ئالدىنقى پروگراممىمىز ئامېرىكالىق ياش ئۇيغۇرشۇناس، «ئۇيغۇر تارىخىنىڭ مۇقەددەس يوللىرى» ناملىق كىتابنىڭ ئاپتورى رايان سام ئەپەندىنىڭ مۇنۇ سۆزلىرى بىلەن ئاخىرلاشقان ئىدى: «خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىنى قايتا يېزىپ چىقىش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزلىرى ھەققىدىكى تەپەككۇرىنى ئۆزگەرتىشنى نىشان قىلماقتا.»
رايان سام ئەپەندى سۆھبىتىمىزنىڭ داۋامىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىنى قايتىدىن يېزىپ چىقىپ، ئۇيغۇرلارنى «ئۆزىنى تونۇماس» قىلىۋېتىش ياكى مىللىي كىملىكىدىن ئايرىۋېتىش ئۈچۈن مەھمۇد كاشغەرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ قەلبىدىكى ئورنى تەپەككۇرىدىكى ئىزلىرىنى ئۆچۈرۈپ تاشلاشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: «خىتاي ھۆكۈمىتى قاراخانىيلارنىڭ زەپەر قازانغان خاقانى ئەلى ئارسلانخاننى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەر خىل شەكىللەردە خاتىرىلىشىگە ئىنتايىن تەسلىكتە چىداپ تۇرغان. قاراخانىيلار سۇلالىسىدىكى مەدەنىيەت ۋە ئىلىم-پەننىڭ يەنە بىر يۈكسەك ئوبرازى مەھمۇت كاشغەرى ئىدى. مەھمۇد كاشغەرى قاراخانىيلارنىڭ خان جەمەتىدىن ئىدى. ئۇنىڭ ئەسىرىدە يۈكسەك دەرىجىدە ‹ۋەتەنپەرۋەرلىك›، ‹تۈركسۆيەرلىك› ئىدىيىسى ئىپادىلەنگەن ئىدى. كىتابتا باشتىن-ئاخىرى تۈركلۈك روھىغا بولغان مەدھىيە، ئۆز ئىرقىدىن پەخىرلىنىش ھىسسياتى يەر ئالغان بولۇپ، تۈركلەرنىڭ نەقەدەر قەھرىمان بىر مىللەت ئىكەنلىكى كۆپ جايدا تىلغا ئېلىنىدۇ. كىتابتا يەنە 11-ئەسىردە ياشاۋاتقان خەلقلەر ئارىسىدا تۈركلەرنىڭ ھەم ئەقىللىق ھەم ياخشى نىيەتلىك كىشىلەر ئىكەنلىكى، تەڭرى تەرىپىدىن ئاتا قېلىنغان دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى جاي-ئوتتۇرا ئاسىيانى ۋەتەن تۇتۇپ ياشايدىغان ئەڭ بەختلىك كىشىلەر ئىكەنلىكىنى بايان قىلىدۇ. دەرۋەقە، ئۇ ۋاقىتتا تۈركلەر يەرشارىنىڭ كۆپ قىسمىنى كونترول قىلاتتى.»
رايان سام ئەپەندى ناھايىتى مەنىلىك قىلىپ، سۆزىنى مۇنداق داۋام قىلدى: «مېنىڭچە، خىتاي دائىرىلىرى ‹تۈركىي تىللار دىۋانى› نى ئەستايىدىل ئوقۇپ چىقىپ ئاندىن ئۇنىڭ ئىچىدىن مۇشۇ مەزمۇنلارنى ‹سۈزۈۋالغان› دەپ قارىمايمەن، مەھمۇد كاشىغەرىنىڭ كىتابىدىكى خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئەنسىرەتكەن ئەسلى ئامىللارمۇ مۇشۇلار ئىدى.»
مەلۇم بولغىنىدەك، «تۈركىي تىللار دىۋانى» بۈيۈك تىلچى مەھمۇد كاشغەرى تەرىپىدىن يېزىلىپ، باغدادتىكى ئابباسىلار ئىمپىرىيەسىنىڭ خەلىپىسىگە تەقدىم قىلىنغان. كېيىنكى ئۇزاق تارىخ جەريانىدا بۇ ئەسەر يوقىلىپ كەتكەن. 1914-يىلى ئەلى ئەمىرى ئەپەندى تەرىپىدىن ئىستانبۇلدىكى بىر كونا كىتابچىدىن سېتىۋېلىنغان. بۇ شاھانە ئەسەرنى تىلشۇناس كىلسلى رىفات ئەپەندى بىر قانچە يىل ئىچىدە نەشرگە تەييارلاپ، تۇنجى قېتىم مەتبەئەدە بېسىپ چىققان.
شۇنىڭدىن كېيىن «تۈركىي تىللار دىۋانى» نىڭ قايتا بايقالغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەر ناھايىتى تېز دۇنياغا تارقىلىدۇ. تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرغۇچىسى ۋە تۇنجى رەئىسى ئاتاتۈرك باشچىلىقىدا 1932-يىلى 9-ئاينىڭ 26-كۈنى ئىستانبۇلدىكى دولماباھچە سارىيىدا تۇنجى قېتىملىق تۈرك تىلى قۇرۇلتىيى ئۆتكۈزۈلىدۇ. قۇرۇلتايدىن كېيىن تۈرك تىل تەتقىقات جەمئىيىتى كىلىسلى رىفات ئەپەندىگە «تۈركىي تىللار دىۋانى» سۆزلۈكلىرىنى توپلاش ۋە ئەسەرنى تەرجىمە قىلىش ۋەزىپىسىنى تاپشۇرىدۇ، لېكىن بەزى سەۋەبلەر تۈپەيلى بېسىم ئاتالاي ئەپەندى بۇ ۋەزىپىنى ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ ۋە 1940-يىلدىن 1941-يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا ئۈچ توملۇق «تۈركىي تىللار دىۋانى» نىڭ تۈركچە نۇسخىسى نەشر قىلىنىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن بۇ بۈيۈك ئەسەر ھەر خىل تىللارغا تەرجىمە قىلىنىپ دۇنياغا تارقىلىدۇ.
1980-يىللارنىڭ باشلىرىدا ئابدۇرەھىم ئۆتكۈر، ئەھمەد زىيائى، ئىبراھىم مۇتىھى، مىرسۇلتان ئوسمان قاتارلىق ئۇيغۇر ئالىملىرىدىن تەشكىللەنگەن بىر گۇرۇپپا تەتقىقاتچىلار «تۈركىي تىللار دىۋانى» نىڭ ئۇيغۇرچە نەشرىنى ئىشلەشكە باشلايدۇ. «تۈركىي تىللار دىۋانى» نىڭ ئۇيغۇرچە نەشرى 1983-1984-يىللىرى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن 3 توم بولۇپ نەشردىن چىقىدۇ. «تۈركىي تىللار دىۋانى» نىڭ خىتايچە تەرجىمىسى ئۇيغۇرچە نەشرى ئاساسىدا ئىشلىنىپ، 1990-يىللاردا بېيجىڭدىكى مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىدۇ.
خىتاي تەتقىقاتچىلىرى ئەينى يىللاردا «تۈركىي تىللار دىۋانى» ناملىق بۈيۈك قامۇسنىڭ «ئۇيغۇرلارنىڭ بۈيۈك ئالىمى» مەھمۇد كاشغەرىنىڭ تۈركولوگىيە ساھەسىگە قوشقان ئەڭ چوڭ تۆھپىسى ئىكەنلىكى ھەققىدە نۇرغۇن ئىلمىي ماقالىلەرنى ئېلان قىلغان ئىدى. لېكىن يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، بىر قىسىم خىتاي «تەتقىقاتچىلىرى» مەھمۇد كاشغەرى ھەققىدە قالايمىقان سەپسەتىلەرنى ئوتتۇرىغا چىقىرىشقا باشلىغان.
شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېت غەربىي-شىمال ئاز سانلىق مىللەتلەر تەتقىقات بازىسىنىڭ خىتاي پروفېسسورى گاۋ بو «شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمىي ژۇرنىلى» نىڭ خىتايچە 2019-يىللىق 1-سانىدا «‹دىۋانى لۇغەت-تىت تۈرك› نىڭ ئاپتورى ۋە ئۇنىڭ مازىرى توغرىسىدىكى گۇمان ۋە ئويلىنىشلار» سەرلەۋھىلىك بىر پارچە ماقالە ئېلان قىلغان بولۇپ، ئۇ ماقالىسىدە مەھمۇد كاشغەرىنىڭ «ئۇيغۇر» ئىكەنلىكىگە ۋە ئۇنىڭ قەشقەردىكى مازىرىنىڭ مەھمۇد كاشغەرىگە ئائىت ئىكەنلىكىگە گۇمان تۇغدۇرۇشقا ئۇرۇنغان. خىتاي دائىرىلىرىمۇ يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان مەخسۇس ھۆججەتلىك فىلىم ئىشلەپ، ئۇيغۇرلارنى «تۈرك» ئىرقى بىلەن باغلىنىشى يوق، دېگەندەك سەپسەتىلەرنى تەشۋىق قىلىشقا باشلىغان.
تۈركىيەدىكى ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتى تۈرك دۇنياسى تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى فىكرەت تۈركمەن ئەپەندى بۇ ھەقتە ناھايىتى قاتتىق پوزىتسىيە بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: «‹تۈركىي تىللار دىۋانى› بىر تورغا ئوخشاش پۈتكۈل تۈركىي تىللارنى بىر يەرگە توپلىغان مۇھىم بىر ئەسەر بولغاچقا، ھەر دائىم دۈشمەنلىرىمىزنىڭ ‹ھۇجۇم نىشانى› بولۇپ كەلگەن. ئۇلار مۇمكىن قەدەر تۈرك دۇنياسىنى بۇ ئەسەردىن يىراق تۇتۇشقا تىرىشقان. كۈنىمىزدە خىتاي ھۆكۈمىتى ئوچۇق-ئاشكارا ھالدا ئۇيغۇرلارغا سىلەر ‹تۈرك› ئەمەس دېيىش ئارقىلىق، ئۇيغۇرلارنى ‹تۈركى تىللار دىۋانى› دىن، چوڭ ‹تۈرك› ئائىلىسىدىن ئايرىپ، باشقا بىر كىچىك مىللەت، باشقا بىر كىچىك توپلۇق ھالىتىگە چۈشۈرۈپ قويماقچى بولۇۋاتىدۇ.»
ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «مەھمۇد كاشغەرىنىڭ ‹تۈركى تىللار دىۋانى› دا تۈركلەر ھەققىدە ئېيتقان ھەر بىر سۆزى ھازىرغىچە ئۆز كۈچىنى كۆرسىتىۋاتىدۇ. ئەگەر خىتايلارنىڭ نېمىشقا مەھمۇد كاشغەرىنىڭ ئىزىنى يوقىتىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى بىلمەكچى بولساق، ‹تۈركى تىللار دىۋانى› نى قايتىدىن ئەستايىدىل ئوقۇپ چىقىشىمىز كېرەك.»
دوكتور ئابلەت سەمەت ئەپەندى «تۈركىي تىللار دىۋانى» نىڭ ئۇيغۇر تەتقىقاتچىلار ئارىسىدا ناھايىتى كۆپ ئەجىر بىلەن كۆڭۈل قويۇپ تەتقىق قىلىنغانلىقى ھەققىدە توختالدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇر تەتقىقاتچى-ئالىملار ھېچقانداق بىر مىللەتتە كۆرۈلمەيدىغان بىر قىزغىنلىق بىلەن كېچە-كۈندۈز ئىجتىھات بىلەن ‹تۈركى تىللار دىۋانى› ھەققىدە تەتقىقات ئېلىپ بارغان ئىدى.»
شۇنداق، ئۇيغۇرلارنى ۋە پۈتكۈل تۈرك دۇنياسىنى ئۆزىنىڭ شاھانە ئەسىرى «تۈركى تىللار دىۋانى» ئارقىلىق بىرلىككە كەلتۈرگەن، پەخىرلەندۈرگەن بۈيۈك ئۇيغۇر ئالىمى مەھمۇد كاشغەرىنىڭ تۇغۇلغان ۋە مازارى يەرلەشكەن قەشقەردىكى ئىزلىرى خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن نۆۋەتتە ئۆچۈرۈلمەكتە. تارىخشۇناشلار، مەدەنىيەتشۇناسلار ۋە تىلشۇناسلار 21-ئەسىردە ئۇيغۇرلار ۋەتىنىدە داۋام قىلىۋاتقان بۇ مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىدىن قاتتىق غەزەپلەنمەكتە.
«تۈركىي تىللار دىۋانى» ھەققىدە مەخسۇس تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىپ كېلىۋاتقان تۈركولوگ ئەخمەت بىجان ئەرجىلاسۇن ئەپەندى تۈرك دۇنياسىنىڭ ئورتاق مىراسى بولغان «تۈركى تىللار دىۋانى» نىڭ ئاپتورى مەھمۇد كاشغەرىگە قىلىنىۋاتقان بۇ ھۆرمەتسىزلىككە مۇستەقىل تۈرك جۇمھۇرىيەتلىرى بىرلىشىپ كەسكىن ئىپادە بىلدۈرۈشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «تۈركى دۆلەتلەر بىرلەشكەن ۋاقىتتا كۈچلۈك بولىدۇ. قەيەردە بولسۇن، ئۆزىمىزگە ئائىت مىراسلىرىمىز ئىگە چىقىشىمىز كېرەك. ئەگەر ئۇنداق بولمايدىكەن، بۈگۈن ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كەلگەن بۇ قىسمەتلەر ئەتە قازاقلارنىڭ، ئۆزبەكلەرنىڭ بېشىغا كېلىدۇ. شۇڭا تۈركى مىللەتلەر ئەقلىنى ئىشلىتىشى، قېرىنداشلىرىنى قوغدىشى كېرەك.»
يۇقىرىدا دېيىلگەندەك چېگرىداش ۋە قېرىنداش تۈركىي دۆلەتلەر ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان بۇ مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىغا ئاۋاز چىقىرارمۇ؟ تۈركىي دۆلەتلەر ئىچىدىكى ئەڭ كۈچلۈك ۋە يېتەكچى دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن تۈركىيەنىڭ بۇ مەسىلىگە بولغان پوزىتسىيىسى قانداق؟ بۇ مەسىلىلەر ھەققىدە كېيىنكى پروگراممىمىزدا تەپسىلىي مەلۇمات بېرىمىز.