رەسسام مېھرىئاي پىدا: «رەسىملىرىمدە كۆچمەنلەر ھاياتىدىكى بېسىملار ئەكس ئەتتۈرۈلدى»

0:00 / 0:00

يېقىندا ئامېرىكا ئۇنىۋېرسىتېتى مۇزېيخانىسىدا «2020-يىللىق پرېزىدېنت سايلىمى ھارپىسىدىكى كۈزلۈك رەسىم كۆرگەزمىسى» ئۆتكۈزۈلدى. مەلۇم بولۇشىچە بۇ ئامېرىكا ئۇنىۋېرسىتېتى مۇزېيخانىسى تەرىپىدىن ھەر تۆت يىلدا بىر قېتىم ئامېرىكا پرېزىدېنت سايلىمى ھارپىسىدا ئۆتكۈزۈلۈپ كېلىنىۋاتقان مەخسۇس تېمىدىكى كۆرگەزمە ئىكەن. بۇ يىللىق كۆرگەزمە ئامېرىكادا ئېلىنغان كورونا ۋىرۇسى يۇقۇمىغا قارشى كارانتىن تەدبىرلىرى سەۋەبلىك توردا ئۆتكۈزۈلگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتتا ئۆتكۈزۈلگەن 2020-يىللىق كۈزلۈك رەسىم كۆرگەزمىسىگە ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر رەسسام مېھرىئاي پىدانىڭ كۆچمەنلەرنىڭ مۇساپىرلىق ھاياتىدىكى بېسىملار تېما قىلىنغان رەسىملىرى قويۇلۇپ، زور قىزىقىش قوزغىغان ۋە مۇتەخەسسىسلەرنىڭ يۇقۇرى باھاسىغا ئېرىشكەن.

Mehray-Pida-Waqit-We-Boshluq2.jpg
مېھرىئاي پىدا خانىمنىڭ «ۋاقىت ۋە بوشلۇق 2» ناملىق ئەسىرى.

مەزكۇر كۆرگەزمىدە ئامېرىكادىكى ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى ۋە تارخچى ئېدۋارد لۇتۋاك ئەپەندى ئۇيغۇر رەسسام مېھرىئاي پىدانىڭ رەسىملىرىنى تونۇشتۇرۇپ، مۇنداق دېگەن: «ئامېرىكادىكى ھازىرقى زامان رەسساملىرىنىڭ بىرى بولغان مېھرىئاي پىدا ئەسەرلىرىدە ئۆزىگە خاس سەنئەت ئالاھىدىلىكىنى ئەكس ئەتتۈرگەن. مەن ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنى كۆرگەن چېغىمدا، ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدە ئۇ تەۋە بولغان كۆپ قاتلاملىق مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكلىرىنىڭ ئەكس ئەتكەنلىكىنى ھېس قىلماي تۇرالمايمەن، بۇ جەھەتتە ئۇ ئۆزىنىڭ ئەسەرلىرىدىن ۋە تالانتىدىن پەخىرلەنسە بولىدۇ.»

ئېدۋارد لۇتۋاك ئەپەندى مېھرىئاي پىدانىڭ ئەسەرلىرى ھەققىدە يازغان باھاسىدا يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رەھىمسىز باستۇرۇشىغا ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايدىن پەرقلىق بولغان، شانلىق مەدەنىيەتكە ئىگە بىر مىللەت ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تىلغا ئالغان.

ئۇ مۇنداق دېگەن: «بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايدا ئېتىراپ قىلىنغان باشقا 55 مىللەتتىن پەرقلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. ئۇيغۇرلار فولكلور نۇقتىسىدىن ئالغاندا، خىتاي مەدەنىيىتى بىلەن يۈزلەشكەندىن باشقا، ئوتتۇرا دېڭىز رايونىدىن كەلگەن نېستۇرىيان دىنىنىڭ، ھىندىستاندىن تارقالغان بۇددا دىنىنىڭ، غەربىي ئاسىيادىن تارقالغان ئىسلام دىنىنىڭ تەسىرىنى قوبۇل قىلغان. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇلارنىڭ دۇتتار بىلەن ئورۇنلانغان داستانلىرىدا ئەكس ئەتتۇرۇلگەن. ئىككى تارىلىق، ئۇزۇن بويۇنلۇق بۇ چالغۇ يۇقىرى ماھارەت تەلەپ قىلىدۇ. بۇ داستانلاردا ئۇلار ئۇچراۋاتقان زۇلۇمنىڭ دەھشىتىنى ھېس قىلىش مۇمكىن. بۇلاردا زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچىلارنىڭ كەيپىياتى ئىپادىلەنگەن. ھەتتا ھۆكۈمەتنىڭ يېرىم ساۋاتسىز ساقچىلىرى ۋە ئەسكەرلىرىمۇ بۇنىڭدىن ھوزۇر ئالىدۇ، بۇ خىل بۈيۈك مەدەنىيەتتىن كۆڭۈل ئاچىدۇ، ئۇلار بۇ خىل مەدەنىيەت ئەۋزەللىكىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان.»

مەزكۇر رەسىم كۆرگەزمىسىنىڭ توردا ئېلىپ بېرىلغان ئېچىلىش مۇراسىمىغا رىياسەتچىلىك قىلغان ئامېرىكا ئۇنىۋېرسىتېتى مۇزېيىنىڭ دىرېكتورى جاك راسموسسىن ئەپەندى، كۆرگەزمىنىڭ 2020-يىللىق پرېزىدېنت سايلىمى ھارپىسىدا «كۆچمەنلەر مەسىلىسى ۋە يەر شارى ھاۋا كېلىماتىنىڭ بۇزۇلۇشىنىڭ ئىنسانلارغا ئېلىپ كەلگەن تەھدىتى» تېمىسىغا بېغىشلانغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ يەنە بۇ يىللىق كۆرگەزمىگە ئەسەرلىرى تالانغان سەنئەتكارلارنى تونۇشتۇرغاندا، مېكسىكالىك فوتوگراف ئالان گېرسون ۋە خىتايدىن ئامېرىكاغا كۆچمەن بولۇپ يەرلەشكەن ئۇيغۇر رەسسام مېھرىئاي پىدانىڭ ئەسەرلىرىنى ئالاھىدە تىلغا ئالغان. مېھرىئاي پىدانىڭ رەسىملىرىدە كۆچمەنلەر ئۇچراۋاتقان كىرىزىس تېما قىلىنغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

كۆرگەزمىگە رەسىمى تاللانغان مېھرىئاي پىدا خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مەزكۇر كۆرگەزمىگە 14 ئاي ئىچىدە سىزىپ تاماملىغان ئەسەرلىرىدىن 6 پارچە رەسىمىنىڭ قويۇلغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە بۇ رەسىملەردە ئەكس ئەتتۈرۈلگەن تېما ھەققىدە توختالدى.

مېھرىئاي خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدە ۋەتىنىدىن ئايرىلىپ مۇساپىرچىلىق ھاياتىدا ياشاۋاتقان كۆچمەنلەر. ئۇلارنىڭ ئۆز ۋەتىنىدە ۋە كۆچمەنلىك ھاياتىدا دۇچ كەلگەن ھەر خىل بېسىملار ئەكس ئەتكەن ئىكەن.

مېھرىئاي پىدا خانىم بۇ قېتىم ئامېرىكا ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلگەن رەسىم كۆرگەزمىگە ئۆزىگە ئوخشاش بىر ئۇيغۇر رەسسامنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ تاللىنىشىدىن شەرەپ ھېس قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

مېھرىئاي پىدا خانىم نۆۋەتتە ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەردە كۆچمەنلەر مەسىلىسى مۇھىم تېمىلارنىڭ بىرىگە ئايلانغان بىر مەزگىلدە، ئۆزىگە ئوخشاش ئامېرىكادا كۆچمەن بولۇپ ياشاۋاتقان بىر ئۇيغۇر رەسسامنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ كۆرگەزمىگە تاللىنىشى، 15 يىللىق تىرىشچانلىقىنىڭ نەتىجىسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، بۇ قېتىمقى كۆرگەزمىدىن نۆۋەتتە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا كۆچمەنلىك ھاياتىدا ياشاشقا مەھكۇم بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ دۇنيانىڭ دىققەت نۇقتىسى بولۇۋاتقانلىقىنى ۋە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ ئامېرىكا ۋە ياۋروپا دۆلەتلىرىدە كۆڭۈل بۆلۈشكە تېگىشلىك مۇھىم تېمىلارنىڭ بىرىگە ئايلانغانلىقىنى كۆرۈۋېلىش مۇمكىن ئىكەن.