ئالمۇتادا مەرھۇم ئەدەبىياتشۇناس ۋە ئاكادېمىك ماھمۇت ئابدۇراخمانوف خاتىرىلەندى

ئالمۇتادىن ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان تەييارلىدى
2024.08.13
mahmut-abdurahmanof-02

ئەدەبىياتشۇناس، ئاكادېمىك ماھمۇت ئابدۇراخمانوف تۇغۇلغانلىقىنىڭ 90 يىللىقىغا بېغىشلانغان مۇراسىمدىن كۆرۈنۈش. 2024-يىلى ئاۋغۇست، ئالمۇتا RFA/Oyghan

mahmut-abdurahmanof-01

ئەدەبىياتشۇناس، ئاكادېمىك ماھمۇت ئابدۇراخمانوف تۇغۇلغانلىقىنىڭ 90 يىللىقىغا بېغىشلانغان مۇراسىمدىن كۆرۈنۈش. 2024-يىلى ئاۋغۇست، ئالمۇتا RFA/Oyghan

mahmut-abdurahmanof-03

ئەدەبىياتشۇناس، ئاكادېمىك ماھمۇت ئابدۇراخمانوف تۇغۇلغانلىقىنىڭ 90 يىللىقىغا بېغىشلانغان مۇراسىمدىن كۆرۈنۈش. 2024-يىلى ئاۋغۇست، ئالمۇتا RFA/Oyghan

mahmut-abdurahmanof-04

ئەدەبىياتشۇناس، ئاكادېمىك ماھمۇت ئابدۇراخمانوف تۇغۇلغانلىقىنىڭ 90 يىللىقىغا بېغىشلانغان مۇراسىمدىن كۆرۈنۈش. 2024-يىلى ئاۋغۇست، ئالمۇتا RFA/Oyghan

mahmut-abdurahmanof-05

ئەدەبىياتشۇناس، ئاكادېمىك ماھمۇت ئابدۇراخمانوف تۇغۇلغانلىقىنىڭ 90 يىللىقىغا بېغىشلانغان مۇراسىمدىن كۆرۈنۈش. 2024-يىلى ئاۋغۇست، ئالمۇتا RFA/Oyghan

mahmut-abdurahmanof-06

ئەدەبىياتشۇناس، ئاكادېمىك ماھمۇت ئابدۇراخمانوف تۇغۇلغانلىقىنىڭ 90 يىللىقىغا بېغىشلانغان مۇراسىمدىن كۆرۈنۈش. 2024-يىلى ئاۋغۇست، ئالمۇتا RFA/Oyghan

mahmut-abdurahmanof-07

ئەدەبىياتشۇناس، ئاكادېمىك ماھمۇت ئابدۇراخمانوف تۇغۇلغانلىقىنىڭ 90 يىللىقىغا بېغىشلانغان مۇراسىمدىن كۆرۈنۈش. 2024-يىلى ئاۋغۇست، ئالمۇتا RFA/Oyghan

mahmut-abdurahmanof-08

ئەدەبىياتشۇناس، ئاكادېمىك ماھمۇت ئابدۇراخمانوف تۇغۇلغانلىقىنىڭ 90 يىللىقىغا بېغىشلانغان مۇراسىمدىن كۆرۈنۈش. 2024-يىلى ئاۋغۇست، ئالمۇتا RFA/Oyghan

mahmut-abdurahmanof-09

ئەدەبىياتشۇناس، ئاكادېمىك ماھمۇت ئابدۇراخمانوف تۇغۇلغانلىقىنىڭ 90 يىللىقىغا بېغىشلانغان مۇراسىمدىن كۆرۈنۈش. 2024-يىلى ئاۋغۇست، ئالمۇتا RFA/Oyghan

10-ئاۋغۇست كۈنى قازاقىستاننىڭ ئالمۇتا شەھىرىدىكى قۇددۇس غوجامياروف نامىدىكى دۆلەت ئاكادېمىيەلىك ئۇيغۇر مۇزىكا-كومېدىيە تىياتىرىدا كۆرنەكلىك ئالىم ۋە شائىر، ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى مەرھۇم ماھمۇت ئابدۇراخمانوف تۇغۇلغانلىقىنىڭ 90 يىللىقىغا بېغىشلانغان «سېغىندىم» ناملىق كونسېرت پىروگراممىسى كۆرسىتىلدى. ئۇنىڭغا ئۇيغۇر تىياتىرىنىڭ دىراما ئارتىسلىرى، «ناۋا» فولكلور ئانسامبىلى ۋە «رۇخسارە» ئۇسسۇل ئانسامبىلى قاتناشتى.

مەرھۇم ماھمۇت ئابدۇراخمانوفنىڭ 90 يىللىق تەۋەللۇتىنى 2024-يىلى خاتىرىلەش قازاقىستان يازغۇچىلار ئىتتىپاقى قارمىقىدىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى كېڭىشى تەرىپىدىن تەشەببۇس قىلىنغان ئىدى. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئۇيغۇر تىلىدا ئوقۇتۇلىدىغان مەكتەپلەردە مەخسۇس پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈش يولغا قويۇلدى. بۇنىڭدىن تاشقىرى جەمئىيەتلىك بىرلەشمىلەر، يۇرت-جامائەت ئاكتىپلىرى، زىيالىيلار ۋە باشقىلار بۇنىڭغا يېقىندىن ئارىلاشماقتا.

بىز بۇ مۇناسىۋەت بىلەن مەزكۇر پائالىيەتلەرنىڭ تەشەببۇسكارلىرىدىن بىرى، تاغ-كان ئىنژېنېرى، پىروفېسسور ئابدۇللام سامساقوفنى مەخسۇس زىيارەت قىلدۇق.

ئۇ، ئۇيغۇر تىياتىرىدىكى مۇراسىمنىڭ يۇقىرى سەۋىيەدە ئۆتكەنلىكىنى تەكىتلەپ، مۇنداق دېدى: «مەرھۇم ماھمۇت ئابدۇراخمانوفنىڭ شېئىرلىرىغا يېزىلغان ناخشا ۋە ‹ئاماننىساخان› دىرامىسىدىن ئۈزۈندىلەر كۆرسىتىلدى. كونسېرتنىڭ سېنارىيەسىنى يازغان گۈلباھار ناسىروۋا ئۆزىنىڭ ماھارىتىنى كۆرسەتتى، دەپ ئېيتسام خاتا بولمايدۇ. چۈنكى ھەر بىر ئېيتىلغان سۆز ئۈنچىدەك تىزىلىپ، مەرھۇم ماھمۇت ئابدۇراخمانوف ئەسلەپ ئۆتۈلدى. شۇنىڭدەك ناسىروۋانىڭ تەشەببۇسى بىلەن ۋىدىيولار كۆرسىتىلدى. كونسېرت نامىنىڭ ‹سېغىندىم› دەپ ئاتالغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەش كېرەك. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن بۇ ناخشا ئەلگە سىڭىپ، خەلق ناخشىسىغا ئايلىنىپ كەتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن بولسا كېرەك، بۇ ناخشىنى ‹ناۋا› ئانسامبىلى ئىجرا قىلغاندا زالدىكى 300گە يېقىن ئادەم ئورۇنلىرىدىن تۇرۇپ، تەڭ ئېيتىشىپ، خورغا ئايلىنىپ كەتتى.»

ئابدۇللام سامساقوف ئۆزىنىڭ تەشەببۇسكار سۈپىتىدە مەزكۇر تەۋەللۇتنى ئۆتكۈزۈش توغرىلىق خەۋەرنى قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان، تۈركىيە ۋە باشقىمۇ ئەللەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر ۋە باشقىمۇ قېرىنداشلارغا يوللىغانلىقىنى، ئۇلاردىن كۆپلىگەن ئىنكاسلارنىڭ كەلگەنلىكىنى، بولۇپمۇ ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر تىياتىرىغا مىننەتدارلىق بىلدۈرگەنلىكىنى بايان قىلدى.

ئابدۇللام سامساقوف ئاۋسترالىيەدە ياشاۋاتقان شائىر، جەمئىيەت ئەربابى ئەخمەت ئىگەمبەردىدىن كەلگەن خەۋەرنى ئاڭلاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئالىم يەنە مەرھۇم ماھمۇت ئابدۇراخمانوفقا بېغىشلانغان خاتىرە مۇراسىمىنىڭ شائىرنىڭ تۇغۇلغان يۇرتىدا داۋام قىلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ يۇرت-جامائەتچىلىكنىڭ شائىر دەپنە قىلىنغان غۇلجا يولىدا يىغىلىپ، ئۇ يەرنى تازىلاپ، قۇرئان تىلاۋەت قىلىپ، شائىرنى ئەسلىگەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇشۇ ئىشلارنىڭ بېشىدا تۇرغان تەشكەنساز ۋە باشقىمۇ يۇرتلارنىڭ بارلىق تۇرغۇنلىرىغا ئۆزىنىڭ چەكسىز مىننەتدارلىقىنى ئىزھار قىلدى.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان قۇددۇس غوجامياروف نامىدىكى دۆلەتلىك ئاكادېمىيەلىك ئۇيغۇر مۇزىكا-كومېدىيە تىياتىرىنىڭ ئارتىسى، قازاقىستاندا خىزمەت كۆرسەتكەن ئەرباب نۇرئالىم ۋارىسوف ئەپەندى، مەرھۇم ماھمۇت ئابدۇراخمانوفنىڭ كومپوزىتور سېلىمئاخۇن زەينالوف بىلەن ھەمكارلىشىپ كۆپلىگەن ناخشىلارنى ئىجات قىلغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ خەلق ئارىسىدا كەڭ تارالغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

«ئالاش» مۇكاپاتىنىڭ ساھىبى، ئاتاقلىق شائىر جەمشىت روزاخۇنوف ئەپەندى رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، مەرھۇم ماھمۇت ئابدۇراخمانوفنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيىتىگە ئۆز باھاسىنى بەردى. ئۇ شائىر پوئىېزىيەسىنىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكلىرىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتتى.

ماھمۇت ئابدۇراخمانوف 1934-يىلى ئالمۇتا ۋىلايىتى ئەمگەكچى قازاق ناھىيەسىنىڭ تەشكەنساز يېزىسىدا دۇنياغا كەلگەن. ئۇ 1958-يىلى ھازىرقى ئەل-فارابى نامىدىكى قازاق دۆلەتلىك ئۇنىۋېرسىتېتىنى تاماملاپ، ئەمگەك پائالىيىتىنى «كوممۇنىزم تۇغى» گېزىتىنىڭ رېداكسىياسىدە مۇخبىرلىقتىن باشلىغان. 1960-يىللاردىن تارتىپ شائىر سۈپىتىدە تونۇلۇشقا باشلىغان. ئۇنىڭ شېئىرلىرى «قەلب ناخشىلىرى»، «داۋانلار»، «قەدەملەر»، «تۈگۈنلەر» ۋە باشقىمۇ توپلاملىرىدا ئورۇن ئالغان.

مەرھۇم ماھمۇت ئابدۇراخمانوفنىڭ شاگىرتلىرىدىن بىر قاتار ئالىملار يېتىشىپ چىققان بولۇپ، شۇلارنىڭ بىرى فىلولوگىيە پەنلىرىنىڭ نامزات دوكتورى ھاكىمجان ھەمرايېف ئەپەندىدۇر. ئۇ، مۇنداق دېدى: «ماھمۇت ئاكا ئابدۇراخمانوفنىڭ ئىش-پائالىيىتىنى بىر نەچچە يۆنىلىشتە ئېيتىپ ئۆتۈشكە بولىدۇ. بىرىنچىدىن، ئۇنى بىز ئۇستاز، پېداگوك سۈپىتىدە ياخشى بىلىمىز. ئالمۇتادىكى ھازىرقى ئاباي نامىدىكى قازاق مىللىي پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ فىلولوگىيە فاكۇلتېتىدا 1980-يىلى ئۇيغۇر بۆلۈمى ئېچىلىپ، بىر نەچچە يىل مابەينىدە ئۇنىڭدىن يۈزلىگەن مۇئەللىملەر يېتىلىپ چىققان ئىدى. ئەنە شۇ ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ ئېچىلىشىدا خەلقىمىزنىڭ مۇنەۋۋەر پەرزەنتى، تىلشۇناس ئالىم، ئاكادېمىك غوجەخمەت سەدۋاقاسوف چوڭ رول ئوينىدى. ماھمۇت ئاكا شۇ ئۇيغۇر بۆلۈمىدە ئۇزۇن يىللار ئىشلىدى. ھازىر بۇ بۆلۈمنى تاماملىغانلار ئۇيغۇر تىلى ۋە ئەدەبىياتى پەنلىرىگە قوشۇمچە يەنە تارىخ، ئىنگلىز تىلى، باشلانغۇچ سىنىپ، قازاق تىلى ۋە باشقىمۇ پەنلەر بويىچە ئۇيغۇر مەكتەپلىرىدە بۈگۈنگىچە ياش ئەۋلادقا ساپالىق بىلىم ۋە تەربىيە بېرىۋاتىدۇ. ئەلۋەتتە، ماھمۇت ئاكا بىلەن بىرگە ئۆكتەبىر جامالدىنوف، تۇرسۇن ئالايېف، شېرىۋاخۇن باراتوف، داۋۇت ئىسىيېف، رۇسلان ئارزىيېف، پاتىگۈل مەقسەتوۋا قاتارلىق ئۇستازلارنىمۇ ئاتاپ ئۆتۈشكە بولىدۇ. ماھمۇت ئاكا ئۇزۇن يىللار داۋامىدا ئۇيغۇر تىلى ۋە ئەدەبىياتى بۆلۈمىنى باشقۇردى. بۇ جەھەتتە ئۇيغۇر بۆلۈمى فاكۇلتېت بويىچە ئۈلگىلىك بۆلۈملەر قاتارىغا كىرگەن ئىدى.»

ھاكىمجان ھەمرايېفنىڭ ئېيتىشىچە، مەرھۇم ماھمۇت ئابدۇراخمانوف ئۇيغۇر تىلىدىكى مەكتەپلەر ئۈچۈن ئوقۇش پىروگراممىلىرى ۋە قوراللىرىنى تەييارلاشتا ۋە تارىتىشتا ئاكتىپ ھەرىكەت قىلغان زىيالىيلارنىڭ بىرىكەن. ئۇ ئۆزىمۇ ئەدەبىيات بويىچە ئوقۇش دەرسلىكلىرىنى ۋە قوشۇمچە ماتېرىياللارنى ئېلان قىلىشقا يېقىندىن ئارىلاشقان.

مەرھۇم ماھمۇت ئابدۇراخمانوف يەنە ئالىم سۈپىتىدە پەقەت قازاقىستاندىلا ئەمەس، بەلكى ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە باشقىمۇ مەملىكەتلەردە تونۇلغان. ئۇنىڭ ئىلمىي پائالىيىتى قازاقىستان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ تارىخىنى تەتقىق قىلىشتىن ئىبارەت بولۇپ، بۇ جەھەتتە ئۇ كۆپلىگەن ئەمگەكلەرنى يېزىپ قالدۇرغان.

ھاكىمجان ھەمرايېف سۆزىنى داۋام قىلىپ، يەنە مۇنداق دېدى: «ماھمۇت ئاكا ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ ئاساسەن پوئېزىيە ژانىرىنى تەتقىق قىلىش بىلەن شۇغۇللاندى. ئەمما ئۇنىڭ ئىلمىي پائالىيىتىنى بۇنىڭ بىلەنلا چەكلەشكە بولمايدۇ، ئەلۋەتتە. سوۋېت دەۋرىدىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تارىخىنىڭ ئومۇمىي مەسىلىلىرىمۇ ئۇنىڭ دىققىتىدىن سىرت قالمىدى، يەنى پىروزا ۋە دىراماتورگىيە ساھەلىرىدىمۇ ئۈنۈملۈك ئىشلىدى. ئالىم شۇنداقلا كىلاسسىك ئۇيغۇر پوئېزىيەسى مەسىلىلىرى، سوۋېت دەۋرىگىچە بولغان ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىي ۋەتىنىدىكى ئەدەبىياتى ۋەكىللىرىنىڭ ئىجادىيىتى بويىچىمۇ ئىزدىنىپ، ئىلمىي مونوگرافىيەلىرىنى، توپلاملاردا، مەتبۇئات سەھىپىلىرىدە سالماقلىق، مەزمۇنلۇق ماقالىلىرىنى ئېلان قىلىپ تۇردى. ماھمۇت ئاكىنىڭ ئومۇمەن ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە قوشقا تۆھپىسى ياش كادىرلارنى تەييارلاشتىن ئىبارەت بولدى. ئۇ بولۇپمۇ ئەدەبىيات ساھەسىدە بىر قاتار پەن نامزاتلىرى ۋە دوكتورلىرىنى تەربىيەلەپ چىقاردى. بۇ يەردە شۇنداقلا ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىي ۋەتىنىمىزدىن كەلگەن بىر توپ ياش تەتقىقاتچىلارغا يار-يۆلەك بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىلمىي دەرىجە ئېلىشىغا تۈرتكە بولغانلىقىنىمۇ ئۇنتۇماسلىقىمىز كېرەك.»

مەرھۇم ماھمۇت ئابدۇراخمانوف 2013-يىلى 79 يېشىدا ۋاپات بولغان. ئۇ كېيىنكى يىللاردا «كۈرەش ۋە ھايات»، «قەلەم نەقىشلىرى» توپلاملىرىنى ئېلان قىلغان. ئۇ تەرجىمان سۈپىتىدىمۇ تونۇلغان بولۇپ، ئاباي، پۇشكىن، غامزاتوف، ئېرغالىيېف، قادىر مىرزائەلى، مولداغالىيېف ۋە باشقىمۇ ئاتاقلىق شائىرلارنىڭ ئەسەرلىرىنى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلغان. ئالىم ۋە شائىر ھاياتىنىڭ ئاخىرقى يىللىرى ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت ئىشلىرىغىمۇ ئاكتىپ ئارىلىشىپ، ئۆزىنىڭ بىر كىشىلىك پوزىتسىيەسىنى بىلدۈرۈپ كەلگەن.

ئۇنىڭ ئەمگىكى مۇناسىپ باھالىنىپ، قازاقىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ مائارىپ ئەلاچىسى، ئۇيغۇر ۋە ئەمگەكچى قازاق ناھىيەلىرىنىڭ پەخرىي پۇقراسى ئاتىلىپ، «قازاقىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىلىم-پەنىگە سىڭدۈرگەن ئەمگىكى ئۈچۈن» پەخرىي بەلگىسى ۋە باشقىمۇ بىر قاتار يارلىقلار بىلەن تەقدىرلەنگەن. ئۇيغۇر جامائەتچىلىكى مەرھۇم ماھمۇت ئابدۇراخمانوفنى يەنە جەمئىيەتلىك ئىشلارنىڭ پائال ئىشتىراكچىسى، ئۇيغۇر مىللىي مائارىپىنىڭ جانكۆيەرى سۈپىتىدىمۇ ياخشى بىلىدۇ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.