2008-يىلىدا مەھمۇد قەشقەرى تۇغۇلغانلىقىنىڭ 1000 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن تۈركىيە ياۋرو-ئاسىيا يازغۇچىلار جەمئىيىتى «خەلقئارالىق مەھمۇد قەشقەرى ھېكايە يېزىش مۇسابىقىسى» تەسىس قىلغان ئىدى.
مەزكۇر مۇسابىقىنىڭ 6-نۆۋەتلىكى ھازىر رەسمىي باشلاندى. ياۋرو-ئاسىيا يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ياقۇپ ئۆمەرئوغلىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ قېتىمقى مۇسابىقىنىڭ تېما تاللىشى ئەركىن بولۇپ، قاتناشقۇچىلار خالىغان تېمىنى خالىغان تۈركىي تىلىدا ھېكايە يېزىپ ئەۋەتسە بولىدىكەن. بۇ مۇسابىقىگە قاتنىشىشنى خالايدىغانلار يازغان ھېكايىلىرىنى 11-ئاينىڭ 15-كۈنىگىچە ئەۋەتسە بولىدىكەن. مۇسابىقىگە ئەۋەتىلگەن ھېكايىلەر باھالىنىپ، 2020-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنىگىچە ئېلان قىلىنىدىكەن. مۇسابىقىنىڭ خەلقئارالىق مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمى 2020-يىلى 12-ئايدا ئۆتكۈزۈلىدىكەن. ياقۇپ ئۆمەرئوغلى بۇ مۇسابىقىنىڭ تۈرك دۇنياسىغا ئورتاق ھېكايە يېزىش مۇسابىقىسى ئىكەنلىكىنى، شۇڭا ئۇيغۇرلارنىڭمۇ بۇ مۇسابىقىگە ئاكتىپلىق بىلەن قاتناشسا بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
بىز «مەھمۇد قەشقەرى ھېكايە يېزىش مۇسابىقىسى» توغرىسىدا تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن بۇ مۇسابىقىنى ئۇيۇشتۇرغان ياۋرو-ئاسىيا يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى ياقۇپ ئۆمەرئوغلۇ بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. ئۇ ئالدى بىلەن بۇ ھېكايە يېزىش مۇسابىقىسىنىڭ شەرتلىرى توغرىسىدا توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «بۇ يىل ‹مەھمۇد قەشقەرى ھېكايە يېزىش مۇسابىقىسى› نىڭ 6-نۆۋەتلىكىنى ئۆتكۈزۈۋاتىمىز. تۇنجى قېتىملىقى مەھمۇد قەشقەرى تۇغۇلغانلىقىنىڭ 1000-يىلى بولغان 2008-يىلىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئىدى. مەھمۇد قەشقەرى تۈركىي تىللىرى ئۈچۈن زور تۆھپە قوشقان مۇھىم شەخس بولغاچقا، ئۇنىڭ نامىدا 2 يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلۈۋاتىدۇ. شۇ يىلدىن بېرى داۋاملاشتۇرۇۋاتىمىز. بۇ يىل 6-نۆۋەتلىكى باشلاندى. قىزىققۇچىلار ئۇيغۇر تىلىدىمۇ ھېكايە يېزىپ، مۇسابىقىگە قاتناشسا بولىدۇ.»
مەزكۇر مۇسابىقىنى ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرى ۋە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى تۈركىي مىللەتلەرمۇ ئەزا بولغان مەركىزى ئەنقەرەدىكى «تۈركسوي»، يەنى «تۈرك كۈلتۈرى ۋە سەنئەتلىرى تەشكىلاتى» بىلەن «ياۋرو-ئايسا يازغۇچىلار ئۇيۇشمىسى» ئورتاق ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ تور بېتىدىكى ئېلاندا قاتناشقۇچىلارنىڭ تۆۋەندىكى شەرتلەرگە ئۇيغۇن بولۇشى كېرەكلىكى يېزىلغان: 1-ھېكايىلەر kmahmut2020@gmail.com دېگەن ئادرېسىقا ئەۋەتىلسە بولىدۇ؛ 2-مۇسابىقىگە ئەۋەتىلىدىغان ھېكايىلەر بۇرۇن ھېچقانداق بىر مۇسابىقىگە ئەۋەتىلمىگەن بولۇشى، ھەر قانداق بىر يەردە ئېلان قىلىنمىغان بولۇشى كېرەك؛ 3-مۇسابىقىنىڭ تېما تاللىشى ئەركىن بولۇپ، ھەرقانداق تېمىدا يازسا بولىدۇ؛ 4-قاتناشقۇچىلار ئەڭ كۆپ ئىككى ھېكايە بىلەن قاتناشسا بولىدۇ. ھېكايىنىڭ خەت سانى مىڭدىن ئون مىڭ خەتكىچە بولسا بولىدۇ؛ 5-ھېكايىنىڭ ئۈستىگە قاتناشقۇچىنىڭ پەقەتلا لەقەمى يېزىلىدۇ. ھېكايەنى يازغان كىشىنىڭ ھەقىقىي كىملىكىنى بىلدۈرىدىغان نەرسىلەرنى يېزىشقا بولمايدۇ، يازسا مۇسابىقىگە قاتنىشىش ھوقۇقى بىكار قىلىنىدۇ؛ 6-مۇسابىقىگە قاتناشقۇچى كىملىكىنىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخىسىنى، ئۆي ئادرېسىنى، قىسقىچە تەرجىمالى، تەخەللۇسى ۋە بىر تال فوتو سۈرىتىنى ئايرىم ئەۋەتىشى كېرەك؛ 7-ھېكايە كومپىيوتوردا 12 پوئىنتلىق قىلىپ يېزىلىشى كېرەك؛ 8-مۇسابىقىگە ئەۋەتىلگەن ھېكايە قايتۇرۇپ بېرىلمەيدۇ؛ 9-مۇسابىقىدە مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ھېكايەلەرنى ئېلان قىلىش ھوقۇقى «ياۋرو-ئاسيا يازغۇچىلار جەمئىيىتى» گە ئائىت بولىدۇ.
مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بايان قىلىشىچە بۈگۈن دۇنيادا 40 ئەتراپىدا تۈركىي تىلى بار ئىكەن. «خەلقئارالىق مەھمۇد قەشقەرى ھېكايە يېزىش مۇسابىقىسى» گە تۈرك دۇنياسىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى تۈركىي تىللىق كىشىلەر ئۆز ئانا تىلىدا ھېكايە يېزىپ قاتناشسا بولىدىكەن.
دوكتور ياقۇپ ئۆمەرئوغلۇ بۇ مۇسابىقىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكلىرىدىن بىرىنىڭ ھېكايىلەرنى ھەرقانداق بىر تۈركىي تىلىدا يازسا بولىدىغانلىقى ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ، مۇنداق دېدى: «بۇ تۈركىي خەلقلەر ئىچىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان بىردىن-بىر خەلقئارالىق مۇسابىقە. بۇ مۇسابىقىنىڭ سىرتىدا پەقەتلا تۈركىي تىللىرىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان بۇنداق بىر مۇسابىقە يوق دەپ ئويلايمەن. ‹دىۋان لۇغەت تۈرك› (تۈركىي تىللار دىۋانى) ناملىق بۇ ئەسەر پۈتۈن تۈركىي مىللەتلەرنىڭ ئورتاق ئىنسىكلوپېدىيەسى. بۇ مۇسابىقە مەھمۇد قەشقەرىنىڭ نامىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇسابىقە بولغاچقا، قاتناشقۇچىلار تۈركىي تىللارنىڭ ھەرقانداق بىرىدە ھېكايە يېزىپ ئەۋەتسە بولىدۇ.»
دوكتور ياقۇپ ئۆمەرئوغلى ئۇيغۇر دىيارىدىكى يازارلارنىڭ ھېكايە يېزىپ ئەۋەتىش مۇمكىنچىلىكى يوق بولسىمۇ، ئەمما چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ مۇسابىقىگە ئاكتىپ قاتناشسا بولىدىغانلىقىنى، ئۇيغۇر تىلىدا ھېكايە يېزىپ ئەۋەتسىمۇ بولىدىغانلىقىنى ئېيتىپ، مۇنداق دېدى: «قەيەردە تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇرلار بولسا بولسۇن، ئۇيغۇر تىلىدا ئۆزى خالىغان تېمىدا ھېكايە يېزىپ بىزنىڭ ئېلخەت ئادرېسىمىزغا ئەۋەتسە بولىدۇ. ھېكايە ئەۋەتكۈچىنىڭ چوقۇم شەرقىي تۈركىستاندا تۇرۇۋاتقان بولۇشى كېرەك دەيدىغان بىر شەرتىمىز يوق. شەرتىمىز ئۇيغۇر تىلىدا ھېكايە يازالايدىغان بولۇش، يەنى ئۇيغۇر تىلىدا ھېكايە يېزىپ بىزنىڭ ئېلخەت ئادرەسىمىزشا ئەۋەتسىلا بولىدۇ. بىز شۇنى ئۈمىد قىلىمىز.»
0:00 / 0:00