خەلقئارالىق مەھمۇد قەشقەرى ھېكايە يېزىش مۇسابىقىسىنىڭ مۇكاپاتلىرى تارقىتىلدى

0:00 / 0:00

مەھمۇد قەشقەرىنىڭ قەشقەر ئوپالدىكى ھەيكىلى ئېلىپ تاشلانغان بۈگۈنكى كۈندە خەلقئارالىق مەھمۇد قەشقەرى ھېكايە يېزىش مۇسابىقىسىدا نەتىجىگە ئېرىشكەنلەرگە مۇكاپات تارقىتىلدى. بۇ يىل 6-قېتىملىقى ئۆتكۈزۈلگەن بۇ مۇسابىقىگە تۈركىيە، ئەزەربەيجان، بالقان، باشقۇرتىستان، ئۇيغۇر، مولدوۋىيە گاگاۋۇزلىرى، ئىراق، ئىران، ئافغانىستان ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرىدىن بولۇپ كۆپ ساندا كىشى قاتناشقان ئىدى. ئەزەربەيجانلىق نەرىمان ئابدۇراھمانلى ئەپەندى يازغان «خارابىلار ئاستىدىكى ئەسلىمىلەر» ماۋزۇلۇق ھېكايىسى بىرىنچىلىككە، تۈركىيەلىك ئارزۇ توپراق خانىم يازغان «دۇنيانىڭ بىر بۇرچىكىدە» ماۋزۇلۇق ھېكايەسى ئىككىنچىلىككە، ئىراقنىڭ تۈركمەن ئېلى ۋىلايىتىدىن كەمال باياتلى ئەپەندى يازغان «ئاشىقنىڭ بىلىنمىگەن ئەھۋالى» ماۋزۇلۇق ھېكايەسى ئۈچىنچىلىككە ئېرىشكەن.

تۈركىيە، ئوتتۇرا ئاسيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرى ۋە ھەرقايسى تۈركىي مىللەتلەرنىڭ تونۇلغان يازغۇچىلاردىن تەركىپ تاپقان باھالاش ھەيئىتى تەرىپىدىن ھېكايىلار باھالىنىپ چىقىلغان.

نەتىجىگە ئېرىشكەنلەرنىڭ مۇكاپاتلىرى 12-ئاينىڭ 29-كۈنى تور ئارقىلىق ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىمدا تۈركىيەدىكى ياۋرو-ئاسيا يازغۇچىلار ئويۇشمىسىنىڭ رەئىسى ياقۇپ ئۆمەرئوغلۇ ئەپەندى تەرىپىدىن تارقىتىپ بېرىلگەن. مۇراسىمغا ئەزەربەيجان، قازاقىستان ۋە سىپرۇس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنىڭ يازغۇچىلار ئۇيۇشمىسى رەئىسلىرى ئىشتىراك قىلغان.

بىز 6-نۆۋەتلىك خەلقئارالىق مەھمۇد قەشقەرى ھېكايە يېزىش مۇسابىقىسىنىڭ مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمى ۋە مۇكاپاتلانغان ئەسەرلەرنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلەش ئۈچۈن ياۋرو-ئايسا يازغۇچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى ياقۇپ ئۆمەرئوغلۇ ئەپەندى ۋە بەزى ئۇيغۇر زىيالىلىرىغا مىكروفونىمىزنى ئۇزاتتۇق.

ئۇ بۇ قېتىمقى مۇسابىقىگە 23 دۆلەت ۋە رايوندىن تۈركىي خەلقلەردىن يازغۇچىلارنىڭ ئىشتىراك قىلغانلىقىنى بايان قىلىپ. مۇنداق دېدى: «6-نۆۋەتلىك مەھمۇد قەشقەرى ھېكايە يېزىش مۇسابىقىسىنىڭ بۇرۇنقى مۇسابىقىلارغا ئوخشىمايدىغان تەرىپى شۇكى، بۇ يىل مەزكۇر مۇسابىقىگە ھېكايە ئەۋەتكەن دۆلەتلەرنىڭ سانى ئەڭ كۆپ بولدى. 23 تۈركىي مىللىتىنىڭ يازغۇچىلىرى ھېكايە ئەۋەتتى. بۇلارنىڭ ئىچىدىن بەزى تۈركىي مىللەتلەر بۇ مۇسابىقىگە تۇنجى قېتىم قاتناشتى. مەسىلەن، ئىراندىكى قاشقايى تۈركلىرى بىلەن ئافغانىستاندىكى ئۆزبەكلەر مۇسابىقىگە بۇ يىل تۇنجى قېتىم قاتناشتى. 23 دۆلەت ۋە رايوندىن كۆپلىگەن يازغۇچىلارنىڭ قاتنىشىشى بىزنى قاتتىق خۇرسەن قىلدى.»

ياۋو-ئاسيا يازغۇچىلار بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ياقۇپ ئۆمەرئوغلۇ ئەپەندى خىتاينىڭ مەھمۇد قەشقەرىنىڭ ھەيكىلىنى ئوپالدىن ئېلىۋەتكەنلىكىنى قاتتىق ئەيىبلەيدىغانلىقىنى بايان قىلىپ، مۇنداق دېدى: «مەھمۇد قەشقەرىنىڭ ھەيكىلىنى چېقىۋېتىش ئىنتايىن خاتا بىر ئىش. چۈنكى مەھمۇد قەشقەرىنىڭ بۈيۈك ئەسىرى تۈركىي خەلقلەرنىڭلا ئەمەس، بەلكى پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق مەدەنىيەت مىراسىدۇر. 2008-يىلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مەھمۇد قەشقەرىنىڭ ‹دىۋان لۇغەت-تىت تۈرك› ناملىق مەشھۇر ئەسىرىنى ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق مىراسى تىزىملىكىگە كىرگۈزگەن ئىدى. بۇنداق مۇھىم بىر شەخىسنىڭ ھەيكىلىنىڭ ئېلىپ تاشلىنىشى بەكلا خاتا. ئۇ ھەيكەل مەھمۇد قەشقىرىنى بەك ياخشى ئەكس ئەتتۈرگەن ھەيكەل ئىدى. بىزمۇ ئۇ ھەيكەلنى مەھمۇد قەشقەرى ھېكايە يېزىش مۇسابىقىسىنىڭ ئېلانىدا ئىشلىتىۋاتىمىز.»

بىزنىڭ بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ باش كاتىپى پەرھات قۇربان ئەپەندى مەھمۇد قەشقەرىنىڭ «تۈركىي تىللار دىۋانى» ناملىق ئەسىرىدە بارلىق تۈركىي قەۋىملەرنىڭ تىلى، تارىخى، ئۆرپ-ئادەتلىرى، داستان ۋە قوشاقلىرى توغرىسىدا مەلۇمات بەرگەنلىكىنى، شۇڭا بۇ ئەسەرنىڭ پۈتۈن تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئورتاق مىراسى ئىكەنلىكىنى، خىتاي ھەيكىلىنى چېقىۋەتسىمۇ، ئەمما تۈركىي مىللەتلەرنىڭ مەھمۇد قەشقەىگە بولغان سۆيگۈسىنى يوق قىلالمايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئۇ ئاخىرىدا بۇ ھەيكەلنىڭ قايتا تىكلىنىشى ئۈچۈن مۇستەقىل تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرى ۋە تۈركىي خەلقلەرنىڭ خىتايغا بېسىم پەيدا قىلىشى كېرەكلىكىنى بايان قىلدى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى پەن، مائارىپ ۋە مەدەنىيەت كومىتېتى 2008-يىلىنى «مەھمۇد قەشقەرى يىلى» دەپ ئېلان قىلغاندىن كېيىن، تۈركىيە ياۋرو-ئاسىيا يازغۇچىلار جەمئىيىتى، خەلقئارالىق مەھمۇت قەشقىرى ھېكايە يېزىش مۇسابىقىسىنى تەسىس قىلىپ، ئىككى يىلدا بىر قېتىم بۇ مۇسابىقىنى ئۆتكۈزۈپ كەلمەكتە.