2-ئاينىڭ 28-كۈنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن مەرھۇم ئۇيغۇر گېنېرال مەھمەت رىزا بېكىن ۋاپاتىنىڭ 11 يىللىقى خاتىرىلەندى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن مەرھۇمنى خاتىرلەش ۋە ئىش-ئىزلىرىنى تونۇشتۇرۇش تور يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.
تور يىغىنىدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا، مەرھۇم بىلەن ئۇزۇن يىل بىللە خىزمەت قىلغان شەرقىي تۈركسىتان ۋەخپىنىڭ سابىق رەئىسى ھامۇت گۆكتۈرك، بەيكەنت ئۇنىۋېرىستېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دوكتۇر مەغپىرەت كامال خانىم قاتارلىق كىشىلەر سۆز قىلدى ھەمدە مەرھۇمنىڭ ھايات ۋاقتىدىكى ئىش-ئىزلىرىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى.
يىغىنغا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات مۇھەممىدى رىياسەتچىلىك قىلدى. مەرھۇمنىڭ ئوغلى ئىلتار بېكىن بىلەن قىزى ئىدىل بېكىن دادىسى ھەققىدە سۆز قىلدى.
دولقۇن ئەيسا ئەپەندى مەرھۇم گېنېرال مەھمەت رىزا بېكىننىڭ ھاياتى توغرىسىدا توختىلىپ، مەرھۇمنىڭ تۈركىيە ئارمىيەسىدە يۇقىرى دەرىجىلىك گېنىرال بولۇپ خىزمەت قىلغانلىقىنى، ئۇنىڭ تۈركىيە ئارمىيەسىدە خىزمەت كۆرسەتكەندىن سىرت يەنە شەرقىي تۈركىستان مىللىي دەۋاسى ئۈچۈنمۇ كۆپلىگەن خىزمەتلەرنى قىلغان بىر رەھبەر ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
دولقۇن ئەيسا ئەپەندى يەنە مەرھۇمنىڭ 1992-يىلى ئىستانبۇلدا چاقىرىلغان شەرقىي تۈركىستان مىللىي قۇرۇلتىيىنىڭ ئېچىلىشىغا ساھىپخانلىق قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
دولقۇن ئەيسا ئەپەندى مەرھۇمنىڭ ھايات ۋاقتىدا ئۇيغۇر ياشلىرىنى ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇتۇشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەنلىكىنى، شەخسەن ئۆزىنىڭ 1990-يىللاردا دەسلەپ كەلگىنىدە مەرھۇمنىڭ ئۇنى تۈركىيەدىكى ئالىي مەكتەپكە ئورۇنلاشتۇرۇپ ئوقۇتقانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.
مەرھۇم مەھمەت رىزا بېكىننىڭ ئوغلى ئىلتەر بەكىن ئەپەندى سۆز قىلىپ، ئالدى بىلەن دادىسىنىڭ ھاياتى ۋە ئىش-ئىزلىرىنى ئەسلەپ ئۆتتى. مەرھۇم دادىسىنىڭ تۈركىيەدە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى يېتىشتۇرۇشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئىلتەر بېكىن ئەپەندى ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى توغرىسىدىمۇ پىكىر بايان قىلىپ، مۇنداق دېدى: «ئامېرىكا، كانادا ۋە گوللانىدىيە قاتارلىق ئۈچ دۆلەت خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم ۋە زۇلۇملىرىنى ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق› ۋە ‹ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت› دەپ تونۇدى. مەن غەرب ئەللىرىدە تېخىمۇ كۆپ دۆلەتلەرنىڭ بۇنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. تۈركىيەمۇ بۇ مەسىلىدە چوقۇم بىر قەدەم بېسىشى كېرەك. تۈركىيە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە ئەڭ باشتا ئىگە چىقىشى كېرەك. بىز تۈركىيەنىڭ خىتاينىڭ بۇ قىلمىشلىرىنى ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق› دەپ قوبۇل قىلىشىنى كۈتىۋاتىمىز. شەخسەن مەن ۋاقىتنىڭ ئۆتۈپ كېتىۋاتقانلىقىدىن ئەندىشە قىلىۋاتىمەن.»
مەرھۇم مەھمەت رىزا بەكىن بىلەن ئۇزۇن يىل بىرگە خىزمەت قىلغان شەرقىي تۈركسىتان ۋەخپىنىڭ سابىق رەئىسى ھامۇت گۆكتۈرك ئەپەندى مەرھۇمنىڭ ھاياتى ۋە ئىش-ئىزلىرى توغرىسىدا توختىلىپ، مەرھۇمنىڭ ھايات ۋاقتىدا ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ تۈركىيەدە ئوقۇپ يېتىشىپ چىقىشى ئۈچۈن كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسەتكەنلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.
ھامۇت گۆكتۈرك ئەپەندى مەرھۇمنىڭ تۈركىيە ئارمىيەسىدە كۆرسەتكەن خىزمەتلىرىدىكى شان-شەرىپى ۋە يوقىرى ئابرويىنى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ پايدىسى ئۈچۈن ئىشلەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ھامۇت گۆكتۈرك ئەپەندى مەرھۇمنىڭ ھاياتى توغرىسىدا توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «مەرھۇم مەھمەت رىزا بېكىن تۈركىيەدە ھەربىي ساھەدە ئوقۇپ يېتىشكەن ۋە گېنىراللىق ئۇنۋانى ئالغان ئۇيغۇر شەخستۇر. ئۇ 1938-يىلىدىن 1977-يىلىغىچە ھاياتىنىڭ 39 يىلىنى تۈركىيە ئارمىسىيىدە، 1977-يىلىدىن 1988-يىلىغىچە بولغان 11 يىللىق ھاياتىنى تۈركىيەنىڭ دۆلەت ئىشلىرى ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ ئۆتكۈزگەن ئىدى. 1986-يىلدىن كېيىن تاكى ھاياتىنىڭ ئاخىرىغىچە ئۇ تۈركىيەدىكى شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىگە مەسئۇل بولۇپ، ۋەتىنى ۋە خەلقى ئۈچۈن خىزمەت قىلغان بىر ئىنسان ئىدى.»
پەرھات مۇھەممىدى مۇنداق دېدى: «مەرھۇم گېنىرال مەھمەت رىزا بېكىن چەت ئەلدە ئوقۇپ يېتىشىپ چىققان ۋە تۈركىيە ئارمىيەسىىدە خىزمەت قىلغان بىردىن بىر گېنېرالىمىز ئىدى. مەرھۇم 1925-يىلى خوتەن شەھىرىدە تۇغۇلغان، 1933-يىلىدىكى خوتەن ھۆكۈمىتىنىڭ ئەمىرى مەرھۇم مۇھەممەدئىمىن بۇغرانىڭ قېيىنئىنىسى ئىدى. 1934-يىلى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى يىقىلغان ۋاقىتتا 9 ياشقا كىرگەن مەھمەت رىزا بېكىن قېينىئاكىسى، مىللىي ئىنقىلابچىمىز مۇھەممەدئىمىن بۇغرا بىلەن بىللە ئافغانىستانغا قېچىپ چىقىپ، كابۇل شەھىرىگە ئورۇنلاشقان. 1938-يىلى مەھمەت رىزا بېكىن مۇھەممەدئىمىن بۇغرانىڭ تەشەببۇسى ۋە تۈركىينىڭ ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى مەمدۇھ شەۋكەت ئەسەندالنىڭ ياردىمى بىلەن تۈركىيەگە كېلىپ، تۈركىيە مالتەپە ئەسكەرلىك ئوتتۇرا مەكتىپىدە ئوقۇغان. 1944-يىلى ئەسكەرلىك ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ، 1944-يىلىدىن 1948-يىلغىچە تۈركىيە قورۇقلۇق ئارمىيەسى توپچىلار قىسمىدا ئوقۇغان. ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن، يەنى 1948-يىلى تۈركىيە ئارمىيەسىدە رەسمى ھەربىي ئوفىتسېر بولۇپ خىزمەت قىلىشقا باشلىغان. 1950-يىلى كورىيە ئۇرۇشى يۈز بەرگەندە، ب د ت ھەربىي قىسىملىرى تەركىبىدىكى 1-تۈرك پولكىنىڭ زەمبىرەكچىلەر باتالىيونىنىڭ قۇماندانى بولۇپ كوممۇنىست خىتاي ۋە شىمالىي كورىيەگە قارشى ئۇرۇشقا قاتناشقان. ئۇرۇشتا خىزمەت كۆرسىتىپ، باھادىرلىق شەرىپىگە ئېرىشكەن. كورىيە ئۇرۇشىدىن قەھرىمانلىق ئۇنۋانى بىلەن قايتقان مەھمەت رىزا بېكىن تۈركىيە ئارمىيەسىدە گېنېرال ۋە ھەربىي مەسلىھەتچى بولۇپ تۈرلۈك جايلاردا خىزمەت قىلغان. 1973-يىلى گېنېرال مايۇرلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. 1977-يىلى ھەربىيلىكتىن دەم ئېلىشقا چىققان. 1986-يىلى ئىستانبۇلدا قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىپ، مىللىي دەۋايىمىزنىڭ تۈركىيەدىكى تەسىرىنى يوقىرى كۆتۈرگەن.»
مەرھۇم گېنېرال مەھمەت رىزا بېكىن 2010-يىلى 2-ئاينىڭ 16-كۈنى كېسەللىك سەۋەبى بىلەن 85 يېشىدا ئەنقەردە ۋاپات بولغان.