20 يىللىق كېسىلگەن مەھمۇتجان مەمەتنىڭ كورلا تۈرمىسىدە ئېغىر كېسەل ئىكەنلىكى دەلىللەندى

0:00 / 0:00

نۆۋەتتە تۈركىيەدە ياشاۋاتقان كورلالىق مۇھاجىر كىفايە خانىم، يېقىندا كورلا تۈرمىسىدە جازا ئۆتەۋاتقان يولدىشى مەخمۇتجان مەمەتنىڭ ئېغىر كېسەل ئىكەنلىكى ھەققىدە ئۇچۇر ئالغان ۋە يولدىشىنىڭ ھاياتى بىخەتەرلىكىدىن قاتتىق ئەندىشىلەنگەن. مۇخبىرىمىزنىڭ كورلادىكى ئالاقىدار ئورگانلارغا قارىتا تېلېفون زىيارەتلىرى داۋامىدا، مەخمۇتجان مەمەتنىڭ سالامەتلىكىدە ئېغىر مەسىلە كۆرۈلگەنلىكى دەلىللەندى.

نۆۋەتتە تۈركىيەدە 6 بالىسى بىلەن بىرلىكتە ياشاۋاتقان كىفايە ئېھسان خانىمنىڭ رادىيومىزغا بايان قىلىشىچە، ئۇ پەرزەنتلىرىنى ئوقۇتۇش ئۈچۈن 2015‏-يىلى يولدىشى مەخمۇتجان مەمەت بىلەن بىرلىكتە تۈركىيەگە كەلگەن. مەخمۇتجان 2016‏-يىلى ھەج سەپىرىدە تۈركىيەگە كەلگەن ئانىسىنى يۇرتىغا ئاپىرىپ قويۇش ئۈچۈن كورلاغا قايتقان ۋە قايتىپ بارغان ھامان پاسپورتى تارتىۋېلىنغان؛ 2017-يىلى تۇتقۇن قىلىنىپ كېسىۋېتىلگەن. ئۆتكەن يىلىدىكى ئېنىقلاشلىرىمىزدا، ئۇنىڭ پىلاندىن سىرت پەرزەنت كۆرگەنلىكى، پەرزەنتلىرىنى دىندا ئوقۇتقانلىقى ۋە تۈركىيە سەپىرى قاتارلىق سەۋەبلەر بىلەن 20 يىللىق كېسىلگەنلىكى دەلىللەنگەن ئىدى. كىفايە خانىمنىڭ بۇ قېتىم رادىيومىزغا بىلدۈرۈشىچە، ئۇ يېقىندا يولدىشىنىڭ تۈرمىدە جىگەر كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلىقى ۋە بىر قاتار ئەگەشمە كېسەللىكلەر بىلەن ھاياتىنىڭ خەۋپ ئاستىدا قالغانلىقى ھەققىدە ئۇچۇر ئالغان.

تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان كورلا شەھەرلىك تۈرمە باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ بىر خادىمى، مەخمۇتجان مەمەتنىڭ سالامەتلىكىدە ئېغىر مەسىلە كۆرۈلگەنلىكىدىن خەۋەر تاپقانلىقى، ئەمما كېسىلىنىڭ ئېنىق دىياگنوزىدىن خەۋەرسىزلىكىنى ئېيتتى.

مەلۇم بولۇشىچە، كىفايە خانىم مۇھاجىرەتتىكى بارلىق ئۇيغۇرلارغا ئوخشاشلا 2017-يىلدىن كېيىن ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن بىۋاسىتە ئالاقىلىشىش ئىمكانىدىن مەھرۇم قالغان. يولدىشىنىڭ كېسىلى ھەققىدىكى بۇ ئەنسىز ئۇچۇر ئۆزى ۋە پەرزەنتلىرىنى پەرىشان قىلغان. بىز كورلادىكى مەزكۇر تۈرمە خادىمدىن مەخمۇتجان مەمەتنىڭ كورلادىكى ئائىلە-تاۋابىئاتىنىڭ مەخمۇتجاننىڭ سالامەتلىك مەسىلىسىدىن خەۋىرى بار-يوقلۇقى ۋە تۈرمە سىرتىدا داۋالىتىشنى تەلەپ قىلغان-قىلمىغانلىقىنى سورىدۇق. بۇ خادىم، بۇ ئەھۋالدىنمۇ خەۋەرسىزلىكىنى ئېيتتى.

كىفايە خانىمنىڭ دېيىشىچە، مەخمۇتجان مەمەتنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشتىن بۇرۇن سالامەتلىكىدە ھېچقانداق مەسىلە يوق بولۇپ، كورلا شەھەرلىك يېزا-ئىگىلىك ئىدارىسىدىكى خىزمىتىدىن ۋاقىتلىق توختاپ سودا-كارخانىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ئىكەن. ئۇ تۇتقۇن قىلىنغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئىگىلىكىدىكى نەشپۈت بولىقى كارخانىسىغا قۇلۇپ سېلىنغان. نەتىجىدە ئۇنىڭ 6 قېرىندىشىنىڭ كورلادىكى ئائىلىلىرى ۋە ئۆزىنىڭ تۈركىيەدىكى ئائىلىسى ئاساسلىق كىرىم مەنبەسىدىن ئايرىلىپ قالغان.

تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان كورلا تۈرمە دوختۇرخانىسىنىڭ بىر خادىمى، مەخمۇتجان مەمەتنىڭ جىگەر كېسىلى، يۈرەك كېسىلى ۋە قان بېسىم كېسىلى قاتارلىق بىرقانچە خىل كېسەلگە گىرىپتار بولغانلىقىنى ھەمدە ئەھۋالىنىڭ ئېغىرلىقىنى دەلىللىدى.

يولدىشىنىڭ سالامەتلىكىدە ئەسلىدە ھېچقانداق مەسىلە يوقلۇقىنى تەكىتلىگەن كىفايە خانىم، خەلقئارادىكى ئالاقىدار ئورگانلارنى يولدىشىنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىغا كۆڭۈل بۆلۈشكە ۋە خىتاي تەرەپكە بېسىم ئىشلىتىپ، يولدىشىنىڭ تۈرمە سىرتىدا داۋالىنىشىغا ياردەم بېرىشكە چاقىردى.

ئىلگىرىكى ئېنىقلاشلىرىمىزدا مەخمۇتجان مەمەتنىڭ قېرىنداشلىرى ۋە ئاپىسى بولۇپ بىر ئائىلىدىن 7 كىشى كېسىۋېتىلگەنلىكى دەلىللەنگەن؛ ئاپىسى 78 ياشلىق خەلچەم پازىلنىڭ بۇ يىل سانجى تۈرمىسىدە ئېغىر كېسەل بولغاندىن كېيىن داۋالىنىش ئۈچۈن ئائىلىسىگە قايتۇرۇلغانلىقى مەلۇم بولغان ئىدى.