يېڭىسار ناھىيەسىنىڭ ھاكىمى، ناھىيەلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن سېكرىتارى مېھرىگۈل ئۆمەر «ئىنتىزام ۋە قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش» بىلەن ئەيىبلىنىپ، خىتاي ئىنتىزام تەكشۈرۈش ۋە رىۋىزىيە دائىرىلىرى تەرىپىدىن تەكشۈرۈش ئاستىغا ئېلىنغان. ئۇ خىتاينىڭ 2017-يىلى باشلانغان چوڭ تۇتقۇنىدىن بۇيانقى 3-4 يىل مابەينىدە تەكشۈرۈش ئاستىغا ئېلىنغان نۇرغۇن ئۇيغۇر ھۆكۈمەت كادىرىنىڭ بىرىدۇر. تەكشۈرۈشنىڭ قانداق نەتىجىلىنىدىغانلىقى مەلۇم بولسىمۇ، لېكىن ئىلگىرى تەكشۈرۈش ئاستىغا ئېلىنغان ئۇيغۇر كادىرلىرىنىڭ ئاساسەن ھەممىسى ئالدى بىلەن ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىنىپ، ئاندىن جازالانغان.
كۆزەتكۈچىلەر، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر كادىرلىرىنى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىشى ۋە جازالىشى، خەلقئارادا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئەيىبلىنىۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش ھەركىتىنىڭ بىر پارچىسى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلدى. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش ۋە رىۋىزىيە كومىتېتىنىڭ ئۇقتۇرۇشىدا، مېھرىگۈل ئۆمەرنىڭ «ئىنتىزام ۋە قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىشقا چېتىلىپ، نۆۋەتتە ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام ۋە رىۋىزىيە كومىتېتى تەرىپىدىن تەقىپ ئاستىغا ئېلىنغانلىقى ۋە تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقى» نى بىلدۈرگەن، ئەمما ئۇنىڭ ئىنتىزام ۋە قانۇنغا قانداق خىلاپلىق قىلغانلىقى ھەققىدە ھېچقانداق چۈشەندۈرۈش بەرمىگەن.
بۇ يىل 54 ياشلىق مېھرىگۈل ئۆمەرنىڭ خىزمەت ھاياتى 1985-يىلى قەشقەر دارىلمۇئەللىمىننى پۈتتۈرۈپ، 1987-يىلى قەشقەر كوناشەھەر ناھىيەسىنىڭ زەمىن يېزىسىدا باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى بولۇش بىلەن باشلانغان. ئۇ 33 يىللىق خىزمەت ھاياتىدا ئاياللار كادىرى، مۇئاۋىن بازار باشلىقى، ناھىيەلىك ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، پىلانلىق تۇغۇت ئىدارىسىنىڭ باشلىقى، تەشۋىقات بۆلۈمى باشلىقى ۋە ناھىيەلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش سېكرىتارى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. مېھرىگۈل ئۆمەر 2012-يىلدىن بېرى يېڭىسار ناھىيەسىنىڭ ھاكىمى، ناھىيەلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن سېكرىتارى ۋەزىپىسىنى ئۆتەپ كەلگەن.