مۇخبىرىمىزنىڭ تېلېفونىنى قوبۇل قىلغان كېرىيە تۈرمىسىنىڭ بىر ئەترەت باشلىقى تۈرمىدە مەھبۇسلارنىڭ ئېغىر ئەمگەككە سېلىنىدىغانلىقىنى يوشۇرمىغان بولسىمۇ، ئەمگەك مەيدانىدا تاياق-توقماق ۋە تىل-ھاقارەتكە ئۇچرايدىغانلىقىنى ئىنكار قىلدى. مەزكۇر تۈرمىدە جازا ئۆتەپ چىققان مۇھاجىرەتتىكى بىر سابىق مەھبۇس، ئەمگەك مەيدانىدا ئاكتىپ بولمىغانلارنىڭ تۈرمە قورۇسىغا قايتقاندىن كېيىن «ئايروپىلان ھەيدەش» ، «موتوسىكلىت مىنىش» ۋە «تام يۆلەش» قاتارلىق ناملاردىكى ھەر خىل جازالارغا ئۇچرايدىغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.
كېرىيە تۈرمىسىدىن تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر ئەترەت باشلىقى، ئەمگەك مەيدانىدىكى مەھبۇسلارنىڭ تەھدىت ئاستىدا ئىشقا سېلىنىدىغانلىقى ۋە قاتتىق نازارەت قىلىنىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان بولسىمۇ، ئەمگەك جەريانى ياكى ئالدى-كەينىدە تاياق-توقماق ۋە تىل-ھاقارەتكە ئۇچرايدىغانلىقىنى ئىنكار قىلدى. ئەمما مەزكۇر تۈرمىدە جازا مۇددىتىنى ئۆتەپ چىققان ۋە نۆۋەتتە چەتئەلدە ياشاۋاتقان بىر سابىق مەھبۇس تۈرمىدە مەھبۇسلارنىڭ تاياق ۋە توك كالتەك زەربىلىرىگە ھەر كۈنى ئۇچراپ تۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
ئۇنىڭ دېيىشىچە، ئەمگەك مەيدانىدا، مەھبۇسلار ئىزچىل ھالدا يوقلىما قىلىنىپ تۇرىدىكەن. يوقلىمىغا خىتاي تىلىدا ئۈنلۈك جاۋاب قايتۇرۇشى تەلەپ قىلىنىدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا مەھبۇسلارنىڭ ئەمگەك مەيدانىدا تىك ئۆرە تۇرۇشىمۇ، ئولتۇرۇۋېلىشىمۇ چەكلىنىدىكەن.
ھەر كۈنى ئەمگەك مەيدانىدىن قايتقاندا تۈرمە قورۇسىدا خۇلاسە يىغىنى ئېچىلىپ، ئەمگەك جەريانىدا تۈزۈمگە خىلاپلىق قىلغانلار جازالىنىدىكەن. ئۇنىڭ يەنە ئەسكەرتىشىچە، ھەر كۈنلۈك ئەمگەكتىن كېيىن چوقۇم بىر نەچچە «گۇناھكار» تېپىپ چىقىلىدىكەن. بۇلاردىن «گۇناھى» ئېغىرراقلىرى قاراڭغۇ كامىرىغا سولاش، تورۇسقا ئېسىپ قويۇش ۋە توك كالتەك جازالىرىغا ئۇچرايدىكەن. ئەڭ يەڭگىللىرى يەنى ئەمگەك مەيدانىدا «ئاكتىپ بولمىدى» دەپ قارالغانلار بولسا «ئايروپىلان ھەيدەش» ، «موتوسىكلىت مىنىش» ۋە «تام يۆلەش» دېگەندەك ناملار بىلەن ئاتالغان ھەر خىل جازالارغا ئۇچرايدىكەن. ئۇ بۇ ئۈچ خىل جازانى تۆۋەندىكىچە تەرىپلەيدۇ.
سابىق مەھبۇس، چىرايلىق ناملار بىلەن ئاتالغان ۋە قارىماققا يەڭگىلدەك كۆرۈنىدىغان بۇ جازلار سائەتلەپ داۋام قىلىدىغان بولغاچقا، مەھبۇسلارنى چارچىتىپلا قالماستىن، بەزىدە ھوشىدىن كەتكۈزۈۋېتىدىغانلىقىنى بايان قىلدى. ئۇ يەنە بەزى مەھبۇسلارنىڭ مۇشۇ خىل جازادىن ياكى ئېغىر ئەمگەكتىن ساقلىنىش مەقسىتىدە بەزىدە پۇت قوللىرىنى قەستەن سۇندۇرۇۋېلىش يولىنى تۇتىدىغانلىقىنىمۇ ئەسكەرتتى.
ئۆتكەن ئايدا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان سابىق مەھبۇس ۋە شائىر ئابدۇرېھىم پاراچمۇ تۈرمىنىڭ ئەمگەك مەيدانىدا ھەر خىل قىيىن-قىستاقلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى تىلغا ئېلىش بىلەن بىرلىكتە، بۇ خىل قىيىن-قىستاقلار نەتىجىسىدە كېلىپ چىققان ھەرقانداق پاجىئەلىك ئاقىۋەتنى سۈرۈشتە قىلىدىغان بىر ئورگان ياكى شەخسنىڭ يوق ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالغانىدى.
يۇقىرىدا، كېرىيە تۈرمىسىنىڭ ئەمگەك مەيدانىدىكى زورلۇق-زومبۇلۇق ۋە قىيىن-قىستاقلار ھەققىدە مەلۇمات بەردۇق.
