاملاشتۇرىمىز، ھەر ساھەدىكى خىزمەتلەرنى تېخىمۇ ياخشى ئىشلەشنى داۋاملاشتۇرىمىز».
دوكتور مەغپىرەت خانىم سۆزىدە يەنە ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىگە ئانا تىلىنى ئوقۇتۇش، ئۇنىۋېرىستېتلارغا ئۆتۈش ئۈچۈن تەييارلىق كۇرسلىرى ئېچىش، چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇر ياشلىرى ئۈچۈن دەرسلىك ماتېرىياللارنى تۈزۈش قاتارلىق ئىش پىلانلىرى ھەققىدىمۇ توختىلىپ ئۆتتى.
بىز ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەخپىنىڭ بۇ قېتىملىق سايلىمى توغرىسىدا تېخىمۇ كۆپ مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ باش كاتىپى ئابدۇلھەمىد قاراخان بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
ئابدۇلھەمىد قاراخاننىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەخپىنىڭ نىزامنامىسىگە ئاساسەن، 29-ئىيۇل كۈنى ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەخپىنىڭ ئىدارە ھەيئىتى ۋە ئەزالىرى تور ئارقىلىق سايلام ئېلىپ بارغان. سايلامدا دوكتور مەغپىرەت كامال خانىم كۆپ سانلىق ئاۋاز بىلەن ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەخپىنىڭ بۇ نۆۋەتلىك رەئىسلىكىگە سايلانغان.
ئابدۇلھەمىد قاراخاننىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەخپىنىڭ سابىق رەئىسى دوكتور پەرھات قۇربان تەڭرىتاغلى سالامەتلىك سەۋەبىدىن رەئىسلىك ۋەزىپىسىدىن مۇددەتتىن بۇرۇن ئىستېپا بەرگەن ئىكەن.
ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ۋەخپىنىڭ ھازىر 7 كىشىلىك دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى، 7 كىشىلىك زاپاس ئىدارە ھەيئەت ئازاسى، شۇنداقلا 6 كىشىلىك نازارەت ھەيئىتى بولۇپ، جەمئىي 20 كىشى ۋەزىپە ئۆتىمەكتە ئىكەن.
ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ باش كاتىپى ئابدۇلھەمىد قاراخاننىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەخپى، مەركىزى ئامېرىكاغا يۆتكەلگەن خەلقئارا ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ تۈركىيەدىكى تارمىقى ھېسابلىنىدىكەن.
ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى 2009-يىلى ئىستانبۇلدا قۇرۇلغان بولۇپ، ھازىر بۇ ئاكادېمىيەنىڭ ئامېرىكا، كانادا، ياۋروپا، ئاۋسترالىيە، ياپونىيە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدە 7 تارماق شۆبىسى بار ئىكەن.